يېڭى قىزىق نۇقتا :
پەرزەنتلەرنى ساغلام
ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا –
ئائىلە مۇھىتى بالىل
كەيپىياتىڭىزىدىن با
ئابلىمىت ئابلىز
ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە پەرزەنت تەربىيەسى ئاتا - ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. مېنىڭچە پەرزەنتلىرىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى، كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئاتا – ئانا بولمىسا كېرەك. پەرزەنتلەرنىڭ خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلىشى، ئازادە ئائىلە مۇھىتىنى ھېس قىلىشى پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئوتۇقلۇق بولۇش – بولماسلىقىدا مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. پەرزەنتىگە نىسبەتەن گۈزەل ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈككەن ئاتا – ئانىلاردا ئەلۋەتتە شۇنىڭغا ماس ھالدا ماددىي ۋە مەنىۋى ساپا ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك.
كۆپىنچە ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىشىغا، ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئېلىشىغا، بەلگىلىك ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىدەك نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ نېمىدىن خۇشال بولىدىغانلىقىغا، نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىغا، دوستىنىڭ بار – يوقلۇقىغا، بولسىمۇ قانداق بالىلار بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. تېخى بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى، ئارزۇلىرىنى بالىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىلا ئويلاپ، بالىلارنىڭ ئارزۇ – ھەۋەسلىرى بىلەن كارى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا چۈشەنمەسلىك ۋە زىددىيەت پەيدا قىلىپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ. بۇ ئەھۋال تەرەققىي قىلىپ قالسا بالىلار چوڭ بولغانسېرى ئاتا – ئانىسىغا گەپ ياندۇرىدىغان، ئاتا – ئانىسىنىڭ رايىغا قارشى ئىش قىلىدىغان، ئاتا – ئانىسى بىلەن پاراڭلاشمايدىغان، سىرداشمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا يامان يوللارغا كىرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
بىر تۇغقىنىمنىڭ بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ كىچىكىدە بەك ئوماق، چىرايلىق بولغاچقا ئاتا – ئانىسى ئۇنى بەكمۇ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلدى. دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىسى بىلەن ماختىناتتى. بالىنىڭ دادىسى سودا – تىجارەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئوغلى بىلەن بىللە بولۇشقا كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالمايتتى. بىكار ۋاقتى بولۇپ قالسىمۇ پۇل تېپىشنىڭ كويىدا ئۆيدە ئولتۇرمايتتى. بالىنىڭ ئانىسىنىڭ بالا بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا مەسىلە بار ئىدى. ئۇ بالىسى تاپشۇرۇقنى خاتا ئىشلەپ قويسا ئۇراتتى، ۋارقىرايتتى. ئۇرۇغ – تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بارغاندا بالىسى باشقا بالىلار بىلەن ئوينىسا، كۆزىگە كىرىۋېلىپ باشقۇراتتى. بالىلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە ئوزىگە چۇشلۇق بىر بوشلۇقى بولۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭمۇ باشقا بالىلار بىلەن بىللە ئوينايدىغان، تەبىئەتكە، جەمئىيەتكە يېقىنلىشىدىغان ھوقۇقى بار. شۇ بوشلۇققا ئاتا – ئانىلار قىسىلىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز ئەركى بويىچە ئىش قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلسا نەتىجە ئەلۋەتتە ئەكسىچە بولىدۇ. ھېلىقى تۇغقىنىمنىڭ بالىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. ئۇ بالا ھازىر تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ ھازىر ئاتا – ئانىسىغا گەپ ياندۇرىدىغان، ئۆگىنىشتە تىرىشمايدىغان، دائىم تورخانىلاردا يۈرۈيدىغان بىر بالىغا ئايلىنىپ قالدى. ئاتا – ئانىسى بالىسىنىڭ مۇنداق بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى بىر – بىرىگە ئىتتىرىپ ئازارلىشىدىغان، ھەتتا ئۇرۇشىدىغان ھالغا يەتتى. دەسلەپكى شاتلىق، بەخت تۇيغۇسى پۇراپ تۇرىدىغان ئائىلىدىن ئىللىقلىق نەلەرگىدۇ غايىپ بولدى. بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىدىن نېمە ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟!
ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ شەكىللىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت خۇددى مېۋىلىك دەرەخقە، ئاتا – ئانا باغۋەنگە ئوخشايدۇ. مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئەي بولۇش – بولماسلىقى، مېۋە بېرىش بەرمەسلىكى باغۋەننىڭ پەرۋىشىگە باغلىق بولغاندەك، پەرزەنتنىڭ يارامسىز ياكى ياراملىق بولۇشىمۇ ئائىلىدىكى شۇ بىر جۈپ «باغۋەن»گە باغلىق بولىدۇ. دېمەك تۇغقىنىم يولدىشى بىلەن «باغۋەن»لىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىغان. بالىغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈش، ئۆز ئىرادىسى بويىچە تەربىيەلەش، ئۇسۇلنىڭ خاتا بولۇشى مېۋىلىك «دەرەخ»تە ھارام شۇڭلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ، بالىنى مېۋىسىز دەرەخقە ئايلاندۇرۇپ قويغان. قىسقىسى ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئارىسىدا مېھىر – مۇھەببەت شەكىللەنمىگەن. شۇڭا ئاتا – ئانا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك. بۇ ياش – ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى تەربىيەدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئوتۇقلۇق بولۇش – بولماسلىقىنىڭ ئاساسى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسدا بالا 12 ياشتىن ئىلگىرى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت رىشتىسى پەيدا بولمىسا، بالىلاردا بىر ئۆمۈر ئاتا – ئانا تەرەپتىن كېلىدىغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمايدىكەن. بالا بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلەلمەيدىكەن. بولۇپمۇ ئاتا – ئانىلار بالا ئالتە ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، بالا تەربىيەلەشكە پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلمىسا، ئاتا - ئانىلار بىلەن پەرزەنت ئارىسىدا ئىشەنچ، بېقىنىش مۇناسىۋىتى شەكىللەنمەيدىكەن.
