ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

بالىلىرىمىزغا توغرا ئۇسۇلدا كۆيۈنەيلى

ۋاقىت : 2015-07-18 12:31 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

بالىلىرىمىزغا توغرا ئۇسۇلدا كۆيۈنەيلى


رىسالەت مەردان

مېھىر-مۇھەببەت ھاياتىمىزنىڭ يېرىمىنى تەشكىل تاپىدۇ. بىز بەزىدە باشقا يوقىلاڭ سەۋەبلەر تۈپەيلى مېھىر-مۇھەببەتنى ئۆز يولى بىلەن ئەمەس، باشقىچە شەكىلدە يەتكۈزۈپ سالىمىز. مېھىر–مۇھەببەت ئۆز يولىدا يەتكۈزۈلمىسە، ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلسە ۋە ياكى قوپال ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەنسە، قارشى تەرەپكە ئەكىس تەسىر بېرىپ، ئارىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى بۇزىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. مۇنداق ئەھۋالدا، مەيلى قانداق مۇناسىۋەت بولمىسۇن، ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچ ۋە ئەقىل سەرىپ قىلىدىغان ئاۋارىچىلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ.

مەن بىر ئانىنى تونۇيمەن، ئۇنىڭ ئېرى تۈگەپ كەتكەن. ئۇ ھازىرغىچە بالىسىنى بېقىپ، قايتا ياتلىق بولۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا تۇرمۇشنى قايتىدىن باشلاش، قايتا ياتلىق بولۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلغانلارمۇ چىقتى. لېكىن، ئۇ تۇرمۇش قۇرۇش ۋە قايتا ياتلىق بولۇشتىن قورقۇپ تۇل ھالدا بالىسىنى بېقىپ كۈنلىرىنى تەنھا ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئۇ كۈندۈزى سەككىز سائەتنى ئىش ئورنىدا ئۆتكۈزگەن بىلەن كەچلىكى بالىسىنى بېقىپ، تۇرمۇشنىڭ غېمىنى ئۆزى يالغۇز كۆتەرمەكتە. ئۇنىڭ تۇتۇق، كەم كۈلۈمسىرەيدىغان چىرايىغا قاراپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش غەملىرىنى ھېس قىلغاندەك بولىمەن.

مەن ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ چىرايىدىكى تۇتۇق ئىپادىدىن قانداقتۇر بىر غېمى باردەك ھېس قىلغان ئىدىم. ئۇ ئاقكۆڭۈل، ئېھتىياتچان، كىشىلەر بىلەن بەك ئالاقە قىلىپ كەتمەيدىغان، كەمسۆز ئايال ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم باردى-كەلدى قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چىرايىدىكى بۇ ناخۇش ئىپادىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قەلب يارىسىنى بىلىش ئىستىكىدە بولدۇم. تونۇشلاردىن ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق غەمكىنلىكىنى بىلمەكچى بولدۇم. ئۇنى تونۇيدىغانلار ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى دەپ بەردى. ئۆزى بۇ گەپلەرنى دېمىگەچكە، ئۇ توغرىلىق جىق پاراڭلاشمىدۇق.

بىر كۈنى قىزىم ماڭا ئۆگەتكەن خەنزۇچە تېكىستنى ئوقۇپ ئولتۇرسام، ئۇ ئايال قېشىمغا كېلىپ، مېنىڭ خەنزۇچە تېكىستنى تون بەلگىسى بىلەن ئوقۇشۇمغا بىر دەم قاراپ تۇردى.

— نېمە قىلىۋاتىسىز؟

— قىزىم ماڭا خەنزۇچىنى ئۆلچەملىك ئوقۇشنى ئۆگىتىۋاتقان، كەچتە سورىماقچى ئىدى. شۇڭا مەشىق قىلىۋاتىمەن.

— كىچىك بالىنىڭ ئىشىغىمۇ ھە دەمسىز؟

— ھەئە، قىزىم ئۆزىنى چوڭ بولدۇم دەپ ئويلايدۇ. ئۇ مەندىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى، ماڭىمۇ بىر نەرسىلەرنى ئۆگەتكۈسى كېلىدۇ. شۇڭا ئۇنى بۇ ئارزۇيىغا يەتكۈزمىسەم بولماس.

