يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا –
ئائىلە مۇھىتى بالىل
كەيپىياتىڭىزىدىن با
بالىلىرىمىزغا توغرا
ئائىلىدىن ئىبارەت جەمئىيەتنىڭ بۇ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى تولىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىقنى ، تىرىشچانلىقنى ، سەمىمىيلىكنى، راستچىللىقنى، ئىشچانلىقنى ئەينەك قىلغان بولغاچقا، خۇددى جانان چىنىدەك نازۇك، ساپ، جەزبىدار كۆرۈنىدۇ. ئائىلە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ، بولۇپمۇ ئەر–خوتۇنلارنىڭ بىر ياقىدىن باش ،بىر يەڭدىن قول چىقىرىشى بىلەن گۈللىنىدۇ، يۈكسىلىدۇ . بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئەر–خوتۇنلار ئائىلىنى ئىللىق، مېھىر–مۇھەببەت ئاتا قىلىدىغان ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ زۆرۈر.
ئائىلە پىسخىك جەڭ قوزغايدىغان جەڭگاھ ئەمەس
بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۆز ئارا چۈشىنىش ، ئىشىنىش ئاساسىدىكى باراۋەرلىكتۇر . باراۋەرلىك بولمىغان ئائىلىدە بەرىكەت يوق . مۇنداق باراۋەرلىككە ئېرىشىشتە چوقۇم ھەر ئىككىلا تەرەپتە سەمىمىيلىك ، راستچىللىق ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك . كىشىلىك تۇرمۇشقا نىسبەتەن ھەممە ئادەمنىڭ قارشى ئوخشاش بولمىغاندەك ، ئائىلىۋى تۇرمۇشتىمۇ ئەر–خوتۇننىڭ ھېسىياتى ، تۇرمۇش يولى ۋە تۇرمۇش ئادىتى ئوخشاش بولۇشى ناتايىن . ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت سەمىمىيلىككە، راستچىللىققا مۇھتاج بولغاچقا ، سۆز –ھەرىكەت، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئۆزگىگە غۇۋا بولغان ئىشلارنى چوقۇم قارشى تەرەپكە چۈشەندۈرۈش ، قارشى تەرەپنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق‹‹پسخىك جەڭ›› دىن ساقلىنىش كېرەك .
كۆزىتىشلەردىن قارىغاندا ، ئائىلىدە ‹‹پسخىك جەڭ ›› قانچە كۆپ كۆرۈلسە ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىك شۇنچە كۈچىيىدىكەن. ئەر–خوتۇن بىر– بىرىگە ‹‹كۆڭلۈمدىكىنى تاپ›› دەپ باتناپ كەتسە ياكى قارشى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ كەچۈرۈم سوراشنى كۈتۈپ يۈرسە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بۇنداق ئۇسۇل ئەكس تەسىرى بېرىپ قويۇشى مۇمكىن . شۇڭا ئەر–خوتۇن ئارىسىدا كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەندە ئىمكان بار سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە بىر–بىرىگە ئىشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك .
ئائىلە ئۆزگىنىنى قوغلايدىغان جەڭگاھ ئەمەس
ئائىلىۋى تۇرمۇشتا ئەر–خوتۇن ئارىسىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەنلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشى تەبئىي. ‹‹سىلە، ئۆزلىرى›› بىلەن ئۆتىدىغان ئائىلىلەر خېلى كۆپ بولسىمۇ ، ئەمما پسخىك جەڭ ئارقىلىق يوشۇرۇن بىر–بىرىسىنى كۆزىتىدىغان ، گەپ–سۆزدە چېقىۋالىدىغان ئەر–خوتۇن يوق ئەمەس . ئەمما بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ‹‹ئاتقا مىنگەشمەسلىك كېرەك، مىنگەشكەن ئىكەن بەرداشلىق بېرىش كېرەك›› دېگەندەك، ئەر-خوتۇن دەسلەپتىلا ئاجايىپ گۈزەل غايىلەر بىلەن بۇ ئائىلىنى قۇرغان ئىكەن ، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ئائىلىگە كۆيۈنۈش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ، ئەر–خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە كۆيۈنۈش چۈشۈنىش ئاساسىدىكى مېھىر –مۇھەببەتكە تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ، ئەر– خوتۇنلار ئائىلىدىكى مەجبۇرىيىتىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تونۇش بىلەن بىرگە ،بىر تەرەپ ئىككىنچى بىر تەرەپنىڭ سەۋەنلىكى ، يىتەرسىزلىكى ئۈچۈن قارشى تەرەپنى ئائىلىدىن بىزار قىلىش ئەمەس بەلكى پۇرسەت بېرىش ؛بەسلىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا قوللاش ، ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئائىلۋى مېھرىبانلىقنى، ئەر–خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ھېسيات بىرلىكىنى ساقلاپ ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك.
ئائىلە بەس–مۇنازىرە قوزغايدىغان مۇنازىرە ئورنى ئەمەس
ئائىلىۋى تۇرمۇش ئۇنداق ياكى مۇنداق ئۇششاق–چۈششەك گەپ–سۆزلەردىن پۈتۈنلەي خالى بولۇپ كېتەلمەيدۇ ، بولۇپمۇ ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ بىر قىسم سەۋەنلىكلىرى ، ئىلىم–بېرىم ئىشلىرىدىكى بىپەرۋالىقى ، تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارغا ئانچە زەڭ قويۇپ كەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپرەك سۆزلەپ قويۇپ ، ئەرلىرىنىڭ زىتىغا تىگىپ قويىدىغان ؛ ئەرلەر بولسا خوتۇنىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى سەۋەنلىكلىرى، ئانىلىق مېھرىنى ھەددىدىن زىيادە ئىپادىلەپ ئائىلىدىكى بالا تەربىيىسىىگە سەل قارايدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپرەك سۆزلەپ ئاياللىرىنىڭ زىتىغا تىگىپ قويىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال خېلى ئۇزۇن يىل ئۆي تۇتقان ئەر-خوتۇنلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئەر–خوتۇن بىر–بىرسىنىڭ سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە ئۇسۇلغا بەكمۇ دىققەت قىلىش ، بولۇپمۇ قارشى تەرەپنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن، پالانچىنىڭ ئېرى (ياكى خوتۇنى ) سېنىڭدىن مىڭ مەرتىۋە ياخشى ، سەن ئۇنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيسەن دېگەنگە ئوخشاش ئاددىي سېلىشتۇرۇشلار قارشى تەرەپنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىك ھەتتا ماجىرالارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
ئەر–خوتۇنلار ‹‹ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات ›› نى بىلىۋېلىشى، ئىلگىرى ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى قەتئىي تەگىمەسلىك كېرەك. قىسقىسى ئائىلىدە ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى بەس مۇنازىرە قانچە كۆپەيسە ئائىلىۋى زىددىيەت شۇنچە كۈچىيىدۇ ، شۇڭلاشقا زىيادە مۇنازىرلىشىشتىن ساقلىنىش بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاساسىدۇر .
ئائىلە بىر–بىرسىنى پۇتلايدىغان رىقابەت سورۇنى ئەمەس
ئائىلە ئەر–خوتۇننىڭ ئۆزئارا كۆيۈنۈشى، بىر–بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى ، قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى ئارقىلىق بەختىنى تاپىدۇ . بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئۆزئارا كۆيۈنۈش، قوللاش قانچە كۈچەيسە مېھىر–مۇھەببەتمۇ شۇنچە ئۇلغىيىدۇ. ئەگەر بىر ئائىلىدە ئەر-خوتۇن ھەرئىككىلىسىنىڭ مىجەز–خاراكتېرى ئوخشاش بولسا ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئىش–ھەرىكەتلىرىمۇ بىر يەردىن چىققان بولاتتى. گەرچە مىجەزنى ئۆزگەرتكىلى بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ. شۇڭا ئەر-خوتۇن ئائىلىدە رىقابەتلىشىش ئەمەس قوللاشنى ، بىر-بىرىسىنى پۇتلاش ئەمەس يېتەكلەشنى، بىر–بىرىسىنى ئەيىبلەش ئەمەس سەۋەنلىكىنى تىزىتىشكە ياردەم بېرىشنى، ئائىلە ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىشى ئەمەس باراۋەرلىكنى، بەتخەجلىكنى ئەمەس «يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش » نى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك .