ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، بولۇپمۇ بالىسى تېخى 13 ياشقا ت

ۋاقىت : 2014-01-30 02:47 | مەنبەسى : كۆكنۇر | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، بولۇپمۇ بالىسى تېخى 13 ياشقا توشمىغان ئاتا –ئانىلارنىڭ !
 
 
بۇنداق مۇئەللىم بولسا نېمىدېگەن ياخشى ،ئۇ يېتەكلىگەن سىنىپتا 49 بالا بار ، 37بالا چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتى ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەرگە ، 6نەپىرى كامبىرىج ئۇنىۋېرىستېتى ، نېھرۇ ئۇنىۋېرىستېتى ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرىستېتى قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ قوبۇل قىلىنغان باشقىلىرى بولسا فۇدەن ئۇنىۋېرىستېتى ، نەنكەي ئۇنىۋېرىستېتى قاتارلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان .ئۇنىڭدىن باشقا ، مەكتەپ پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ چىمپيۇنلۇقنى ، مەكتەپ يىنىك ئاتلىكىتكا مۇسابىقىسى ، مەكتەپ تورىنى لاھىيلەش مۇسابىقىسى ، قاتارلىق ئالتە تۈردە چىمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.بۇ سىنىپتىن يەنە مۇزىكا پىشىۋاسى ، مۇنازىرە ئاتامانى ، كومپيۇتېر مۇتەخەسىسى ، تەيچۈەنداۋ ئۇستىسى قاتارلىق بىر قاتار ماھىرلار مەيدانغا كەلگەن .بۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆزىمۇ بالا تەربىيىلەشتە ئۇتۇق قازانغان ئاتا، ئۇنىڭ قىزى ئەلا نەتىجىسى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتىغا قوبۇل قىلىنغان . ئۆزى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان ،خەلق ئۇنىۋېرىستېتى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ جىن جەن مۇئەللىم .
 
ۋاڭ مۇئەللىم يەكۈنلەپ چىقارغان مائارىپ تەربىيىلەش ئۇسۇلى 32 ماددىلىق . بۇلار تۆۋەندىكىچە:
 
1. بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى مەكتەپ ئەمەس بەلكى ئائىلە .
 
2.ئەگەر بالىغا بولغان ئائىلە تەربىيىسىدە مەسلە كۆرۈلسە ، بالا مەكتەپتە جاپا تارتىپ قالىدۇ ، بالا بەلكىم مەكتەپتىكى «مەسلىسى بار ئوقۇغۇچى»غا ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن .
 
3. نەتىجىسى ياخشى بالىنىڭ ئانىسى بولسا ئىشنى پىلانلىق ھەم ئىدىتلىق قىلىدىغان ئايال .دادا قانچىكى ئەستايىدىل قانچىكى قائىدىلىك ، قانچىكى ئەدەبلىك بولسا بالىسىنىڭ نەتىجىسى شۇنچە ياخشى بولىدۇ .
 
4.نامراتلىقنىڭ بالىغا بولغان مۇھىم تەربىيىسى بايلىق ، بىراق بۇ قانچە نامرات بولسا شۇنچە ياخشى دىگەنلىك ئەمەس .ئاتا- ئانا بولۇش ئۈچۈن بالىنى ئاساسىي مەدەنىيەت ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش زۆرۈر ، بالىنى ھەرگىزمۇ نامراتلىق پاتقىقىغا پاتقۇزۇپ ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىدا قىلىپ قويماسلىق كېرەك .
 
5.باي بولۇش بولسا بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن تەربىيىلەش مەنبەسى ،غەربنىڭ تەپەككۇرىدا :«بىر ئاقسۆڭەكنى تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ئۈچ ئەۋلاد ئادەم تىرىشىشى كېرەك »«قاتلام ھامان مىراس قالىدۇ »دەيدىغان گەپ بار . بىراق ، يۇقىرى بولغان تەربىيە مەنبەسى يۇقىرى بولغان تەربىيە ئۇسۇلىغا موھتاج بولىدۇ ، ئەگەر يۇقىرى بولمىغان تەربىيىلەش ئۇسۇلى بولمىسا باي ئائىلنىڭ بالىلىرى ئۆسۈپ – يېتىلىش مەزگىلىدە زىيان ئىلىپ كېلىدۇ .
 
6.بىلىمى بار لېكىن مەدەنىيەتسىز ئائىلە باشلىقى بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك .بەزى كىشىلەرنىڭ ئوقۇش تارىخ يۇقىرى ، لېكىن بەكلا مەدەنىيەتسىز . ئەگەر ئائىلە  باشلىقى ئائىلىنى چۈشەنمىسە ، باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ ،ھەتتاكى ئۆز بالىسىغىمۇ قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمەيدۇ

7.ئاتا – ئانا بالىنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ چۈشەنسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئاتا – ئانا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل بىر تۇرمۇشى بولىشى كېرەك .ئەگەر ئاتا – ئانا ھەربىر ئىشنى بالىنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرسا ، بالىغا بولغان مېھىر دەستەك قىلىنغان ئازار بولۇپ شەكىللىنىدۇ . بەزىدە بالا ئەمەس بەلكى ئاتا- ئانا بالىسىدىن ئايرىلالمايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ قالىدۇ .
 
8.ئاتا – ئانا بالىغا بولغان تەربىيىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ، بۇنداق دېيىش بالا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئارام ۋاقتىدىن ۋاز كىچىشى دىگەنلىك ئەمەس .«ھېچقانداق مەسئۇلىيەتچانلىق بولمىسا باشقىلارغا زىيان يىتىدۇ ، مەسئۇلىيەتچانلىق زىيادە بولۇپ كەتسە ئۆزىگە .»
 
9.ئەگەر بالا يىغلىسىلا بالىنى ئەركىلىتىپ ئۆگىتىپ قويسا بالا ئاتا –ئانىنىڭ بۇ تەرىپىدىن پايدىلىنىدۇ – دە ، تېخىمۇ كۆپ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ .شۇڭا بالا يىغلىغاندا ئالدىراپ ئۇنى ئەركىلەتمەستىن ، ئاتا- ئانا ئۆز ئىشى بىلەن ئازراق ۋاقىت بەند بولۇپ تۇرىشى ، بالا چوقۇم ئۆزىگە تايىنىدىغان بولىشىنى ئۆگىنىشى كېرەك .
 
10.ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەت بالىنىڭ خاراكتىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .بىر ئەر ئەگەر ئايالىنى ھۆرمەت قىلمىسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئوغلى مەكتەپتە قىز ساۋاقداشلىرىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ .بىر ئايال ئەگەردە يولدىشىنى ھۆرمەتلىمىسە ، ئۇنىڭ قىزىمۇ مەكتەپتە ئوغۇل دوستلىرىنى ھۆرمەتلىمەيدۇ .
 
11.مائارىپ – ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەپ چىقىدۇ .ئائىلە باشلىقى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى قەدەممۇ – قەدەم مەسئولىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك ،قەلبىدىكى ھەرقانداق زەررە چاغلىق كىرنى دەل ۋاقتىدا يۇيۇپ تۇرىشى كېرەك ،قەلبىدە بىر ئۈمىد چىرىغى دائىم يېنىپ تۇرىشى كېرەك ، ئۇنىڭ يىنىدا تۇرغان كىشى بىر خىل ئازادىلىك ھېس قىلىش كېرەك .

12.بالىنىڭ قارىشىغا نىسبەتەن ئاتا- ئانا توغرا پىكىردە بولىشى كېرەك ،« مەن سېنىڭ پىكرىڭگە قوشۇلالمايمەن ، لېكىن مەن يەنىلا سېنىڭ پىكرىڭنى قوشۇلىمەن ». ئۇلار بالىغا بالا تۇغۇلغاندىن ئىتىبارەن ئۇنىڭغا قائىدە- داۋلى سۆزلىسە ، سەۋىرچانلىق بىلەن بالىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىسا . بالىنى ئۇرۇپ –تىللاپ تەربىيە قىلماي ، ياخشى گەپ قىلىپ قايىل قىلسا .توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ساۋاق قىلشىنىڭ نەتىجىسى : مايمۇنمۇ توخۇ ئۆلتۈرۈشنى ئۆگىنىشى مۇمكىن .

13.بالىنى ھىسسىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن تەڭ يىتىلدۇرۇش كېرەك .ھېسسىيات بولمىغاندا ، ھەرقانچە ئۇلۇغ ساھەنىمۇ چىرايلىق باشلىغىلى بولمايدۇ ، شۇنداقلا ئەقلى ھوشى بولمىسا ئىشنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرغىلى بولمايدۇ .
 
14.بالىغا كىچىكىدىن  ياخشى تەربىيىنى سىڭدۈرۈش كېرەك . ئۆچىرەت ساقلىغاندا ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلىشتىن ، ئاسان ئاچچىقلىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
 
15.ئادەم بولۇش ئۈچۈن كەڭ قورساقلىق ناھايىتى مۇھىم ، ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى مەسخىرە قىلماڭ .باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلمىگەن ئادەم زىياننى چوڭ تارتىپ قالىدۇ ، چۈنكى ئۇ باشقىلارغا قارىتا يامان نىيەتتە بولغاندە .
 
16.بەدەننىڭ ساغلاملىقى روھ ساغلاملىقىنىڭ كاپالىتى .  بەدىنى ساغلام ئادەمنىڭ مىجەزى ئوچۇق بولىدۇ . ساغلام بولمىغان ئادەم ئىشنى تىمسىقلاپ قىلىدۇ ، گەپ قىلسا گېپىنى تاپالمايدۇ .
 
17.بالا 1 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان مەزگىلىنى بالىنىڭ پەقەت بەدەن جەھەتتىكى ئۆسۈپ يىتىلىشى دەپ قارىماسلىق كېرەك .ئەگەر بالا بۇ مەزگىلدە بوۋا –مومىلىرى بىلەن بىللە تۇرسا ، 6 ياشتا بالىنى مەكتەپكە تاشلاپ بەرسە ئۇ چاغدا بالا خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ

18.دائىم بالا بىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى بىللە قىلىش كېرەك . بىرىنچىسى:بالا بىلەن بىللە غىزالىنىش ، ئىككىنچىسى بالىنى بىرلىكتە ئۇيۇنچۇق ، ئائىلە سايمانلىرى ،كىيىم ئىشكاپىنى ياساشقا تەكلىپ قىلىش ، بەزىدە بالىنى خىزمىتىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ، ئۈچىنچى بالىغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىش ۋە بالىنى ھېكايە ئېيتىشقا قىزىقتۇرۇش .
 
19.ئەگەر ئالاھىدە قىيىنچىلىق بولمىسا ، ئاتا – ئانا ئەڭ ياخشىسى ھەركۈنى بالا بىلەن غىزالىنىشى كېرەك .ئائىلنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى بولسا پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ غىزالانغاندا شەكىللىنىدۇ .

20.بالىغا ھېكايە سۆزلەپ بېرىش ھەم بالىنىمۇ ھېكايە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش ، بالا داۋاملىق ھېكايە ئاڭلاپ تۇرغاندا بالىدا ئوقۇش ۋە يېزىش ئادىتى شەكىللىندۇ ،بالىغا بالدۇرراق مۇستەقىل ئوقۇشنى ئۆگىتىش كېرەك ، «كىتاب ئوقۇشنى بىلگەن ئادەم ھەرگىزمۇ كەينىدە قالمايدۇ ، كەينىدە قالغان ئادەم كىتاب ئوقۇمايدۇ ».ئەزەلدىن بالىغا ھېكايە ئېيتىپ بەرمەيدىغان ئاتا- ئانا مەسئۇلىيەتسىز ئاتا- ئانا ھىسابلىنىدۇ .
 
21.بالىنىڭ ئۆسۈپ –يېتىلىشىدە مۇھىم بولغان ئۈچ مەزگىل بار سىز بۇ ئۈچ مەزگىلنى ئۆتكۈزسىڭىز بولمايدۇ : بىرىنچىسى بالا 3 ياشقا كىرىشنىڭ ئالدى – كەينى ، ئىككىنچىسى ، بالا 9 ياشقا كىرىشنىڭ ئالدى- كەينى ، ئۈچۈنچىسى ، بالا 13 ياشقا كىرىشنىڭ ئالدى – كەينى .
 
22.بالا «30 ياشتا ئەمەس ،بەلكى 3 ياشتا مۇستەقىللىقنى ئۆگىنىشى كېرەك »، بالا ئۈچ ياشقا كىرىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۆزى تاماق يىيىشنى ئۆگىنىشى كېرەك . ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى ئۆزى قىلىشى ،قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چوقۇم قىلىشى كېرەك .
 
23.ئەگەر بالىڭىز 13 ياشتا فىلورىسنىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ قالسا ،:«ئىككى يول ئورمانلىقتا بۆلۈنۈپ كەتتى ، مەن ئادەم ئاز ماڭىدىغان يولنى تاللىدىم »،دىگەندەك ، بۇ ناھايىتى نورمال ،ئەنسىرەپ كەتمەڭ ، ئۇ كېيىن بەلكىم نۇرغۇن ئادەم ماڭىدىغان يولنى تاللاپ مېڭىشى مۇمكىن .
 
24.ئاتا- ئانىنىڭ بالىغا قائىدە –داۋلى سۆزلىشى مۇقەررەر ، بىراق 13 ياشنىڭ ئالدى- كەينىدە قائىدە سۆزلىگەندە ،قىياپەتكە دىققەت قىلىش كېرەك ،قىياپەت قائىدە –داۋلىدىنمۇ مۇھىم .بولمىسا بالىنىڭ ئۆچلۈكىنى قوزغاپ قويىسىز .بالا چوقۇملا :«گېپىڭنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىمەن ، لېكىن سېنىڭ قىياپىتىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدۇ» دېيىشى مۇمكىن .
 
25.مەخپىيەتلىكى بولۇش بالىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى ، پىشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئەگەر بالىنىڭ كۆڭلىدە بىرەر ئىش بولسا ئۇنى دىيىشكە زورلىماسلىق كېرەك .
 
26.بالا 3 ياشنىڭ ئالدى- كەينىدە ئاتا- ئانا بالىنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك .9 ياشنىڭ ئالدى- كەينىدە  بالىنىڭ ئالدىدا ئاتا- ئانىنىڭ ئابرويى بولىشى كېرەك .13ياشنىڭ ئالدى-كەينىدەئاتا –ئانا بالىغا نىسبەتەن دېموكراتىيىنى يۈرگۈزىشى كېرەك .ئەڭ ياخشى تەربىيە ئۇسۇلى ئالدى بىلەن قاتتىق بولۇپ كېيىن بوش قويۇۋىتىش ، ئەڭ بولمايدىغان تەربىيە ئۇسۇلى ئاۋۋال بوش قويىۋېتىپ كېيىن چىڭ تۇتۇش .
 
27.بالىنىڭ نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ، لېكىن ئۇنىڭ قانچىنچى دەرىجە بولغىنىغا ئانچە ئېرەن قىلماسلىق كېرەك .ئۆگىنىش نەتىجىسى ھەردائىم بىرىنچى بولىدىغان بالىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك .بەزى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ، مىجەزىمۇ ياخشى ، بەزى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ، مىجەزى ئوسال كېلىدۇ .ھېسداشلىقى يوق بۇنداق بالىلارنىڭ .
 
28.بالىلارغا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر بولۇشنى ئۆگىتىش كېرەك .« ئەگەر ئاتا- ئانا ئۆز قوشنىسىدىن رازى بولمىسا ، بالىسىمۇ دوستلىرىدىن رازى بولماسلىقنى ئۆگىنىدۇ ياكى بالىلارنى دوستلىرى بىلەن ئويناشتىن مەھرۇم قىلىش بالىلارنى ئۆزىنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ھالەتتە كەلتۈرۈپ قويىدۇ ، بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتا قىينىلىدۇ «.

29.بالىنىڭ چوڭ بولىشى بىر دوستقا موھتاج ،بالىنىڭ ئۆزىنىڭ دوستى بولسۇن ، بىراق دوستلىرى بەك قالايماقان بولۇپ كەتمىسۇن ،بالىنىڭ ئەقلى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تېخى پىشىپ يىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ، بالىنى دوستلىرىنىڭ يامان ئادەتلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش لازىم .
 
30. بالىدا ساغلام بولغان گۈزەللىك قارىشىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك . كۆزگە كۆرۈنگەن ئوغۇل بالىلار ساغلام گۈزەل قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ . بالىڭىزنى گۈزەللىكنى دەپ ئۆزىنى نابۇت قىلىدىغان قىلىپ تەربىيلىمەڭ . كىچىك بولغان ، كېسەلچان بولغاننىڭ ھەممىسىلا ياخشى ئەمەس ، كۈچلۈك بولغاننىڭ ھەممىسى ئەسكى ئەمەس . كىچىك ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئوماق ،چوڭ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى يىرتقۇچ ئەمەس .
 
31.«بۇغدايلىقتىكى قوغدىغۇچىلار»دېگەن سۆز دۇنياغا بىر سۆزنى تەكىتلىدى ،«قوغدىغۇچى» . مائارىپ« باشقۇرۇش» دىگەنلىك ئەمەس ، « باشقۇرماسلىق »دېگەن تېخىمۇ ئەمەس . مائارىپ دەل بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا .
 
32. بالىڭىزغا :«ئەستايىدىل دەرس ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسىنىڭ بەزىدە ناچارمۇ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ، ئەستايىدىل ئۆزى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولىدىغانلىقىنى» ئەسكەرتىڭ.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار