يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلىرىمىز نىمە ئۈچ
بالىلارغا مېۋە–چېۋە
توڭلاتقۇدىكى بەزى نە
بالىلار كۈندە ئېھتىي
مېۋە يېيىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت، ئىككى ۋاخ تاماقنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، بالىلارغا چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بىرەر تال ئالما ياكى ماندارىن بېرىش كېرەك.
بەدەن تىپىگە ماس كېلىش. ئىسسىقچان، ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغان بالىلارغا ئەڭ ياخشىسى تەبئىيىتى سوغۇق مېۋىلەردىن نەشپۈت، تاۋۇز، بانان، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك. ۋىتامىن A، ۋىتامىن C غا ئېھتىياجلىق بالىلارغا كۆپرەك ئۆرۈك، قوغۇن، ئاپلېسىن بېرىش كېرەك. زۇكام بولۇپ يۆتىلىپ قالغاندا، نەشپۈتنى ناۋات بىلەن قوشۇپ، دۈملەپ پىشۇرۇپ سۈيىنى ئىچكۈزۈش كېرەك، ئەمما ئىچى سۈرۈپ قالغاندا، نەشپۈت بېرىشكە بولمايدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارغا مېۋىنى جىق بەرمەسلىك ياكى شېكەر مىقدارى تۆۋەن مېۋىلەرنى تاللاپ بېرىش كېرەك.
بىر قېتىمدا جىق يىگۈزمەسلىك. مېۋە تەركىبىدە شېكەر كۆپ بولغاچقا، جىق ئىستېمال قىلىۋەتسە ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان مېۋىنىڭ تۈرى ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش. مېۋىلەرنى يېيىشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇۋېتىپ سۇدا 30 مىنۇت تۇرغۇزۇش ياكى ئازراق تۇز سېلىنغان سۇدا 20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن يۇيۇۋېتىپ بېرىش، ئاقلاپ يەيدىغان مېۋىلەرنى پاكىز ئاقلاپ بېرىش كېرەك.