يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىڭىز سەمىرىپ كەتس
بالىڭىزدا ئادەت خارا
كىچىك بالىلار يالاڭ
بالىلار چۈشتە ياخشى
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار نېرۋا ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى يەن ۋۇدىن ئىگىلىشىچە، بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان قۇسۇش بىر خىل ئادەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، يېنىك دەرىجىدىكى قۇسۇش سالامەتلىككە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، داۋالاشمۇ بىھاجەت ئىكەن، لېكىن ئېغىر بولغاندا، سۇيۇقلۇق كۆپلەپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن، بەدەنگە كېرەكلىك ماددىلارنىڭمۇ چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىكەن، بەدەننىڭ سۇسىزلىنىشى، كىسلاتا، ئىشقارلىق دەرىجىسى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
بالىلاردا قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە تاماق يېمەسلىكى، ئەگەر يېنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك سۇسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، سۇيۇقلۇق تولۇقلاش كۇمىلىچىنى ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىشى كېرەك ئىكەن. ئەھۋال يەنىلا ياخشىلانمىسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، بىيو خىمىيەلىك تەكشۈرۈشى كېرەك ئىكەن ۋە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قۇسۇشنى توختىتىش دورىسىنى يېگۈزۈشى كېرەك ئىكەن.