ئاتا – ئانىلار بىلەن پەرزەنت ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت، ئىناق مۇناسىۋەت بالىلارنىڭ ئۆسۈپ – يىتىلىشىدە مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئاتا – ئانا بولغۇچى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ شەرتسىز بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى، پەرزەنتنىڭ ئاتا - ئانىلاردىن چەكسىز مېھىر – مۇھەببەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك. پەرزەنت تەربىيەسى «توققۇزىنى تەل» قىلىپ بېرىش، ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش بىلەنلا بولمايدۇ. بۇ پەقەت ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىنلا ئىبارەت خالاس. ئەلۋەتتە پەرزەنتنىڭ ماددىي ئېھتىياجنى قاندۇرماي بولمايدۇ. لېكىن پەرزەنتنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساپاسىنى قاندۇرۇشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. شۇڭا ئاتا – ئانا پەرزەنتىدىن قانداق ساپا يېتىلىشىنى تەلەپ قىلسا، ئۆزىدە شۇ جەھەتتە بەلگىلىك ساپا ھازىرلىشى كېرەك. ئەگەر شۇ ساپا ئۆزىدە بولمىسا، ئۆزىدە شۇ ئادەت، ساپانى يېتىلدۈرۈشكە، بۇ ئارقىلىق پەرزەنتكە ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىش كېرەك. شۇڭا بۈگۈنكى ئۈچۇر دەۋرى ئاتا – ئانىلاردىن ھەر تەرەپلىمە بىلىم قۇرۇلمىسىغا، مۇئەييەن ئەخلاقىي، جىسمانىي ساپا بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
بىر دوستۇم ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى دەپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ ئايالىنىڭ ئاغزى يامان بولۇپ، ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەن قىزى يىغلىسا ياكى غەلۋە قىلسا سەت تىللار بىلەن تىللايدىكەن. باشقىلار ئۇنىڭ ئۇنداق قىلماسلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ: «كىچىك بالا نېمىنى بىلەتتى، مۇنداقلا تىللاپ قويدۇم، ھېچقىسى يوق» دېگەن. پىسخولوگلارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئاتا – ئانىنىڭ ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتى ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ساقلىنىپ ماڭىدىكەن. بۇ ئۇچۇرلار ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتلىق پائالىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئۇ ئايال بالىسىنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن بالىسىدىن مەلۇم ئەخلاقىي ساپاسى بولۇشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىدە چوقۇم شۇ خىل ساپانى يېتىلدۈرۈشنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك. تەربىيە سەنئىتى بالىلارنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىش، قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش سەنئىتىدۇر. ئاتا – ئانىلار ئۆز گېپىنى راست دەپ تۇرۇۋالسا ياكى ئۆز ئىرادىسىنى بالىلارغا زورلاپ تاڭسا، بىلەرمەنلىك قىلسا بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلار بىلەن سىردىشىشنى يۈرەك سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاشنى ئۆگۈنىۋېلىشى، يوللۇق تەلەپلىرىنى ئامال بار ئورۇنداپ بېرىشكە تىرىشىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ، كەسپ تاللاشتا ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئامال بار ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ماختاش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىلھام بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ھەدەپ كەمچىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى سۇندۇرىدىغان گەپلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.
ئۇچۇر دەۋرى ئاتا – ئانىلارنىڭ ياشلار ئالدىدىكى نوپۇزىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزدى. ھازىر ياشلار، ئۆسمۈرلەر چوڭلارغا قارىغاندا يېڭى بىلىم، يېڭى شەيئىلەرنى تېز قوبۇل قىلىدۇ، ئاسان ئۆگىنىۋالىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلارنىڭ بىلىمى بالىلارنىڭ نەزەرىدە «كونا» نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا ئاتا – ئانىلار داۋاملىق ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، تور، گېزىت – ژورنال، كىتاب قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ تۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك.
قىسقىسى، يېڭى دەۋر بالىلار بىلەن ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئاتا – ئانىلار يېڭى بىلىم، يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگىنىپلا قالماي، يېڭىچە تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە يېڭىچە تۇرمۇش ئىدىيەسىنىمۇ ئۆزىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك. بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەش، بالىنىڭ قىزىقىشىغا، تاللىشىغا، پەزىلىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى.