ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

چېرچېلنىڭ سەنئەت ھاياتى

ۋاقىت : 2015-05-03 15:40 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

چېرچېلنىڭ سەنئەت ھاياتى

خۇاڭ پېيجاۋ

مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
چېرچېلنىڭ سەنئەت ھاياتى

    بۇ يىل ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. ئەنگلىيە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەش فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى مېتال خاتىرە پۇل تارقاتتى ھەمدە بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ھاياتىنى ئەسلىدى.

    چېرچىل داڭلىق سىياسىيون، شۇنداقلا بىر تۆھپىكار سەنئەتكار ھېسابلىنىدۇ. چېرچىل ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىش، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە رەسىم سىزىش قاتارلىق بىلەن شۇغۇللانغاندا يالغۇز چىن نىيىتىدىن كىرىشىپلا قالماستىن، بەلكى تولىمۇ ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق ھالدا ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم ئىدى.

    ياش ۋاقتىدا چېرچىل ئۇرۇش مەيدانىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىدە سۇدان، جەنۇبىي ئافرىقىلارغا بېرىپ، نۇرغۇن خەۋەرلەرنى يېزىش بىلەن بىللە، يەنە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.«مالاكاندىكى ياۋايى ئۇرۇش قوشۇنىنىڭ ھېكايىسى»، «ساۋوي رولا»،«دەريادىكى ئۇرۇش»، «لوندوندىن لادىيمىتقىچە»، «لان خامىلتوننىڭ قوشۇن تارتىشى» قاتارلىق ئەسەرلەر ئۇنىڭ مۇخبىرلىق تۇرمۇشىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە «دەريادىكى ئۇرۇش» ناملىق ئەسەردە سۇدان چېگرىسىدىكى نىل دەرياسىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى ۋە باشقىچە كۆرۈنۈشى ناھايىتى جانلىق سۈرەتلەپ بىرىلگەن.

    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، چېرچىلنىڭ «قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئۇرۇش» ناملىق 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەسلىمىسى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتى بۇلارلا ئەمەس. لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى قونسون ئەمدىلا نەشردىن چىققان «چېرچىل: بىر ئادەم تارىخنى قانداق يارىتىدۇ» دېگەن كىتابتا مۇنداق دېگەن: «چېرچىل بىر تالانت ئىگسى بولۇپ، ئىشەنگىلى بولمايدىغان كۈچكە تولغان كۆپ ھوسۇللۇق تالانت ئىگىسى، ئۇ ئىگىلىگەن ئىنگلىز تىلىدىكى سۆزلۈكلەر شېكىسپېر ۋە دېككىنىس ئىگىلىگەن ئېنگىلىس تىلىدىكى سۆزلۈكلەردىن كۆپ». بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، چېرچىل ئىگىلىگەن سۆزلۈكلەر 120 مىڭدىن كۆپ بولۇپ، باشقا يازغۇچىلار ئىگىلىگەن سۆزلۈكلەرنىڭ بىر قانچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30–يىلىلرىدا چېرچىل «ماربورىگ: ئۇنىڭ ھاياتىي ۋە دەۋرى» ناملىق ئەسەرنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ تۆت توملۇق ئەسەردە ماربورىگنىڭ تۇنجى كېنەز جۇن چېچرچىلنىڭ 18-ئەسىردە ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدا قولغان كەلتۈرگەن شان-شەرىپى ۋە ئارزۇسى تەپسىلى بايان قىلىنغان. «مېنىڭ بۇرۇنقى يىللاردىكى تۇرمۇشۇم» ناملىق ئەسەر چېرچىلنىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. «دۇنيا كىرزىسى» ناملىق تۆت توملۇق ئەسەر 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار ئىبارەت. بىراق 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلەر ئالتە تومغا يەتكەن. چېرچىل سىياسىي سەھنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، 1956-، 1958-يىللار ئارلىقىدا «ئېنگىلىس تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخى» ناملىق تۆت توملۇق ئەسەرنى يازغان.

    ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى پېتر كىلاركى ئۆزىنىڭ «چېرچىل ئەپەندىنىڭ كەسپى» ناملىق كىتابىدا: «سىياسىيونلۇق پەقەت چېرچىلنىڭ 2-كەسپى» دېگەن. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئالدىراش بولغانلىقتىن، قەلبى كۈچلۈك ئىجادىيەت ھاياجىنى بىلەن تولغان چېرچىل دائىم كېچىسى ۋە سەھەردە يېزىقچىلىق قىلغان.

    چېرچىل بىر داڭلىق ناتىق بۇلۇشقا مۇناسىپ بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ «نامايەن قىلىش» ژۇرنىلى تەرىپىدىن يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە سەككىز چوڭ ناتىقنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

    ئامېركا زۇڭتوڭى كېنىدى چېرچىلنىڭ نۇتۇقىغا مۇنداق دەپ باھا بەرگەن: «قاراڭغۇلۇق كېچە ۋە تېخىمۇ قاراڭغۇلۇق كېچىدە شوتلاندىيە يالغۇز قوشۇنى ياردەمسىز قالغاندا، ئۇ نۇتۇق ئارقىلىق ئېنگلىز تىلىنى جانلاندۇرغان ھەمدە ئۇرۇش مەيدانىغا ئەۋەتىلگەن». بىراق 2-دۇنيا ئۇرۇش تارخي بۇيىچە نوپۇزلۇق مۇتەخەسىس «ئۇرۇشتىكى بوران چاپقۇن»ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئاندىرېۋ روبېرتس مۇنداق دەپ قارىغان: «چېرچىل ئەڭ نەپىس قىسىم بولغان ئىنگلىز تىلىدىكى ئادەتتىكى سۆز بىرىكمىسى، جەزبىدار سۆزلۈك، شېكىسپرچە نەپەس ئۇسلۇبنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىرلەشتۈرگەن ھەمدە كۈچلۈك ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوشقان، بولۇپمۇ ناتسېستلارنىڭ تۆمۈر تاپىنى بىلەن ھەممە يەرنى قىرغىن قىلغانلىقى چېرچىلنىڭ نۇتۇقىدا چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن».

    چېرچىل يېزىقچىلىقتىن باشقا يەنە ھاياتىدا 570 پارچە رەسىم ئەسەرلىرى ۋە ئىككى پارچە ھەيكەلنى ئىجاد قىلغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى مىليون دوللارلىق باھادا سېتىلىپ، چېرچىلنىڭ رەسىم سىزىشتىكى نەتىجىسىنى نامايەن قىلغان.

    چېرچىلنىڭ ھەيكىلى لوندوننىڭ شەھەر مەركىزىگە تىكلەنگەن بولۇپ، تايمېس دەرياسىغا ئانچە يىراق ئەمەس. ئۇ قولىدا ھاسا تۇتقان، ئىككى كۆزى ئالدىدكى نۇر چاقناپ تۇرغان پارلامېنت سارىيىغا تىكىلگەن ئىدى، مانا بۇ چېرچىلنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى ھېسابلىنىدۇ.

    گەرچە چېرچىلنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە توپ-توغرا يېرىم ئەسىر بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئوبرازى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ساقلانماقتا، ئۇنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بۈگۈنكى ئەنگلىيەلىكلەر بۇ ئۇلۇغ زاتنى ئەسلەيدىغان ۋە سېغىنىدىغان مۇھىم مەزمۇنلارغا ئايلاندى.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار