ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىڭىزدا ئادەت خارا كىچىك بالىلار يالاڭ بالىلار چۈشتە ياخشى ھۆل قەغەز بالىلارغا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > ساۋات > تولۇق مەزمۇنى

كىچىك بالىلار يالاڭئاياغ ئوينىغاندا ...

ۋاقىت : 2015-07-18 10:58 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم


 كىچىك بالىلار يالاڭئاياغ ئوينىغاندا ...

   

    بالىلار يالاڭئاياغ ئويناشقا ئامراق بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاپ ياكى سوغۇق ئۆتۈپ كېسەل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىلارنى يالاڭئاياغ ئوينىغىلى قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ يالاڭئاياغ ئوينىشى چېنىقىش ھېسابلىنىدۇ.

    ياپونىيەدە يالاڭئاياغ مېڭىش رەسمىي دەرس قاتارىغا كىرگۈزۈلد . مەسىلەن: ياپونىيە ئايچى ئۇنىۋېرسىتىتى قارىمىقىدىكى يەسلى بالىلارنىڭ قۇمدا يالاڭئاياغ خالىغانچە ئوينىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن يەسلىدىكى سېمونت مەيداننى بۇزۇپ، سېمونت مەيداننىڭ ئورنىغا قۇم ياتقۇزغان؛ بىر مەزگىل يالاڭئاياغ مەشىق قىلغاندىن كېيىن، %80 بالىنىڭ بەدەن ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىشتىھاسى ئېچىلغان، بويى ئۆسۈپ، بەدەن ئېغىرلىقى تېز ئاشقان.

    بالىلارنى دائىم يالاڭئاياغ ماڭدۇرسا، ئۇلارنىڭ يۇمران تاپانلىرى توپىدا سۈركىلىپ غىدىقلىنىپ، تاپان مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە پۇت بارماق بوغۇملىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، تاپاننىڭ تۈز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    يالاڭئاياغ يۈرگەندە تاپاندىكى پەللىلەر غىدىقلىنىپ، چوڭ مېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولىنى تەڭشەپ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىپ، بالىلارنىڭ تەپەككۇر سېزىمى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

    ئاتا-ئانىلار بالىلارنى دائىم باغچا، مەيدان ۋە مەھەللە ئەتراپىدىكى تاشلىقلاردا رېتىملىق يالاڭئاياغ ماڭدۇرسا، ئۇلارغا ناھايىتى پايدىلىق، ئەڭ ياخشىسى، كۈندە بىر-ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15-20 مىنۇتتىن ماڭدۇرۇپ بەرسە ھەم بۇنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرسا، بالىلارنىڭ ئىممۇنېتىت كۈچى ۋە بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار