ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

كەيپىياتىڭىزىدىن بالىڭىزغا ئېنېرگىيە تولۇقلىيالىدىڭىزمۇ؟

ۋاقىت : 2015-08-12 14:01 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

كەيپىياتىڭىزىدىن بالىڭىزغا ئېنېرگىيە تولۇقلىيالىدىڭىزمۇ؟

كەيپىياتىڭىزىدىن بالىڭىزغا ئېنېرگىيە تولۇقلىيالىدىڭىزمۇ؟

كەيپىياتتىكى ئازادىلىك ياكى بىنورماللىق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا، ئەقلىي ئىقتىدارىغا، تەپەككۇرىغا، ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئالاھىدە تەسىر قىلىدىغان ھالقىلىق ئامىل. شۇڭا تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە، ئىمتىھانلاردا، ماھارەت سورۇنىدا كەيپىياتتىكى نورماللىق ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

  پىسخولوگلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بالىلارنىڭ بىر كۈنلۈك كەيپىياتى ئۇلارنىڭ شۇ كۈن، شۇ ھەپتە ھەتتا شۇ ئايدىكى روھىي ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. دېمەك، كەيپىياتتىكى تۇراقسىزلىق پەرزەنتلىرىمىزگە تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئاتا – ئانىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىق، نورمال، ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، پەرزەنتلىرىنىڭمۇ روھىي ھالىتىگە، كەيپىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

  ‹‹كۈننىڭ بېشى سەھەردىن›› دېگەندەك، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەتىگەندىكى روھىي ھالىتى، كەيپىياتىنىڭ ئاكتىپ، كۆتۈرەڭگۈ، ساغلام بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار سەھەردىكى ۋاقىت جىددىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز، ئۆزىمىزدىكى ۋاقىت جىددىيلىكىنى، خىزمەت بېسىمىنى پەرزەنتلىرىمىزگىمۇ يۈك قىلىپ قويماسلىقىمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى، ئاتا – ئانىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىنى، قېرىنداشلىرىنىڭ غەمخورلۇقىنى تەبىئىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا ئىشەنچ ھەم بەخت تۇيغۇسى بېرىشىمىز، ئۇلارنى خۇشال، كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا مەكتەپكە يولغا سېلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، بالىلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە قەدىرلىنىش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. كۆڭلى توق، روھىي ھالىتى جۇشقۇن بولىدۇ. مۇشۇنداق ساغلام پىسخىكىدا، يېقىشلىق شارائىتتا ئۆگىنىش ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.

  شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى نورمال، ساغلام تۇتۇشقا تىرىشىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز بىردەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دۇچ كەلگەن تۈرلۈك ئەھۋاللارغا توغرا قاراشتا، ئاكتىپ پوزىتسىيەدە، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۈمۈدسىزلەنمەسلىك پىسخىكىسىدا تۇرۇپ، ئۆزىمىزدە ئاكتىپ ئېنېرگىيە يارىتىپ، بالىلىرىمىزغا ساغلام روھىي كەيپىيات ئاتا قىلىشىمىز لازىم. بۇنداق تەدبىر ئۆزىمىزگە، پەرزەنتلىرىمىزگە، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە پايدىلىق.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار