ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : تارىختىكى سىرلىق غاي 1900-يىلىدىن بۇيان دۇن دوۋنىڭ كوچىسى سان پېتىر ئىبادەتخان

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > جۇغراپىيە > تولۇق مەزمۇنى

تارىختىكى سىرلىق غايىب بولۇش ۋەقەلىرى

ۋاقىت : 2015-07-12 19:30 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
تارىختىكى سىرلىق غايىب بولۇش ۋەقەلىرى

دۇنيادا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ھادىسىلەر ناھايىتى كۆپ، تۆۋەندىكى بىرنەچچە سىرلىق غايىب بولۇش ۋەقەلىرى ھازىرغىچە سىر بولۇپ قالغان.

كولومبىيەدىكى سانكىت پوسلىدوفتىل دىنى مۇرتلىرىنىڭ كوللېكتىپ غايىب بولۇشى: كولومبىيەدە 1999-يىلى 100دىن ئارتۇق دىنىي مۇرىتلىرى ئالپىس تېغىغا سەجدە قىلغىلى چىققان، ئۇلار شۇ يىلى ئاۋغۇستتا زامان ئاخىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھەمدە تاغقا چىقىپ سەجدە قىلىپ، تەڭرىنىڭ ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرىشىنى تىلىگەن، نەتىجىدە ئۇلار تۇيۇقسىز غايىب بولغان.

موسكۋادا مېترونىڭ غايىب بولۇشى: موسكۋادا 1975-يىلىدىكى مەلۇم بىر كۈنى، بلوروسىيىدىن يولغا چىققان مېترو ئاخىرقى بېكەتتكە يېتىپ كېلىشىگە 14مىنۇت قالغاندا تۇيۇقسىز غايىپ بولغان، يولۇچىلارنىڭمۇ دېرىكى بولمىغان.

لوپنۇر كۆلىدىكى سىرلىق غايىپ بولۇش ۋەقەسى: دۆلىتىمىزنىڭ مەشھۇر ئالىمى پېڭ جىيامو 1980-يىلى 5-ئىيۇن لوپنۇر كۆلى يېنىدا سىرلىق يوقاپ كەتكەن. دۆلىتىمىزنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋە ھەربىيلىرى ئىزدىگەن بولسىمۇ تېپىلمىىغان.

مىسىردىكى ماشىنا ۋە ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز غايىپ بولۇشى: مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ شەھەر سىرتىدىكى رايوندا 1970-يىلى ماشىنا ۋە ئادەم يوقاپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر نەپەر ياش ئاپتوموبىل ماھارىتى مەشىق قىلىۋىتىپ، ئاپتوموبىل بىلەن تەڭلا غايىپ بولغان، ھەتتا ئاپتوموبىلنىڭ يەر يۈزىدىكى ئىزىمۇ يوقاپ كەتكەن.

«دوگلاس»ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ 35يىل ئۇچۇشى: ۋېنسۇئىلانىڭ كاراكاس ئايروپورتىدا 1990-يىلى 9-سېنتەبىردە خېلى يىللار بۇرۇن براك قىلىنغان «دوگلاس»ناملىق ئايروپىلانى پەيدا بولۇپ قالغان، ئايروپورتتىكى رادارمۇ بۇ ئايروپىلاننى بايقىمىغان. بۇ ئايروپىلان ئايروپورتقا قونغاندا، ئايروپورتتىكى قوغدىغۇچى خادىملار ئايروپىلاننى قورشېۋىلىپ، ھەيرانلىقتا قاراپلا قېلىشقان. ئۇچقۇچى ئايروپىلاندىن چۈشۈپ باشقىلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ھەيران قالغانلىقنى ھەمدە بۇ يەرنىڭ قايەر ئىكەنلىكىنى سورىغان، بىرەيلەن بۇ يەرنىڭ ۋېنسۇئىلا ئىكەنلىكىنى دىگەندە، ئۇ بۇ ئايروپىلاننىڭ نيۇيوركتىن فلورىداغا ئۇچقانلىقنى دەپ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىدىن گاڭگىراپ قالغان. ئۇچۇش خاتىرسىدە بۇ ئايروپىلاننىڭ 1935-يىلى 2-ئىيۇن ئۇچقانلىق سانلىق مەلۇماتى ئېنىقلانغان.
ئالدىنقىسى:1900-يىلىدىن بۇيان دۇنيادا يۈز بەرگەن چوڭ يەر تەۋرەشلەر | كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار