يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىڭىزدا ئادەت خارا
كىچىك بالىلار يالاڭ
بالىلار چۈشتە ياخشى
ھۆل قەغەز بالىلارغا
كۆپىنچە كىشى ھۆل قەغەز بىلەن قول سۈرتۈشكە ئادەتلەنگەن، چۈنكى ئۇلار ھۆل قەغەزنىڭ دېزىنفېكسىيەلەش رولى بار، دەپ قارايدۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر يەنىلا ھۆل قەغەز ئىشلەتكەندىن كېيىن، سوپۇن بىلەن قول يۇيۇشنى تەۋسىيە قىلغان. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ھۆل قەغەز تەركىبىدە تۈرلۈك خۇرۇچلار بار بولۇپ، كۆپ ئىشلەتكەندە، تېرىنى زەخىملەندۈرىدىكەن. ھۆل قەغەز دورىغا چىلانغان رەخت بولۇپ، تەركىبىدىكى دورا مىقدارى 80 پىرسەنت بولىدىكەن. ئىشلەتكەن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، تېرە ياللۇغى، تېرە زىيدە سېزىمچانلىقى قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. قىسمەن كىشىلەر ھۆل قەغەز بىلەن قوللىرىنى سۈرتكەندىن كېيىن قولىنى يۇيمايدۇ، بۇ بالىلارغا تېخىمۇ زىيانلىق.