تور بېكەت ھەققىدە
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 25- كۇنى قۇرۇلغان بولۇپ،2008-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۇنى رەسمى ئىلان قىلىنغان كەسپى مائارىپ تور بىتى.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن تاھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ پەرزەنىت تەربىيلەش ۋە مائارىپ ئۇچۇن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋە باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى.بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى بارلىقىمىز بالىلار ئۇچۇن،ئۆز بالىلىرىمىز ئۇچۇن،مىللى مائارىپ ئۇچۇن دىگەن تۇغ ئاستىدا تور بەت تۇزەش،تور بەت قۇرۇلمىسىنى بىكىتىش،مەزمۇن تاللاش،تور بەت مەزمۇن دائىرىسىنى تاللاش ۋە بىكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق تەلەپ بويىچە ئىش كۆرۇپ مائارىپ تور بەتلىرى مائارىپ تور بەتلىرىگە خاس بولۇش، بالىلار تەربىيسىنى ئاساس قىلغان تور بەت چوقۇم بالىلارغا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىنى ھەقىقى تۇردە ئەمىلىيلەشتۇرۇپ كەلدى.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا چوڭ تۇرلەردىن ئىزچىل ھالدا دەرس تەييارلىقى،دەرسلىك دىتالى،پەرزەنىت تەربىيسى.ئوقۇتۇش بايلىقى قاتارلىق تۇرلەر تەسسىس قىلىنىپ ۋە ياخشى باشقۇرۇلۇپ كەلدى. گەرچە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى بىر قانچە نەپەر ئاددى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقۇرىشدا بولسىمۇ لىكىن،مەيلى مەزمۇن، ئۇسلۇپ ۋە ياكى باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل تۇردە مائارىپچىللىقنى ئاساس قىلىپ،باشقا مائارىپ تور بەتلىرىگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ساقلاپ ۋە نامايەن قىلىپ كەلدى.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى ۋاستە قىلىپ،ھەرقايسى يىللىق ۋە پەنلەرنىڭ دەرس تەييارلىقىنى توپلاش ۋە كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى قۇرۇشتىكى مۇھىم مەخسەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،تور بەت قۇرۇلغاندىن بۇيان كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنىڭ ،خىزمەتداش – سەبداشلارنىڭ ،جاپالىق ئەجىر سىڭدۇرىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قوللىشى ئاستىدا نۆۋەتتە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىكى دەرس تەييارلىقلىرى سان ، سۇپەت، مەزمۇن، دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش قاتارلىق تەرەپلەردە پىشىپ يىتىلىپ، مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە بولۇپ،ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى مائارىپ تور بەتلىرى ئىچىدە دەرس تەييارلىقى ئەڭ كۆپ ۋە بىر قەدەر تولۇق تور بىكەتكە ئايلاندى.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىكى بىر قىسىم دەرس تەييارلىقلىرى ۋاقىت ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن كەڭ ئۇستازلارنىڭ دەردىگە دەل ۋاقتىدا دەرمان بولالمىغان،مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كەمتۇك بولغان بولسىمۇ ، لىكىن كۆپ قىسىم دەرس تەييارلىقلىرى نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان دەرس تەييارلىقلىرىدىن خىلىلا ئۇستۇن ئورۇندا تۇرىدۇ. بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تارقىتىلىۋاتقان بارلىق خەنزۇچە يىزىقتىكى دەرس تەييارلىقلىرى ئاساسى جەھەتتىن ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دەرس تەييارلىقلىرى بولۇپ،بۇ دەرس تەييارلىقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇچە نوپۇزلۇق مائارىپ تور بەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق يىغىلغان ،شۇ سەۋەپلىك خەنزۇچە دەرس تەييارلىقلىرىنىڭ بەزىلىرى ھەتتا نۆۋەتتە نەشىر قىلىنغان ، مەخسۇس تۇزۇلگەن دەرس تەييارلىقلىرىدىنمۇ ئۇستۇن ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز شۇنداق دىيەلەيمىزكى بەشتاش بالىلار مائارىپ تور بەتلىرىدە تارقىتىلىۋاتقان خەنزۇچە دەرس تەييارلىقلىرى نۆۋەتتە مەيلى خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە مائارىپ تور بەتلىرى ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتقان ،ئىشلىتىلىۋاتقان خەنزۇچە دەرس تەييارلىقلارنىڭ ئەڭ سەرخىلى ۋە ئەڭ ياخشىسى. ئۇيغۇرچە يىزىقتىكى دەرس تەييارلىقلىرىمىز نۆۋەتتە ھەرقايسى پەن،يىللىق،ماۋسۇم بويىچە تولۇقلىنىش ۋە مۇستەھكەملىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. لىكىن شۇنداق دىيەلەيمىزكى سىزنىڭ قوللىشىڭىز ۋە ياردەم بىرىشىڭىز ئاستىدا ئۇيغۇرچە دەرس تەييارلىقلىرىمىزمۇ مەيلى سۇپەت ياكى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن ئەڭ ياخشى،ئەڭ سەرخىل دەرس تەييارلىقلىرىغا ئايلانغۇسى.
نۆۋەتتە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىكى دەرس تەييارلىقلىرىنىڭ كۆپلىكى،بالىلار تەربىيسىگە دائىر ماتىرياللارنىڭ موللىقى،ناخشا-مۇزىكا،كارتون فىلىم قاتارلىق بالىلارنىڭ كۆرىشىگە ماس كىلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ تەللىكى بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ تىغىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ.
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى:
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 25- كۇنى قۇرۇلدى.
2008-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۇنى رەسمى ئىلان قىلىندى.
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۇنى ASP مۇنبەت سىستىمىسىنى ئېچىۋەتتى.
2008-يىل 11-ئاي 27 -كۇنى ASP سىستىمىدىكى مۇنبەر سىستىما ئۇچۇرى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا php مۇنبەر سىستىمىسىغا ئالماشتۇرۇلدى.
2009-يىل 3-ئاي 15 -كۇنى باش بەت ئۇسلۇبى ئالماشتۇرۇلدى.
2009-يىل 4-ئاي 28 -كۇنى مۇنبەر ئەزا سانى 5000 مىڭغا ، يوللانغان تىما ۋە ئىنكاس سانى 9800 گە يەتتى.
2009-يىلى 6-ئاي 28 -كۇنى مۇنبەر ۋە باش بەت بارلىق ئۇچۇرى زاپاس ساقلاندى.
2010-يىلى 1-ئاي 21 -كۇنى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى سىناق تەرىقىسىدە قايتىدىن ئېچىۋىتىلدى.
2010-يىل 1-ئاي 28 -كۇنى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ ئەسلى تور نامى بولغان www.baxtax.cn غا يەنە يىڭىدىن ئىككى تور نامى www.baxtax.net ۋە www.5tax.cn قوشۇلدى.
2010-يىل 3- ئاي 29-كۇنى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى www.baxtax.cn ، www.baxtax.net ۋە www.5tax.cn تور ناملىرىنى قولىنىپ رەسمى كۆپچىلىككە ئىچىۋىتىلدى.
2010-يىل 5-ئاي 26 -كۇنى تور بەت بوشلۇقى ئالماشتۇرۇلدى.
2010-يىل 5-ئاي 31-كۇنى www.baxtax.biz تور نامى سىتىۋىلىنىپ،نورمال زىيارەت قىلىش ھالىتىگە ئۆتتى.
2010-يىل 6-ئاي 16 -كۇنى www.baxtx.org تور نامى سىتىۋىلىنىپ،نورمال زىيارەت قىلىش ھالىتىگە ئۆتتى.
2010-يىل 10-ئاي 29-كۇنى يەنە بىر قىتىم بوشلۇق ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بىرىلدى.ۋە ھازىرقى بىر قەدەر ياخشى بولغان بوشلۇققا مۇقىملاشتۇرۇلدى.
2011-يىل 12-ئاي 4 -كۇنى تور بىتىمىزنىڭ ئۇچۇر مىنىستىرلىكى ئەنگە ئالغان تور بەت نامى تەستىق ئۇچۇرى قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ تەستىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ تور نامى www.baxtax.cn ، www.baxtax.net ، www.baxtax.biz ،www.baxtx.org، www.xjmaarip.com قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ قانۇنى تور بەت ناملىرىغا ئايلىنىپ،يۇقارقى تور ناملىرى بىلەن بەشتاش تورىنى زىيارەت قىلىش تولۇق ئەمەلگە ئاشتى.