يېڭى قىزىق نۇقتا :
تارىختىكى سىرلىق غاي
1900-يىلىدىن بۇيان دۇن
دوۋنىڭ كوچىسى
سان پېتىر ئىبادەتخان
1929 - يىلى ئاسترونومىيە ئالىمى خابول ئىلىم - پەن ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان بايقاشنى ئېلان قىلدى. بۇ بايقاش زور تەسىر قوزغاپ، مۇنداق بىر يەكۈننى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى: سامانيولىنىڭ سىرتىدىكى بارلىق يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىزدىن ناھايىتى يىراقلاشماقتا. يەنى ئالەم تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتىدۇ. بۇ بايقاش ئارقىلىق بىر قىسىم ئاسترونومىيە ئالىملىرى «ئالەم كېڭىيىۋاتقانىكەن، ئۇ ھالدا كېڭىيىشنىڭ بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن» دېگەننى ئويلىدى، ئاسترونومىيە ئالىمى لېمېتېر مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىرقى ئالەم «ئىپتىدائىي مولېكۇلا» نىڭ پارتلىشىدىن شەكىللەنگەن، بۇ چوڭ پارتلاش تەلىماتىنىڭ ئاساسى بولدى. ئامېرىكا ئاسترونومىيە ئالىمى گاموف لېمېتېرنىڭ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە1948; - يىلى رەسمىي يوسۇندا ئالەمنىڭ كېڭىيىش مەنبەسى بولغان چوڭ پارتلاش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدىگاموف مۇنداق دەپ قارىدى: ئالەم ئەڭ دەسلەپتە تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى، زىچلىقى چوڭ بولغان ئەڭ ئاساسىي زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن «ئىپتىدائىي ئوت شارى» ئىدى. ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئوت شارى مۇقەررەر ھالدا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى گوياكى بىر قېتىملىق غايەت زور پارتلاشقا ئوخشايدۇ. تېز سۈرئەتتە كېڭىيىش سەۋەبىدىن ئالەم زىچلىقى ۋە تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدۇ، بۇ جەرياندا بەزى خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار (ئاتوم يادروسى) شەكىللىنىدۇ، كېيىن ئاتوم مولېكۇلىسىدىن تۈزۈلگەن گاز جىسىم ماددىلىرى شەكىللىنىدۇ. گاز جىسىم ماددىلىرى ئۇيۇشۇپ تۇمانلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇمانلىقلاردىن تەدرىجىي ھالدا خىلمۇخىل ئاسمان جىسىملىرى پەيدا بولۇپ، ھازىرقى ئالەم شەكىللەنگەنبۇ خىل تەلىمات ئادەتتىكى ئادەملەر ئۈچۈن ئاڭلىماققا ناھايىتى ھەيران قالارلىق، ئەقىلغا سىغمايدىغاندەك بىلىنەتتى. ئەينى چاغدا ئىلىم - پەن ساھەسىدە بۇ خىل تەلىماتتا كۆزىتىلگەن جانلىق دەلىل - ئىسپاتمۇ كەمچىل بولغانىدى، شۇڭا ئۇ ئەمدىلا ئوتتۇرىغا چىققان چېغىدا، ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشەلمىگەنىدى.1965 يىلىغا كەلگەندە، ئالەم ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى رادىئاتسىيە بايقالدى، شۇنىڭ بىلەن چوڭ پارتلاش تەلىماتى قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقتى. ئەسلىدە چوڭ پارتلاش تەلىماتى مۇنداق ئالدىن ھۆكۈم قىلغانىدى. ئالەمنىڭ ھەممە جايىدا «ئىپتىدائىي ئوت شارى» نىڭ قالدۇق «ئىسسىقلىقى» ساقلانغان بولۇشى كېرەك. بۇ خىل «قالدۇق ئىسسىقلىق» بىر خىل تۆت يۈزلۈك سەككىز تەرەپلىكنىڭ ھەممىسىدە ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى رادىئاتسىيىسىنىڭ بارلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، گاموف ئالدىن ھۆكۈم قىلغان «قالدۇق ئىسسىقلىق» نىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئالەم ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى رادىئاتسىيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاسترونومىيە ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك سان - سىفىرلار يېڭىلاندى، بۇنىڭ بىلەن بۇ سان - سىفىرلارغا ئاساسلىنىپ ئالەمنىڭ كېڭىيىش يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ، ئەسلىدىكى5 مىليارد يىلدىن10 مىليارد يىلغا كۆپەيدى، بۇ ياش بىلەن ئاسمان جىسىملىرى ئۆزگىرىشى تەتقىقاتىدا بايقالغان ئەڭ چوڭ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يېشى ئۆزئارا ماس كېلىدۇ. چوڭ پارتلاش تەلىماتى باشقا ئالەم تەلىماتلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئالەم كۆزىتىش پاكىتلىرى ئارقىلىق ھادىسىنى يەنىمۇ ياخشى چۈشەندۈرەلەيتتى. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى بارا - بارا نامايان بولدىھازىر كۆپ ساندىكى ئاسترونومىيە ئالىملىرى چوڭ پارتلاش تەلىماتى ئاساسىي ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلدى، بۇرۇن چۈشەندۈرگىلى بولمىغان خېلى كۆپ مەسىلىلەر بارا - بارا ھەل بولۇشقا باشلىدى، ئۇ ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە، ئەڭ ئۈمىدكە تولغان بىر ئالەم تەلىماتىدۇر