— ھە….

ئۇ ئايال بىر دەم جىمىپ كەتكەندىن كېيىن:

— سىزغۇ قىزىڭىزنىڭ ئارزۇسىغا يەتكۈزۈپسىز، لېكىن ئوغلۇم ماڭا يېقىنلاشقىلى ئۇنىمايدۇ. ھازىر تاپشۇرۇقنىمۇ خوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئىشلەيمەن دەپ چىقىپ كېتىدۇ. يېنىمدا يېتىڭ دېسەممۇ ئۇنىمايدۇ.-دەپ خۇرسىندى.

— نېمىشقا ئۇنداق بولىدۇ؟

— مەنمۇ بىلمىدىم، مەنغۇ ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى، كىيىم-كېچىكىنى كەم قىلمايۋاتىمەن.

— ھەي، ھازىر بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە، كىيىم-كېچىكىدە مەسىلە قالمىدى. بولۇپمۇ سىزدەك بىر مائاشلىق، ئاق ياقىلىق ئايال بالىسىغا ئۇ نەرسىلەرنى ئەلۋەتتە كەم قىلمايدۇ. سەۋەبنى باشقا يەردىن ئىزدەپ بېقىڭ. -دېدىم مەن قىزغىنلىق بىلەن. ئۇ ئايال بىر دەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

— سىزنىڭچە قانداق قىلسام بولار؟ -دەپ سورىدى.

— سىز ئوغلىڭىزغا كۆيۈنەمسىز؟

— كۆيۈنىمەن، ئەلۋەتتە كۆيۈنىمەن، يۈرىكىم كۆيۈپ تۇرىدۇ.

— لېكىن سىز مېھرىبانلىقىڭىزنى قانداق يوللار بىلەن ئىپادىلەۋاتىسىز؟ سىز ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆيۈنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ باقتىڭىزمۇ؟

— ئىپادىلەيمەن؟

— قارىغاندا سىز بالىڭىزنى بەكلا باشقۇرىمەن دەپ ئاچچىقلاپ سالىدىغان ئوخشايسىز.

— بالام بەك چېچىلاڭغۇ، ئىشتان-پايپاقلىرىنى رەتلىك قويمايدۇ، كەچتە پۇتىنى يۇيمايدۇ. شۇڭا سەل چېچىلىپ سالىمەن.

— قارىغاندا سىز بالىڭىزنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئويلاپ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ باقماپسىز، ئىپادىلىگەندىمۇ بەكلا قاتتىق شەكىلدە ئىپادىلەپسىز. مەن سىزگە بۈگۈنلا سىزگە يېپىشىدىغان ئۇسۇلدىن بىرنى ئۆگىتەي، سىناپ بېقىڭ.

— ماقۇل، قېنى دەڭ.

— بۇنىڭغا جىق پۇل كەتمەيدۇ. بالىڭىز نىمە تاماققا ئامراق؟

— قورۇما چۆپكە.

— بۇ تاماقنى دائىم ئېتىپ بىرەمسىز؟

— ياق، خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا دائىم ئېتىپ بىرەلمەيمەن.

— ئەمىسە بۈگۈن كەچ ئۇنى مەكتىپىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭ، ئۇ مەكتەپتىن يانغاندا ئۇنى ئاشخانىغا قورۇما چۆپ يېيىشكە ئاپىرىڭ. تاماقنى يەپ بولۇپ، دۇكاندىن ئۇ ياقتۇرىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرىڭ. ئاندىن ئۆيگە قايتقاندا، ئۇنى چىڭ قۇچاغلاپ «سېنى ياخشى كۆرىمەن، قوزام، مەن ساڭا بەك ئامراق » دەپ. باشقا باھانە كۆرسەتمەي مۇشۇنى سىناپ بېقىڭ. بۈگۈنلا ئۈنۈمى بولمىسا ھېساب ئەمەس.

ئۇ ماڭا گۇمانسىرىغاندەك قاراپ باشقا گەپ قىلمىدى. بىز يەنە تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، دەرس تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بوپ كەتتۇق. ئەتىسى ئەتتىگەندە مەن ئەتتىگەنلىك تەكرارنى تۈگىتىپ ئىشخانىغا كىرسەم ئۇ مۇئەللىم ئالدىمغا كېلىپ ئىككى قولۇمنى چىڭڭىدە سىقتى. كۆزلىرىدە مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ھاياجان…

— رىسالەت مۇئەللىم، سىز ھەقىقەتەن يامانكەنسىز. ئاخشام مەن دېگىنىڭىزدەك قىلدىم. بالام تاپشۇرۇق ئىشلىگىلى خوشنىلارنىڭ ئۆيىگىمۇ چىقمىدى. ئاخشام ئۇ تاپشۇرۇقىنى تېزلا ئىشلەپ بولدى. ئاندىن ئىككەيلەن پاراڭلاشقاچ تېلېۋىزور كۆردۇق. ئۇنىڭ قېنىپ كۈلگىنىنى كۆرمىگىلى بەكلا ئۇزاق بوپتىكەن. كەچتە ئۇ بوينۇمنى قۇچاقلاپ ئۇخلىدى. بۇ گەپتىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم. ئۆزۈمنى خۇددى شۇ بالىنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرگەندەك ھېس قىلىپ كۆزۈمگە ياش تولدى.

—ئەمما بۇ ئۇسۇلنى بەكلا جىق ئىشلەتمەڭ، ئەمما شۇنىڭغا لايىقىدا يۇمشاق، ياخشى گەپلەرنى قىلىپ مەقسىتىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىزلا ئاراڭلاردىكى ئۇ قاتمال مۇناسىۋەتكە خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئاتا-بالىلار ئارىسىدا دەپ بەرگىلى، ئىپادىلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان مېھىر-مۇھەببەت بولىدۇ. بۇ مېھىر مۇھەببەتنى توغرا ئىپادىلەش، ئۇنى لايىقىدا قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈش بىز ئۈچۈن تەڭشەش تەس بولغان دارۋازنىڭ تەڭشىكىگە ئوخشايدۇ. بەزىلەر بالىلىرىنى ئەتۋارلايمەن دەپ ھېچقانداق ئىش قىلغۇزماي، ھۈنەر، ياشاشنىڭ ئاساسلىق ماھارىتىنى ئۆگىنىدىغان دەۋرىنى تولىمۇ ئەتۋارلىنىپ ھېچنىمە ئۆگەنمەي ئۆتكۈزۈۋىتىپ، كېيىن قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان بوشاڭ بوپ قالىدۇ. يەنە بەزى پەرزەنتلەر ئاتا–ئانىسىنىڭ ئاتالمىش «قاتتىق باشقۇرۇش»ىدا مېھىر-مۇھەببەت بۇلىقىدىن سۇ ئىچەلمەي، قاغجىراپ، ئۇ بوشلۇقىڭ ئورنى ياكى قۇرۇپ كېچىپ، مېھىر-مۇھەببەتنى بىلمەس، ياكى چۈشەنمەس بوپ قالىدۇ.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىلار كىچىك ۋاقتىدا تولا دۈشكەللەنسە، ۋاقىرالسا، تىللانسا ھەتتا ئۇرۇلسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىگىلا ئەمەس، بەلكى روھى ساغلاملىقىغىمۇ ناھايىتى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بالىلار مېھىر-مۇھەببەتكە لايىقىدا ئېرىشسۇن، ئۇلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشىش ھوقۇقىنى تارتىۋالمايلى.

بالىلار مېھىر-مۇھەببەتكە قېنىپ چوڭ بولسا بۇ دۇنيانى تولىمۇ گۈزەل دەپ ئويلايدۇ، ھەمدە باشقىچە تەسىرلەردىن خالى ھالدا روھىي جەھەتتىن ساغلاپ چوڭ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ روھى ساغلاملىقى—كېيىنكى مەزگىللەردىكى كەسىپ ۋە ئائىلە ھەم باشقا جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرىنىڭ مۇھىم ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

ھېلىقى ئانا بىلەن كېيىن جىق كۆرۈشەلمىدى،. لېكىن ئاڭلىشىمچە، ئۇنىڭ بالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلىنىپ، ناھايىتى ئىناقلىشىپ كەتكەنمىش. يازما ئاپتورى: رىسالەت مەردان (چەرچەن ناھيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار