يېڭى قىزىق نۇقتا :
پەرزەنت تەربىيىسىدى
ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇكە
پەرزەنتلەرنى ساغلام
ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا –
ئېزىزگۈل ئەنسارۇللا
نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلالىغۇدەك، ئىگىلىك تىكلىيەلىگۈدەك ساپاغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، باش قاتۇرۇپ ياخشى تەربىيەلىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلاردىكى بەزى ئاتا – ئانىلار بالىسىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تېخىچە ئويلاپ يېتەلمەيۋاتىدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلىرىمىز پەقەت بالىلار ئويناپ بەرسە، ئۆزلىرىگە ياردەملىشىپ بەرسە قانائەتلىنىپ، ھەقىقىي كۆيۈنۈشنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەيۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قاراۋاتىدۇ.
رىقابەت كۈچلۈك بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلىشى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ھازىرقى جەمئىيەت كىشىلەرنىڭ ساپاسىغا بارغانسېرى يۇقىرى تەلەپ قويماقتا، ساغلام تەن، مول بىلىم ۋە يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشنىلا ئەمەس، ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەت، ئالىيجاناب ئەخلاق، كۈچلۈك ماسلىشىش ئىقتىدارى بولۇشنى تېخىمۇ تەلەپ قىلماقتا. قىسقىسى، ھەر قانداق تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەسىر كۆرسەتكەن تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىدىن يۇقىرى بولمايدۇ.
نۇرغۇن ئاتا – ئانا تۇرمۇش، خىزمەت ۋە پۇل تېپىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە، پەرزەنتلەرنىڭ جىسمانىيىتىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ روھىي كەمتۈكلىرىنى ئۆز مېھىر – مۇھەببىتى ئارقىلىق تولدۇرۇشنى ئويلاشمايدۇ. بالىلار بىلەن دوستانە، باراۋەر ئولتۇرۇپ سىردىشىشنى، بالىسىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانىدا قانداق زىددىيەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىشنى ئەسلا يادىغا كەلتۈرمەيدۇ. مەيلى سىز بىر كادىر بولۇڭ ياكى دېھقان بولۇڭ بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، ئۇلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولسىڭىزلا، بالا تەربىيەلەشنىڭ توغرا يولىنى تاپالايسىز.
بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا نۇرغۇن مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئورنىدىن دەس تۇرالىغان ئادەملا غالىبلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. بىراق ھازىر ئائىلە تەربىيەسىدە مەغلۇبىيەت تەربىيەسى تولىمۇ يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتمىگەندە، بالىلار ئىرادىسىز، بوشاڭ ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بالىڭىز بېلىق يېيىشنى ياخشى كۆرسە، سىز ئۇنىڭغا بېلىقنى قانداق يېيىشنى ئەمەس، بەلكى بېلىقنى قانداق تۇتۇشنى ئۆگىتىڭ. غالىبىيەتنىڭ ئانىسى مەغلۇبىيەت، مەغلۇبىيەت بولمىسا، غالىبىيەتمۇ بولمايدۇ. مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى.