ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىڭىزدا ئادەت خارا كىچىك بالىلار يالاڭ بالىلار چۈشتە ياخشى ھۆل قەغەز بالىلارغا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > ساۋات > تولۇق مەزمۇنى

ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا

ۋاقىت : 2010-03-12 08:08 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ

 

 
ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
 


  نۇرغۇن ياش ئانىلار بالىنى ھەر نۆۋەتلىك ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمىگەچكە ، بالا ئېمىتكەندە ئېمىتىش ۋاقتىنى يا قىسقا ، يا ئۇزۇن  قىلىۋالىدۇ . ئەگەر ئېمىتىش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ قالسا بالىنىڭ قورسىقى تويماي ، ياتقۇزۇپ بولغىچىلا يىغلاپ كېتىدۇ . بۇ خىل ھالەت ئۇزىراپ كەتسە بالىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . يەنە بىرى ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىشى بولۇپ ، بۇنىڭدىن تۆۋەندىكىدەك ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ :
  بالىنىڭ بىر قېتىملىق ئەمگەن سۈتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق ، بالا ئانىنى ئېمىشكە باشلىغان ۋاقتىدا ئانا سۈتىنىڭ ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى ، ماي مىقدارى تۆۋەن بولىدۇ . ئېمىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ماي مىقدارى يۇقىرىلاپ ، ئاقسىل مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ . شۇڭا ئېمىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە بالىنىڭ قوبۇل قىلىدىغان ماي مىقدارىمۇ كۆپ بولۇپ ، بالىدا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
  ئەگەر سۈتنى ئېمىپ بولۇپ ، قۇرۇق شوراپ سالسا ھاۋانى سۈمۈرىۋالىدۇ – دە ، بالا قۇسۇۋېتىدۇ . ئۇنداقتا ھەر قېتىملىق بالا ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ ؟ ئادەتتە ھەر قېتىملىق بالا ئېمىتىش ۋاقتى 10 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ . دەسلەپكى ئىككى مىنۇتتا بالا سۈتنىڭ %50 ىنى قوبۇل قىلالايدۇ . كېيىنكى تۆت مىنۇتتا 80 – 90 پىرسەنتىنى قوبۇل قىلالايدۇ . يەنە بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بولسا ئاساسەن قوبۇل قىلالمايدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ئېمىتىش ۋقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى دېگەن قاراش ئانچە توغرا بولماي قالىدۇ . ئوزۇقلۇق قىممىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، بالا ئېمىتىش ۋاقتى تۆت مىنۇت بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ . لېكىن كېيىنكى بەش مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ئارتۇقچە دەپ قارىماسلىق كېرەك . چۈنكى بۇ ۋاقىت سۈت كەلتۈرىدىغان ھورمۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە ئانا – بالىلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ .
‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى ››ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار