ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارغا مېۋە–چېۋە توڭلاتقۇدىكى بەزى نە بالىلار كۈندە ئېھتىي بەرەڭگى قەلەمچىسى را

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > يېمەكلىك > تولۇق مەزمۇنى

بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قا

ۋاقىت : 2010-03-12 07:35 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قالىدۇ؟

 
 

 

ئاتا - ئانىلار دائىم مۇنداق باش قېتىنچىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ، تاماق ۋاقتىدا، بالىلار ھەمىشە كەينىگە تارتىشىپ، ھەرقانچە ئېسىل تاماق بولسىمۇ ھەرقانچە ئالدىسىمۇ يېگىلى ئۇنىمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ.
    1. كېسەللىك ئامىلى. ھەزىم قىلىش يوللىرىدا كېسەللىك بولسا بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ تاماقتىن چىقىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى، جىگەر، ئۆت كېسىلى قاتارلىقلار. مىكرو ئېلېمېنتلار مەسىلەن:  تۆمۈر، سىنك، ۋىتامىن  B1  قاتارلىقلار كام بولغاندىمۇ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، تاماقتىن چىقىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مۇددەت يۇقۇملىنىش ياكى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل مەسىلەن: كرېتنىزم قاتارلىقلار تاماقتىن بىزار بولۇشنى پەيدا قىلىدۇ.
    2. ناچار بولغان تاماقلىنىش ئادىتى. بالىلار ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك، تاتلىق يېمەكلىك، مايلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ناھايىتى ئوڭايلا تاماقتىن چىقىپ قالىدۇ.
    3. ھەرىكەت يېتەرلىك ئەمەس. ھازىرقى زامان ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىنىڭ مۇھىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، بالىلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا پائالىيەت ناھايىتى ئاز بولۇپ، سىرتتىكى پائالىيىتى يېتەرلىك ئەمەس. سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيە ئاز بولسا، يەيدىغىنى تەبىئىيلا ئاز بولىدۇ.
    4. پسىخىكا ئامىلى. ئائىلە باشلىقىنىڭ زىيادە ئەركىلىتىشى ۋە تەربىيىسىنىڭ توغرا بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، بالىلارنىڭ نورمال تاماقلىنىش پسىخىكىسى تۆۋەنلەپ، تاماقتىن چىقىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: بالىلارنىڭ بىر تەرەپتىن تاماق يەپ، بىر تەرەپتىن تېلېۋىزور كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىش، تاماق ۋاقتىدا تەنقىدلەش، ئەيىبلەش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار بىر ياشقا توشقاندىن كېيىن ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىشتىھاسىمۇ بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار