ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : تارىختىكى سىرلىق غاي 1900-يىلىدىن بۇيان دۇن دوۋنىڭ كوچىسى سان پېتىر ئىبادەتخان

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > جۇغراپىيە > تولۇق مەزمۇنى

دۇنيا دۈچ كىلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسى

ۋاقىت : 2013-10-20 12:53 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : قۇمتۇغراق | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسىنى مەكتەپ تەربىيىسىدىن باشلاش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
رازاق ئابلىز
پىچان بازار تېتىر مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ
 
دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسىگە قارىتا يەر شارى مىقياسىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر پۇقرانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار- ئەلۋەتتە. مۇھىت مەسىلىسى ئادەتتە ئېغىزدا دېمەك ئاسان، ئەمەلىيەتتە قىلماق تەس بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەش نەتىجىسىدە ھەل بولىدىغان ئىنچىكە ۋە تەخىرسىز مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. بىز بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم مۇھىت مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاپ، كەلگۈسىدىكى ساپ ھاۋالىق گۈزەل مۇھىتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، مۇھىت مەسىلىسىنى مەكتەپ تەربىيىسىدە ئوقۇغۇچىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئېلىپ بېرىش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن- بىر ئامالى دېيىشكە بولىدۇ.
 مەكتەپ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتە پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىدىغان، ئېتىقاد، ئاڭ شەكىللەندۈرىدىغان، كەلگۈسىنى ياراتقۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان، ئادەم سانى جەھەتتە نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان چوڭ بىر ئائىلە. دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسىنى مەكتەپ تەربىيىسىدىن باشلاپ، مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق- تەربىيە خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى پەنلەردە دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردىكى كۆز قاراشنى يېڭىلاش، مۇھىت ئاسراش ئېڭى ۋە ئېتىقاد تۇرغۇزۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلاردا مۇھىت مەسىلىسىگە قارىتا چۈشەنچىسى ئېنىق بولۇشى، جەمئىيەت بىلىمى مول بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىت مەسىلىسىنى چۈشەندۈرگەندە، تۆۋەندىكىدەك مۇھىتنى بۇلغايدىغان ئامىللارنى تىلغا ئېلىش كېرەك.
1. يەر شارى مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھازىر كىشىلەر دىققەت ئېتىبارىنى پارنىك ئېففېكتى، ئۇزۇن قاتلىمىنىڭ بۇلغىنىشى ۋە كىسلاتالىق يامغۇر قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرگە قاراتقانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.
2. ئېكولوگىيىلىك مۇھىت، ئەخلەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، سانائەتلىشىشى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ يىلدىن- يىلغا ئېشىپ، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ كۈندىن- كۈنگە يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇش ئارقىلىق مۇھىتنى ئىنسانلار ئۆزىمىز بۇلغايدىغانلىقىنى ھەم ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ساپلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.
3. يەر شارى مىقياسىدا ئەخلەتلەرنىڭ كۆپىيىشى ئېغىر دەرىجىدە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر بىر ئادەم كۈنىگە ئەڭ ئاز بولغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.1 ئەخلەت چىقاردى دېيىلسە، ئۇنداقتا يەر شارىدىكى 5 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇس كۈنىگە 500 مىڭ توننا ئەخلەت چىقىرىدۇ دېگەن گەپ. 500 مىڭ توننا ئەخلەت چىقارغان گاز بىر تەرەپتىن ھاۋانى بۇلغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن شۇنچە كۆپ ئەخلەت تاغدەك دۈۋلىنىپ، يەر شارىنى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئەخلەتلەرنى بىرتەرەپ قىلغان بولساقمۇ، بىر قىسىم ئەللەر ۋە ئىنسانلار تېخىچە ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىشتا تۈزىگەن قانۇن- نىزاملارغا ئەمەل قىلماي، قالايمىقان ئەخلەت تاشلاش ئادىتى ھېلىھەم ئۆزگەرگىنى يوق، بىر قىسىم ئەخلەتلەر تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىنماي تېخىمۇ چوڭ ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمىي چۈشەندۈرۈش لازىم.
4. سانائەتلىشىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، زاۋۇت، كان- كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى ۋە يېقىلغۇلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، ئۇلاردىن چىققان ئىس-تۈتۈنلەر ھاۋانى بۇلغاپ، ئاتموسفېرادىكى كاربون(Ⅳ) ئوكسىد مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، پارنىك ئېففېكتىنىڭ تەسىرىدە ھاۋا ئۈزلۈكسىز ئىلىپ، شىمالىي مۇز ئوكياندىكى مۇز تاغلار ئېرىپ، دېڭىز سۈيى بارغانچە كۆتۈرۈلۈپ، دېڭىز تاشقىنى تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە 30 نەچچە ئارال دېڭىز ئاستىدا قالدى. يېقىندا ياپونىيىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان تاشقىن ئاپىتىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئورۇننىڭ يەر تەۋرەش بەلۋىغىغا جايلاشقانلىقى، داۋاملىق يەر تەۋرەپ تۇرىدىغانلىقى، يەر قاتلىمىنىڭ ئىللىشى ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ ئىللىپ كىتىشى سەۋەبىدىن مولېكۇلىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەرىكەتنىڭ ھەددىدىن زىيادە تېزلىشىشى بىلەن يەر تەۋرىنىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يانار تاغلار مۇددەتتىن بۇرۇن پارتلاپ،  نۇرغۇنلىغان تەبىئىي ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش كېرەك.
5. ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ بۇلغىنىشى كىسلاتالىق يامغۇرنى پەيدا قىلىدۇ. يامغۇر سۈيى ئورمانلارغا چۈشۈپ، دەل- دەرەخ، ئوت- چۆپلەرنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، نەچچە يۈز مىڭ كۈپ مېتىر ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدىغان ئورمانلىق ۋەيران بولۇپ، ھايۋانلارنىڭ بىردىن- بىر ياشاش ماكانى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، نۇرغۇن ھايۋانلار ياشاش شارائىتىدىن ئايرىلىپ، بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ سانى ئازىيىپ كەتتى، يەنە بىر قىسىم ھايۋانلار يەر شارىدىن يوقالدى. ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ھازىر دۇنيادا ئورمانلارنىڭ يوقىلىشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش سەۋەبىدىن ھايۋانلارنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى تەبىئىي يوقىلىش سۈرئىتىنىڭ مىڭ ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئوقۇغۇچىلارغا تونۇتۇش ئارقىلىق ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىنچىكلىك بىلەن تەھلىل قىلىش كېرەك.
6. ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى بىلەن تەڭ ئۇزۇن قاتلىمىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، يەر شارىغا چۈشىدىغان قۇياشنىڭ بىنەپشە نۇرى كۈچىيىپ كېتىپ، ئېكولوگىيىلىك سىستېما ۋە ھەر خىل جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلى، نەپەس يوللىرى سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، تېرە راكى قاتارلىق كېسەللىكلەر يامراپ كېتىش بىلەن بىرگە ئۆسۈملۈك يوپۇرماقلىرى ئازىيىپ، ھاشاراتلار كۆپىيىپ، يەر شارىغا تەھدىت ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ. تەجرىبىدىن ئىسپاتلىنىشىچە ³m1 ھاۋانىڭ تەركىبىدىكى كاربون() ئوكسىد مىقدارى ³m0.4 قا يەتكەندە ھايۋانلار ۋە ئادەملەر يېرىم سائەتتىن كىيىن ھاياتىدىن ئايرىيدىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇنىڭغا ئوخشاش پاكىتلارنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەش ئارقىلىق ئۇزۇن قاتلىمىنىڭ بۇلغىنىشى ئاخىرقى ھېسابتا ئادەمنىڭ ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇتۇپ مۇھىت قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
7. ئىنسانلار ھازىرقى زامانىۋى تۇرمۇشقا قەدەم قويغاندىن بويان، سۇنئىي ماگنىت مەيدانلىرى، يەنى رادىئو، تېلېۋىزىيە، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى، كومپىيوتېر، تىبابەت، سانائەت، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى...قاتارلىقلار تۇرمۇسىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ئىنسانلارنىڭ ئايرىلالماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. بۇ ئۈسكۈنىلەر تارقاتقان ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رادىئاتسىيە دۇلقۇنى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، رادىئاكتىپ بولغۇنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيسىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيمىز، قولىمىز بىلەن تۇتالمايمىز، بۇ خىل رادىئاتسىيە بىلەن ئادەم بەدىنى ئۇزۇن مەزگىل ئۇچراشقاندا، نېرۋا سېستىمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، باش ئاغرىش، باش قېيىش، خاتىرىسى ئاجىزلاش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ تەرلەش، يۈرەك سىقىلىش، كەيپىيات مۇقىمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ھەمدە يۈرەك قان- تومۇر سېستىمىسى، قان سۇيۇقلۇقى سېستىمىسى، كۆپۈيىش ئەزا سىستېمىسى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەش ئارقىلىق ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيىسى بولغۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، سۇنئىي ماگنىت مەيدانى پەيدا قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئىمكانقەدەر ئاز ئۇچرىشىش، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، ئۆي- ئىمارەت لايىھىلەش، شەھەر پىلانلاش، ئۆي زىننەتلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىش توغرىسىدا تەربىيىنى كۈچەيتىش كېرەك.   
8. دېھقانچىلىق دورىلىرى ئۇزۇن مەزگىل قالايمىغان ئىشلىتىلگەچكە، مۇھىتتىكى زىيانلىق ماددىلار كۆپىيىپ، ئېلولوگىيە ۋە ئىنسانلارغا خەۋپ يەتكۈزدى. نەتىجىدە ئىنسانلار دېھقانچىلىق دورلىرى ئىشلىتىلگەن يىمەكلىكلەرنى، كۆكتاتلارنى پاكىزە ئادالىماي تۇرۇپلا ئىستىمال قىلغاچقا، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ئادەم بەدىنىدە ساقلىنىپ، مىقدارى مەلوم پىرسەنتكە يەتكەندە ئادەم ئاستا خاراكتىرلىك زەھەرلىنىشتىن كىلىپ چىققان ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ. ئىنىقلاشلارغا قارىغاندا يەر شارىدا يىلىغا 2 مىليون ئادەم دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلىنىپ، 40 مىڭ ئادەم ئۆلىدىكەن. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارغا يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىكلەرنى، ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك، سەي- كۆكتاتلارنى پاكىزە يۇيۇش، بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئىستىمال قىلىش قاتارلىق ئۇسوللارنى قوللۇنۇش ئارقىلىق يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى ئازايتىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش لازىم.
9. ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىت مەسلىسىنى سۆزلىگەندە، يۇرتىمىزدا، مەكتەپ ئەتراپىدا ۋە مەكتەپ ئىچىدە مۇھىت بۇلغايدىغان ئامىللارنى تېپىپ چىقىشقا يىتەكلەش يەنى ( ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈندە ئەخلەت چىقىرىدىغانلىقى، يىمەكلىك قالدۇقلىرى ۋە سولياۋ بويۇملارنى قالايمىقان تاشلاپ مۇھىت بولغايدىغانلىقى، يېزىلارنى شەھەرلەشتۈرۈش قەدىمى تىزلىشىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى، زاۋۇت، كان- كارخانىلار كۆپۈيۈپ، ئولاردىن چىققان كېرەكسىز گازنىڭ مۇھىتنى بولغاۋاتقانلىقى، يېزا ئىگىلىك تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، پارنىكلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى بىلەن، پارنىكتىكى سەي- كۆكتاتلارغا چېچىلغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارى ئېشىپ، سەي- كۆكتاتلارنى قارغولارچە ئىستىمال قىلىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلىنىشنىڭ كۆپىيۋاتقانلىقى......) قاتارلىق مەزمونلارنى مىسالغا ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بۇلغۇنۋاتقانلىقىنى تونۇتۇش، ئولارنى ئۆزلىكىدىن « كىچىك مۇھىت ئاسرىغۇچى پىدائىيلار ئەترىتى » تەشكىللىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
10. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئوقۇغۇچىلارغا يەر شارىدا سۇنىڭ بۇلغىنىشى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، يەنى ئىچىشكە بولىدىغان %3 سۇمۇ بۇلغىنىپ، ئىچكىلى بولىدىغان سۇ ئاران %0.5 تىلا قالغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىتاتىستكىسىغا قارىغاندا، دۇنيا بويىچە كۈنىگە 25 مىڭ ئادەم بۇلغانغان سۇنى ئىچكەنلىكى ئۈچۈن كېسەل بولىدىكەن ياكى سۇ قىس بولغانلىقىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. سۇ قىسلىقى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن يەرلەر چۆللىشىپ، يىلىغا 50- 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق كۆلەمدە داۋاملىق كېڭىيىپ، ھازىر دۇنيادا چۆللىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمى 36 مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەنلىكى، يەرنىڭ چۆللىشىشى پۈتۈن يەر شارى ئېكولوگىيىسىنىڭ « بىرىنچى نومۇرلۇق قاتىلى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىچىملىك سۇنى قەدىرلەش، بىر تامچە سۇنىمۇ ئىسراپ قىلماسلىق توغرىسىدا تەربىيىلەش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارغا يۇقىرىدا ئېيتىلغان مۇھىت بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنى سۆزلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا مۇھىت ئاسراش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەكلىپنى بېرىش لازىم.
1. ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىت مەسىلىسىگە ئائىت تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى، خەۋەرلەرنى كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيە، سىنىپ يىغىنلىرىنى ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، مەسئولىيەتنامە ئىمزالىشىش، پىئونېرلار ئەترىتى، ياشلار ئىتتىپاق كومتېتى، ئىشچىلار ئويۇشمىسى، پارتىيە ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاۋانگرات رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ھەمدە 2009- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە ئافىنانىڭ كوفىيناگىندا ئېچىلغان كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنىغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن 1500 ۋەكىل، 500دىن ئارتۇق مۇخبىر قاتناشقانلىقى، بىر قىسىم كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ  رەئىسلىرىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە قارىتا كۆڭۈل بۇلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش. ئوقۇغۇچىلارنى يىغىن مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلىپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەر يىلى مۇھىت بىجى تۆلەپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز- ئارا توختام ئىمزالىشىپ خەلقئاراغا ۋەدە بەرگەنلىكى قاتارلىق يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ،  يەر شارىنىڭ ئىلىپ كېتىشى كاربون بىرىكمىسى قويۇپ بېرىشىدىن بولغۇنىدىغانلىقىنى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئادەملەر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇتۇش كېرەك. ئۇندىن باشقا دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكىلاتىدا بوندىن كىيىنكى 12- بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئەمىلىلەشتۈرۈشتە، مۇھىت مەسلىسىدە ئالاھىدە توختالغانلىقى، مۇھىت مەسلىسىنى ھەل قىلىش ھازىرقى ۋەزىيەتتە تەخىرسىز خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قايتا- قايتا تىلغا ئالغان. ھەمدە بىرقىسىم  مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بولغايدىغان زاۋۇتلارنى تاقىغانلىقى، كېرەكسىز ئەخلەتلەردىن قايتا پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقى، ئېنىرگىيە تىجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان تېخنىكىلارغا كۆپلەپ مەبلەغ سالىدىغانلىقى، ھەرقايسى ئۆلكە، ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەردە ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنى قايتا قۇرۇپ، بۇلغانما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىدىغانلىقى توغرىسىدا پۈتكۈل ئاممىغا ۋەدە بەرگەنلىكى قاتارلىق يىڭى- يىڭى مەزمونلارنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت مەسلىسىگە بولغان جىددىي پۇزىتسىيسىنى سىياسىي ۋەزىيپە قاتارىدا چىڭ تۇتقاندىلا، ئوقۇغۇچىلاردا مۇھىت قوغداش ئىڭىنى ئاسانلا يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
 2. ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئەخلەت تاشلاشنى ئازايتىش ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش، ئەخلەتلەرنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئىزدەپ، تۈۋەن كاربون قويۇپ بېرىدىغان سولياۋ بويۇملارنىڭ يەنىلا تاۋارلارنى ئوراپ- قاچىلاشتا ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدىغانلىقى، بۇ تېخنىكىنى يىڭىلاشتا كاربون بىرىكمىسى قويۇپ بەرمەيدىغان، تۇپراقتا ئاسان چىرىيدىغان ياكى سۇ بىلەن ئۇچراشقاندا ئېرىپ يۇقاپ كىتىدىغان ماتىرىياللارنى ئىشلىتىش، يېڭى تېخنىكىلار ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلدۇرۇش، ئەخلەتلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ تاشلاش، ئەخلەتلەردىن قايتا پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئازايتىش، ھەرقايسى مەھەللە كومتېتلىرىدا ئەخلەت كۆمۈش مەيدانى ياساپ، يۇپۇرماق، ئۇۋاق، سەي- كۆكتات قاتارلىق ئەخلەتلەرنى بىر ئورۇنغا يىغىپ، ئازراق تۇپا ئارلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە سۇ سېپىپ، چىرىتىپ، يەرلىك ئوغوت ياساش تېخنىكىسىنى كىڭەيتىش. كېرەكسىز نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ ھۈنەر- سەنئەت بويۇمى ياساش، كېرەكسىز داشقالدىن سىمنوت ياساش، مىۋە- چىۋە شۈپەكلىرى، سەي- كۆكتات قالدۇقلىرى، سۇڭەكلەردىن پايدىلىنىپ ئوغوت ياساش... قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى  سۆزلەش ئارقىلىق كەلگۈسىدە ئۇقۇغۇچىلارغا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە- تەدبىرلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلۇنۇپ، تېخىمۇ يېڭى تېخنىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە  ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
3. قۇياش ئېنىرگىيىسى ۋە شامال ئېنىرگىيىسىگە ئوخشاش مۇھىت بولغىمايدىغان، تۈگىمەس ئېنىرگىيىدىن پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. بۇ خىل ئېنىرگىيىدىن پايدىلىنىپ كەشىپ قىلىنغان قوياش ئېنىرگىيىسى ۋە شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ  ماڭىدىغان ئاپتوموبىللارنى تونۇشتۇرۇش، قوياش ئېنىرگىيىلىك سۇ ئىسسىتقۇچ، قوياش ئېنىرگىيلىك پارۋاي، شامال ئېنىرگىيىسىدىن توك ھاسىل قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش مۇھىت بولغىمايدىغان، ئېنىرگىيە تىجەيدىغان، بىر ئۆمۈر ئىشلەتسىمۇ خورىمايدىغان، ھەقسىز ئېنىرگىيىلەردىن پايدىلىنىدىغان تېخنىكىلارنى كەشىپ قىلىشقا يىتەكلەش كېرەك.  
4. ھەر بىر ئادەم يىلدا بىر تۈپ كۆچەت تىكىشنى كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىككەن كۆچەتلەر ھەتتا ئەي بولغۇچە پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق «كۈچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش» تەك ئولۇغۋار غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا دەل- دەرەخلەرنى، گۈل- گىياھلارنى، ھايۋانلارنى ئاسراش توغرىسىدا تەربىيىنى كۈچەيتىش لازىم.
5. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ چارە- تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۇسۇللار ئۈستىدە ئويلىنىپ، تەدبىر بەلگىلەپ، يېزا- ئىگىلىككە ئىشلىتىدىغان سۇنى تۈجۈپلەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىر تامچە سۇنىڭمۇ ھاياتلىق ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش كېرەك.
ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ھەر بىر ئادەمنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىت مەسىلىسىنى سۆزلىگەندە، پاكىت، داۋلىلار ئارقىلىق يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇھىت بۇلغايدىغان ئامىللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈش ھەمدە، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئالدىغا لايىھىلەپ، تۈرلۈك ئۇسۇل- چارىلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مۇھىت قوغداش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاپ، مۇھىت مەسىلىسىگە ياتىدىغان ھەر خىل ناچار قىلمىشلارنى كۆرگەن ھامان ھەر ۋاقىت چەكلەش ۋە پاش قىلىش بىلەن بىرگە ئەمىلى ئىش- ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇھىت قوغداپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقىرى ساپالىق ئاڭ شەكىللەندۈرۈپ، مۇھىت مەسىلىسىگە جىددىي قاراپ، ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغاندىلا، بۇ مۈشكۈل، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ساپ، گۈزەل بولغان يېشىل مۇھىت بەرپا قىلىپ، دۇنيا دۇچ كىلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرىيال: جۇڭگو ئۆسمۈرلەر قامۇسى
 
 
 
 
 
 
 
دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسىنى مەكتەپ تەربىيىسىدىن باشلاش
توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
 
رازاق ئابلىز
 
 
 
 
 
پىچان بازار تېتىر مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ
تېلىفون: 15352672865_0995
 
 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار