خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(9)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

شۇ يىللاردا قەشقەر تەۋەسىدىكى ھەر بىر ئائىلىدىن كەم دېگەندەك بىرەر ئادەمنىڭ رۇسىيىگە بېرىپ ئىشلەش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى[6].  ئۇيغۇرلار پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  بۇ جايلارنى،  قىسقىسى پۈتۈن ئۆزبېكىستاننى  قىسقارتىپ، << ئەنجان>> دەپلا ئاتايتتى.  بۇ چاغلاردا  ئۇيغۇرلارنىڭ قەدەملىرى تاشكەنتتىن تارتىپ  يىراق ياۋروپا شەھەرلىرى ھەتتا موسكۋا، قازان، ئورېنبۇرگ، سانكىتپېتىربۇرگقىچە يېتىپ بېرىپ، مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى شۇ جايلاردىكى  زاۋۇت ، كارخانا قاتارلىق جايلاردا قارا خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى.

20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن تاكى 20-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە تەخمىنەن 30 يىل داۋاملاشقان بۇ  جەرياندا  يەنە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ( قەشقەرلىكلەر) پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي تۈركىستان رايونىدا يەرلىشىپ قالدى.

بۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردا يەرلىشىپ قېلىشى تاكى 1920-يىللىرىنىڭ  ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشتى.  

 

5-قېتىملىق كۆچۈش باسقۇچى:( 1954-1963-يىللىرى)

 

ئۇيغۇرلارنىڭ بەشىنچى  قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش دولقۇنى 20-ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا قوزغالدى.  بۇ كۆچۈشنىڭ سەۋەب ئامىللىرى يەنىلا ئالدى بىلەن  سىياسىي، مىللەت ۋە ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.  بۇ دەۋردىكى كۆچۈش ئىككى خىل تۇس ئالدى، بىرى رەسمىي سوۋېت پۇقرالىقى پاسپورتى بىلەن ئائىلىۋى ھالدا كۆچۈش، بۇ قەدەم-قەدەم ۋە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتى. يەنە بىرى ئاممىۋى يوسۇندان چېگرىدىن قېچىپ ئۆتۈش بولۇپ، بۇ 1962-يىلى يۈز بەردى. بۇ كۆچۈشكە 9 ناھىيىنىڭ ئادەملىرى قاتناشقان بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ 60 مىڭ  ئادەمنىڭ سوۋەت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكىنى ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.

بىراق رۇس مەنبەلىرى 1962-يىلى، 66 مىڭ 500 ئادەمنىڭ قانۇنسىز ھالدا سوۋېت-جۇڭگو چېگرىسىدىن ئۆتكەنلىكىنى، 1963-يىلى، ماي ئېيىدا بولسا، يەنە  46 مىڭ ئادەمنىڭ  شىنجاڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۇپ،  ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنىڭ قازاقىستانغا ئورۇنلاشقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ(6). جۇڭگو مەنبەلىرى  1954-1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ پاسپورت  ۋە قېچىش ئۇسۇلى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان بولۇپ،   جۇڭگو مۇتەخەسىسى لى دەنخۇينىڭ  كۆرسىتىشىچە، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئېنىق سانلىق مەلۇماتىغا تايانغاندا، 1954-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا   86890 سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھاجىرى ۋە ئۇلارنىڭ 45983 نەپەر ئائىلە -تاۋىئاباتلىرى  سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلدى.  1960-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  يەنە   8559 نەپەر سوۋېت مۇھاجىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 20907 نەپەر ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلاردىن باشقا  يەنە ھەر خىل سوۋېت ھۆججەتلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلەرمۇ بار.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار