ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

ۋاقىت : 2015-05-16 17:12 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : تاشپولات روز | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

تاشپولات روزى
 
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

مەن ئەخەتجان ئابدۇللا ئۇكامنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئامېرىكادىكى ۋاقتىمدا ئۇققان ئىدىم. مەن بۇ يىل 3-ئايدىكى ياپونىيەگە قاراتقان تەتقىقات سەپىرىمدە، ئۇنىڭ بىلەن توكيودا كۆرۈشۈپ پىكىرلىشىپ سۆھبەتتە بولدۇم. ئۇيغۇرلاردىن ئايروپىلان ۋە ماشىنا ئادەم ياسىغانلارنىڭ چىققانلىقى كاتتا ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى دەل مۇشۇنداق تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ بولۇش بولماسلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش جەرياندا شۇنى بىلدىمكى، بۇ يىگىت ئۆزىگە ئاجايىپ ئارزۇلارنى پۈككەن بولۇپ، ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، دوكتورلۇقنى ياپونىيە ياكى ئامېرىكادا ئوقۇپ، دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بولۇپمۇ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن دۇنياغا تونۇلغان تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ قېلىش نىشانلىرىدا ئىكەن. مەن تېخى ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بۇ ياشنىڭ قەلبىگە پۈككەن ئارزۇلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم. شۇنى ئېنىق دېيىشكە بولىدۇكى بىر ئادەمدە ئېنىق نىشان ۋە ئېگىلىمەس روھ بولسا چوقۇم ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتەلەيدۇ. ئەمدى بىز بۇ يىگىت بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى! 
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

ئەخەتجان ئابدۇللا 1988-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى تۇرپان دارىلمۇئەللىمىندە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئاپىسى مۇنار باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇلار ئاكا ۋە ئاچا ئۈچ قېرىنداش بولۇپ، ئۇ ئۆينىڭ ئەڭ كىچىكى بولىدۇ. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاپىسى ئوقۇتقۇچىلىق  قىلىۋاتقان مۇنار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ دارىلمۇئەللىمىندىكى خىزمىتىدىن سىرت ئائىلە- ئېلېكتر سايمانلىرى رېمونت قىلىش ۋە رېمونتچىلىق كەسپى بويىچە تەربىيىلەش بىر گەۋدە قىلىنغان رېمونتخانىسى بار بولۇپ، دەل مۇشۇ يەر، دادىسى ئۆز خىراجىتى بىلەن تۇرپان بىرىنچى نومۇرلۇق ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ پۈتتۈرگەن ھەم يېڭى كەشپىياتلار ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان تەتقىقات ئورنى ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپلا دادىسىنىڭ رېمونتخانىسىغا يۈگۈرەتتى. ئۇ دەم ئېلىش ۋە تەتىل كۈنلىرىمۇ ئۇنى چۇۋۇپ، بۇنى قۇراشتۇرۇپ دېگەندەك رېمونتخانىدىكى ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى دۆۋىسى ئىچىدە ئۆتەتتى. ئۇنىڭ قىزىقىشىنى بايقىغان دادىسى ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئۇنى يېتەكلەشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويمايتتى. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقتىدا مەكتەپنىڭ مودېل ياساش مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم ئۆزى ياسىغان كىچىك تىپتىكى پىلانىرنى ئۇچۇرۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. بۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئۇ ئىجادىيەتلىرىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرىدۇ ھەم مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان پەن تېخنىكا پائالىيەتلىرىدە نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنى تۇرپان شەھەرلىك ئىككىنچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدىكى ۋاقتىدا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «بېيجىڭدىن ھالقىپ ئۆتۈش» ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە، ئۇ ياسىغان ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ ۋە كىچىكىدىن قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئايروپىلانغا بولغان ئوتتەك قىزىقىش نەتىجىسىدە ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنىڭ ھەممىسىگە ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئۇچقۇچىلىق كەسپىنى يازىدۇ. لېكىن ئۇ مەكتەپلەرگە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش سانى چەكلىك بولغاچ تاللىنالماي قالىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر يىل قايتا ئوقۇش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، دادىسى، ئاكا ئۈچەيلەن يېڭى تەتقىقاتنى باشلىۋېتىدۇ. بىر يىلدىن كۆپرەك قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئىككى كىشىلىك ماتورلۇق پاراشوت ياسايدۇ ۋە تۇنجى سىناق ئۇچقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تۇنجى ئۇچۇش سىنىقىدا 300 مېتىر ئېگىزلىكتە 25 مىنۇت ئۇچۇپ، ئۇچۇش سىنىقى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يىراق يېقىندىكىلەر ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرىپ كېتىپ يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى دېگۈدەك ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىدۇ. ئۇلارغا بىر نەچچە قېتىم پاراشوتتا ئۇچۇپ ئىزدىشىپ بېرىدۇ، لېكىن بۇ ئىزدەشلەرنىڭ ھەممىسى نەتىجىسىز بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان تەكلىماكان قۇملۇقى ناھايىتى كەڭرى ۋە كۆز يەتكۈسىز، ئۇلار ياسىغان پاراشوتىنىڭ ئېنېرگىيە مىقدارى چەكلىك ھەم خەتىرى كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك قۇملۇققا بەك ئىچكىرىلەپ كىرىشكە ئىمكانىيەت بولماي قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدا ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى خەتىرى ئاز بولغان ئىلغار تىپتىكى ئاپتوماتلاشقان ئىز قوغلاش سىستېمىلىق ماشىنا ئادەم ياكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ياساپ چىقىش ھەققىدە ئويلىنىپ قالىدۇ ۋە چەتئەلگە چىقىپ ماشىنا ئادەم تېخنىكىسىنى ئىگىلەش ئىستىكى پەيدا بولدى. شۇ سەۋەبلىك تىل تەربىيىلەش مەكتىپىگە بېرىپ ئۇيغۇر يېزىقىغا يېقىنراق بولغان ئەرەب تىلى ئۆگىنىشنى باشلىۋېتىدۇ.
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

ئاشۇ چاغلاردا ئۇ مەن ئالدىنقى قېتىملىق بىر يازمامدا تونۇشتۇرغان ھازىرقى توكيو تارىم ئۇيغۇر رېستۇرانىنىڭ قۇرغۇچىسى سىراجىدىن كېرەم بىلەن تۇرپاندا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ پاراڭلىشىپ قالىدۇ. سىراجىدىن ئۇنىڭ قىلىپ يۈرگەن تەجرىبىلىرى ۋە ياسىغان نەرسىلىرىدىن قىسقىچە خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ ئېلېكتر تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ياپونىيەگە چىقىپ ئوقۇشىنى ۋە ياپونىيە مائارىپىنىڭ ئىلغار تەرەپلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئەگەر ياپونىيەگە چىقىش ئارزۇسى بولسا مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەم يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەر قانداق ياردىمىنى ئايىماي خالىس ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى 
سولدىكى سىراجدىن

سىراجدىن ئۇكا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ئارقىلىق ئۇنىڭ ياپونىيەنىڭ مائارىپىغا بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، ۋە ھەرخىل ماشىنا ئادەم ۋە پاراشوت، ئايروپىلان تەتقىقاتىنى ئەرەب دۆلەتلىرى ئەمەس بەلكى پەن-تېخنىكا دۆلىتى بولغان ياپونىيەگە چىققاندىلا ئەۋزەل شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ياخشى نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىدۇ ۋە ئەرەب تىلىنى توختىتىپ ياپون تىلى ئۆگىنىشنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ ياپونىيەگە چىقىپ ئوقۇش رەسمىيەتلىرىنى سىراجىدىننىڭ ياردىمىدە ئوڭۇشلۇق بېجىرىپ 2010- يىلى 4-ئايدا توكيودىكى «شىنجۇكۇ خەلقئارالىق تىل تەربىيىلەش مەكتىپى»گە كېلىپ ئوقۇيدۇ.
ئۇ ئىككى يىل جەريانىدا تىل ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئىجادىيەتلىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ. 2010-يىلى 11-ئايدا سىراجىدىن قىزى توكيودا تۇغۇلىدۇ. ئۇلار بوۋاقنى يۇرتتىن ئەكەلدۈرگەن بۆشۈككە بۆلەپ باقاتتى. ئەئەخەتجان كىچىك بالىغا ئامراق بولغاچ ۋاقتى بولسىلا ئۇلارغا ياردەم قىلغىلى سىراجدىننىڭ ئۆيىگە كېلەتتى. دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ سىراجىدىننىڭ قىلغان ياردىمىگە ئاز بولسىمۇ رەھمىتىنى بىلدۈرۈشنى ئويلاپ يۈرەتتى ھەم مىھراي ئاچىسىنىڭ بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەپ قويۇپ بىرەر ئىش قىلىۋاتقاندا بوۋاق يىغلىسىلا قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ يۈگۈرۈپ كېلىپ بۆشۈكنى تەۋرىتىشنى قانداقتۇر بىر خىل ئاۋارىچىلىكتەك ھېس قىلاتتى ۋە بوۋاق يىغلىغاندا ئاپتوماتىك تەۋرەنسە ئانا بولغۇچىغىمۇ ئازراق ئارام بولامدۇ نېمە دەپ ئويلاپ بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىدىن ئاپتوماتىك تەۋرىنىدىغان بۆشۈكنىڭ تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ بۇ تەتقىقاتىنى سىراجىدىننىڭ قىزىغا سىناق قىلىپ ئىشلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. 
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

توكيودىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققى بەك يۇقىرى بولغاچ ئۇ يەنە بىر ئوقۇغۇچى بىلەن بىرلىشىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ سايرىغان ئاۋازى بىر بىرىگە دەخلى قىلىپ قوياتتى.  ئۇ مۇشۇ سەۋەبلىك ئاۋازسىز ئويغىتىدىغان نەرسە بولسا دەپ ئويلايتتى ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق مۇۋاپىق مىقداردىكى توك ئېقىمىنىڭ ئۇيقۇ ھالەتتىكى ئادەمنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ئويغىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، پۇت ياكى قولغا سېلىۋالىدىغان ئۈزۈك شەكىلدىكى توك تەپكۈچ ياساپ ئېلىپ بارغان تەجرىبە سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ تۆۋەن بېسىملىق توك ئارقىلىق ئويغىتىدىغان سائەتنى ياساپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇ ماشىنا ھەيدەۋاتقانلارنىڭ مۈگدەپ قىلىپ قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىدىغان ئىشلىرى خىيالىغا كىرىپ قالىدۇ ۋە مەخسۇس ماشىنا ھەيدەيدىغانلار ئۈچۈن تىڭشىغۇچ شەكىلدە قۇلاققا سېلىۋالسا باشنىڭ مۈگدىگەندەك ھەرىكىتىنى ئاپتوماتىك سېزىپ توك سوقىدىغان قۇرۇلمىدىكى سەگەكلەشتۈرگۈچ ياساپ چىقىدۇ.
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

2011-يىلى ياپونىيەدە قاتتىق يەر تەۋرىگەن كۈنى ئۇ مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن توكيو دىسنى باغچىسىدا ساياھەتتە ئىدى. قاتتىق تەۋرەشتىن قاتناش ۋە مال سېتىۋېلىش پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ كۈنى ئۆيگە قايتىشمۇ مۇمكىن بولماي قىلىپ، ئۇ باغچىنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئورنىدا بىر كېچىنى ئۆتكۈزىدۇ. تېلېفوننىڭ باتارېيىسىمۇ تۈگەپ قىلىپ باشقىلار بىلەنمە ئالاقىلىشەلمەيدۇ. بۇ كۈنى ئۇنىڭ خىيالىغا يېڭى بىر ئىجادىيەت كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەتتە ماڭغاندىكى بىھۇدە ئىسراپ بولىدىغان ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتر ئېنېرگىيە يىغىپ توك ھاسىل قىلىدىغان بىر قۇرۇلما ئورنىتىپ، ھاسىل بولغان توك ئېنېرگىيىسىدە تېلېفوننى زەرەتلەش، ياكى قولچىراغنى چېتىپ يورۇتۇش دېگەندەك سىناقلارنى ئېلىپ بېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ماڭغاندىكى ئىسراپ بولغان ئېنېرگىيىنى يىغىپ توك ھاسىل قىلىدىغان ئاياغ ياسايدۇ. بۇ قۇرۇلما دالا ساياھەتچىلەرگە ھەم توك توختاپ قېلىشتەك جىددىي پەيتلەردە ئىنتايىن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

ئەخەتجان ياپون تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ چىققاندىن كېيىن، 2012-يىلى ياپونىيە ئاشىكاگا سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېخانىكا كەسپىگە 4 يىللىق باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا مەكتەپتىكى سىستېما ئۇچۇر، ماشىنا ئادەم كونترول سىستېمىسى كەسپىدىكى ئوقۇتقۇچى پروفېسسورلارنىڭ دەرسلەردىكى نەتىجىسى ۋە ئەمەلىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا مەكتەپ بىۋاسىتە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيەتنى بېرىدۇ. ئۇ چاغلاردا مەكتەپنىڭ ھەرقايسى كەسىپلىرىگە ھەر يىلى 4 ئايدا بىر قېتىملا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىناتتى شۇڭا ئۇ ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن يەنە بىر يىل ساقلاشقا توغرا كېلەتتى.  شۇ يىلى 5-ئايدا مەكتەپ مەسئۇللىرى ئۇنى ئويلاپ مەكتەپ تەشكىلىگە ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم 9-ئايدا ئاسپىرانت دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئۇ شۇ يىلى 6-ئايدا ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ ۋە 9-ئايدا سىستېما ئۇچۇر كونترول پەنلىرى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا كىرىپ، بۇ يېڭى تۈزۈمنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا كىرگەن بىرىنچى يىلى ياپونىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۆزى بۇرۇندىن قىزىقىپ كېلىۋاتقان ۋە ھازىر تەتقىق قىلىۋاتقان، تاغلىق ۋە قۇملۇق رايونلىرىدا ئېزىپ قىلىپ تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئاپتوماتىك ئىزدەيدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلات بېرىدۇ. ماگىستىرلىقتا ئۇنىڭ ئوقۇشى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا مەكتەپ ئۇنى ياپونىيە روتاري ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا (ロータリー米山奨学金)كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كۆپ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئۇ تاللىنىپ چىقىپ بۇ مۇكاپاتنى ئوقۇش باشلىنىپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇ مۇكاپات پۇلى ھەر ئايدا 140 مىڭ ياپون پۇلى بولۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرگىچە بېرىلىدۇ. ئۇ ھازىر كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا ئادەم ياكى مەلۇم بىر بەلگىلەنگەن نەرسىنى، بوشلۇقتا تۇرۇپ كەڭ دائىرىدە، ئەڭ تېز سۈرەتتە ئىزدەش سىستېمىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنى كەلگۈسىدە ۋەتىنى تەكلىماكان قۇملۇقىدەك دائىرىسى كەڭرى، ئاسان ئېزىپ قالىدىغان رايونلاردا ئېزىپ قالغانلارنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلىتىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. 
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

يۇقىرىدىكى ئەخەتجان ئۇكامنىڭ نەتىجىلىرىدىن شۇنى بىلىش تەس ئەمەسكىن، نېمىگە قىزىقسا شۇنى كەسىپ قىلغان ئەڭ ياخشى. ئۆزى قىزىققان نەرسىنى قىلسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا كەسىپ تاللىغاندا نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش كېرەك. باشقىلارنىڭ ياكى ئاتا-ئانىنىڭ زاكاز قىلغىنى بىلەن كەسىپ تاللىماسلىق كېرەك. ھېلىمۇ ئەخەتجاننىڭ تەلىيىگە سىراجىدىن ئۇكىمىزنىڭ مەسلىھەتى بولۇپ قاپتۇ بولمىسا چەتئەلگە چىققان بىلەن ئۈمىدلىرى يوققا چىقىپ، مەقسەتلىرىگە يېتەلمىگەن بولاتتىكەن. چەتئەلگە چىقىپ بارىدىغان دۆلەتنى ياخشى تاللاش كېرەك. دۇنيادىكى ئالدىنقى 500 مەكتەپكە كىرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى 300 نەچچىنچىدىن كېيىن ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ياكى ئىككىلا دۆلەت بار. شۇڭا بولۇپمۇ تەبىئىي پەن ئوقۇيمەن دېگۈچىلەر غەرب دۆلەتلىرىنى تاللىشى، ئىمكانىيەت بولسا ئامېرىكا ياكى ياپونىيەنى تاللىغان ياخشى. ئامېرىكانىڭ ياپوننىڭ ئوقۇش پۇلى قىممەت بولسىمۇ بىراق ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت قىلىش ۋە نەتىجە قازىنىش پۇرسەتلىرى كۆپ. مەن ئەخمەتجان ئۇكامغا ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش مەسلىھەتىنى بەردىم. مەن ئەخەتجان ئۇكامنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىدا نەتىجە قازىنىپ، ئايروپىلان ساھەسىدە دۇنياغا تونۇلغان ئۇيغۇر يىگىتى بولۇپ قېلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلارنى چەكسىڭىز ئاپتوماتىك تەۋرىتىدىغان بۆشۈك، ماتورلۇق پاراشۇت ئۇچۇش سىنىقى ۋە ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينالايدىغا ماشىنا ئادەم قاتارلىقلارنى كۆرەلەيسىز.

http://m.v.qq.com/page/z/p/q/z0123sw3wpq.html?from=message&isappinstalled=0

http://m.v.qq.com/page/f/b/j/f0153llujbj.html?from=message&isappinstalled=0

http://www.tudou.com/programs/view/9fO4abv26Vg/
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى
 
 
 
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى
 
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى
 
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى
 
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى
 
ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر يىگىتى
 

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار