خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(25)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42


بۇلاردىن باشقا يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن ،ئۇيغۇر تارىخچىسى گېگېل ئىسخاكوۋ، رۇس ئالىمى ئا.م. رېشېتوۋ ۋە ئا. ن. سېدلوۋسكايا  18-19-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىياغا قەشقەرىيىدىن 85مىڭدىن 160 مىڭغىچە ئادەم كۆچۈپ چىققان دەپ قارايدۇ[67].  بىراق، يەنە بىر سوۋېت ئالىمى  گ .ب. نىكولسكايا بولسا، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن قەشقەرلىكلەر 85مىڭدىن 165مىڭغىچە دەپ كۆرسىتىدۇ[68].
سابىق رۇس ۋە سوۋەت ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، 18-19-ئەسىرلەردىكى قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈش ھەرىكەتلىرىدە ئۇلار پەقەتلا پەرغانە ۋادىسىغىلا  تارقالغان بولماستىن بەلكى،  داۋاملىق تۈردە كۆچۈپ، تاشكەنت، كانىبادام، خوجەنت، سمەرقەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، بۇخارا، قاراتېگىن، ھەتتا ئەڭ يىراقتىكى خورەزىم ۋە شەرقىي بۇخارا قاتارلىق جايلارغىچە تارقالغان[69].  1897-يىلىدىكى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس تەكشۈرىشىدە  سەمەرقەند ئوباسلىتىدىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكىدىن كۆپ كۆرسىتىلىشى ، گەرچە ئەمەلىي سانغا ئۇيغۇن بولمىسىمۇ،  ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ   19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا  پەرغانە ۋادىسىدىن ئۆتۈپ، سەمەرقەند ۋە باشقا جايلارغىمۇ كۆپ تارقالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان پاكىتلارنىڭ بىرىدۇر.
    19-ئەسىرنىڭ  ئىككىنچى يېرىمىدا  پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە   ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ  رايوننىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا بەلگىلىك رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. بۇ كۆچمەن ئاھالىلار قەشقەرىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەشقەرىيىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بەزى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايونلارغا ئېلىپ بارغان ھەتتا ئۇلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى پەرغانىلىقلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. قەشقەرىيىلىكلەر ئارىسىدا قوقەنت  خانلىقىدا يۇقىرى مەرتىۋە بىلەن خىزمەت قىلغان مەمۇرىي ۋە ھەربىي شەخسلەرمۇ بولغان. قوقان خانى ئومەرخانىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بىرى  قەشقەرىيە مۇھاجىرلىرىدىن   يۈسۈپ تاغلىق، يەنى يۈسۈپ مىڭ باشى كاشغارى ئىدى.  يۈسۈپ تاغلىقنىڭ قىزىغا كېيىن قوقان خانى مەدەلىخان ئۆيلەنگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە  مەدەلىخاندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن خۇدايارخاننىڭ  ئاياللىرىدىن بىرى قەشقەرلىك ئىدى.   خۇدايارخان دەۋرىدە قوقان ئوردىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھەربىي خادىملارمۇ كوپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەسىرى بېرى يۇنۇس تاغلىق دەگەن كىشى ئىدى.خۇدايارخاننىڭ ئوردىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئەيسا ئەۋلىيا ئىسىملىك كىشى  بار ئىدى.
رۇسىيە  ئالىمى سېرگېي ئاباشىنننىڭ ھېساۋاتىچە، پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئاھالىسى 1870-يىللاردا كۆپ بولغاندا  بىر مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، 1897-يىلىغا كەلگەندە، پەرغانە  ئوبلاستىدا  بىر يېرىم مىليون ئاھالە ياشىغان. ئەگەردە  قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققان مۇھاجىرلار سانى ھەققىدىكى ئەڭ ئاز بولغان 85 مىڭ دەگەن مەلۇماتنى ھېسابلىغاندىمۇ، 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا  قەشقەرلىكلەر  پۈتۈن پەرغانىنىڭ ئولتۇراق ھاياتتىكى ئاھالىسىنىڭ 11-14%نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەگەردە 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 300 مىڭ ئۇيغۇر بار ئىدى دەگەن مەلۇمات بويىچە ھېسابلىغاندا، 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى زور بولۇپ، پۈتۈن پەرغانە ئاھالىسىنىڭ 40%-50%نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەگەردە پەرغانە ئاھالىسى رۇسلارنىڭ پەرغانىنى بېسىۋالغان پەيتلىرىدە 700-800 مىڭ ئەتراپىدا دەپ قارالسا، قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى چىقىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار