ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلىرىمىز نىمە ئۈچ بالىلارغا مېۋە–چېۋە توڭلاتقۇدىكى بەزى نە بالىلار كۈندە ئېھتىي

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > يېمەكلىك > تولۇق مەزمۇنى

بالىلىرىمىز نىمە ئۈچۈن تاماق يىيىشنى خالىمايدۇ

ۋاقىت : 2015-08-28 00:40 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
بالىلىرىمىز نىمە ئۈچۈن تاماق يىيىشنى خالىمايدۇ
بالىلىرىمىز نىمە ئۈچۈن تاماق يىيىشنى خالىمايدۇ

 

1.بالىلىرىمىز نىمە ئۈچۈن تاماق يىيىشنى خالىمايدۇ ؟

بالا تۇغۇلغاندىلا ئىگە يەپ - ئىچىپ ئۇخلايدىغان تەرەت قىلىش تۇغما قابىلىيەت بار . تۇغما قابىليەت دېگەن نېمە ؟ باشقىلار ئۈگەتمىىمۇ ئۆزلىكىدىن ئىلىپ بارىدىغان قابىليەت دەل تۇغما قابىليەتتۇر . بالا نىمە ئۈچۈن تۇغما قابىليىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ ؟ مېنىڭچە ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب شۇكى ، ئاتا-ئانا بالىنى تاماق يىيىشكە مەجبۇرلاش. بالا خالاش خالىماسلىقىدىن قەتئى نەزەر ؟ تاماققا ھەددىدىن زىيادە كۆپ زورلاش ھەرخىل بىسىم بىلەن مىدىر سىدىر قىلماي تىز سۈرئەتتە تاماق يىيىشكە زورلاش بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى قورقۇتۇش ئالداش قاتارلىق خاتا ھەركەتلەرنى قىلىش .بۇ ئاستا-ئاستا بالىنىڭ ئىڭىدا تاماققا نىسپەتەن ئىھتىياجنى ئويلاشتەك بىر ئىقتىدارنى يوق قىلىۋىتىپ تاماقنى خۇددى بىرىگە ھىسىپ بىرىدىغان مەجبۇرى ئىشتەك ئويلاپ قالىدۇ ،دە تاماق يىيىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.ئويلاپ بىقىڭ بالىلار نىمىشقا ئۇششاق نەرسىلەرگە ئامراق ؟چۈنكى سىزئۇ نەرسىلەرنى مەجبۇرى يىگۈزمەيسىزدە . بالىلار تاماقنى يىمەسلىكىدى سەۋەپلەر تۆۋەندىكىچە :

بىرىنچى ، قورساق بالىنىڭ بولسىمۇ ئۇنىڭ قانچىلىك تاماق يىشىنى ئانا بەلگىلەيدۇ شۇنىڭ بالىدا تاماققا نىسپەتەن ئاپەتكە بولغان ھىسىياتتەك ھىسىيات پەيدا بولىدۇ .بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئانىلار باللىرغا نىسپەتەن ئاچلىق تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك .بۇلبۇل زىمىستان كۆرگەندىلا باھارنىڭ تەبتىدىن ھوزۇرلىنىدۇ بالىمۇ ئوخشاش .ئىككىنچى ، بالىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوزۇقلىنىش ھوقۇقى ۋە تۇيغۇسى بولمايدۇ ، كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلار مەجبۇري ئاغزىغا تىقىپ قويۇش ئارقىلىق بۇ ‹‹قىيىن ۋەزىپە›› تاماملىنىدۇ .بالا چوقۇم ئاتا-ئانىنى دورايدۇ بۇنىسى ھەممىمىزگە ئايان ئاتا-ئانا بالنىڭ تاماقنى قانچىلىك تۆكۈۋىتىشىدىن قەتئى نەزەر بالىسىنى ئۆزى بىلەن بىر داستىخاندا بىللە غىزالاندۇرشى ھەم ئۇلارغا ئۆزى يىيىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ماختىشى كىرەك .بۇنىڭ تىپىك مىسالى گارۇشكىغا كۆندۈرۈلگە بالا ھەرگىزمۇ يوتقانغا چىقىرىپ قويمايدۇ .

ئۈچىنجى بالىلارغا بولغان تاماقنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇلار سىڭۈرەلىكىدەك تاماقلارنى بىرىش كىرەك ،بالىنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ ‹‹ياقتۇرمايمەن››دىگەن سىۆزنى قىلماسلىقى بولمىسا بالىنىڭ ئىڭىدا دوراش شەكىللنىپ قالىدۇ .

تۆتىنجى زۆرۈر تىپىلغاندا ئىشتىھا ئىچىش خارەكتىرلىك يىمەكلىكلەرنى بىرىشى ياكە مەخسۇس دورىلارنى بىرىشى كىرەك .

2.قانداق قىلساق باللىمىز كۆكتات يەيدىغان بولىدۇ ؟

بىز ئالدى بىلەن ئويلاپ باقايلى بالىلار تۇغما كۆكتات يىشىشنى ياقتۇرمامدۇ ؟ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس .بۇ ئادەتنى ئاتا-ئانىلىرى شەكىللەندۈرۈپ قويغان .تۆۋەندە بىر ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىنى كۆرۈپ باقايلى .

قوزام بىر ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ، سۈت چىشى خېلى كۆپەيدى ، ھەر كۈنى پىلانلىق ھالدا تەرخەمەك ، سەۋزە ، چىڭسەي ، رەڭلىك قاپاق مۇچ قاتارلىق يىگۈزۈپ تۇردۇم ھەم پۇراتتىم رەڭگىنى تەمىنى ماختىدىم .ئۇ ەبىي ھالدا شۇ تەمنى ۋە رەڭلەرنى ياختۇردىغان بولدى .چوڭ بولغانسىرى رەڭلىك تاماقلارنى كۆپرەك ئىتىپ يەيدىغان بولدۇق ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ قارا ئاشلىقلىرنىمۇ يىگۈزۈپ تۇردۇم شۇنىڭ بىلەن بۇ تاماققا نىسپەتەن باللامدا يىيىش ئادەت بولۇپ كەتتى .

قوزام 6 ئايلىق مەزگلدە مەزگىلىدىن كېيىن كۆكتاتلارنى قاينىتىپ سۈيىنى بىللە ئىچىپ تۇردۇق .

ھەر قېتىم تاللا بازىرى ياكى كۆكتات بازىرىدىن كۆكتات سىتىۋالغاندا كۆكتاتلارنى بالامغا ماختاپ تۇرۇپ تۇتقۇزۇپ قويدۇم .

نۇرغۇن بالىلار كۆكتات يېيىشنى خالىمايدۇ ،سەۋەب ئۇلارنىڭ ئاتا _ ئانىسىمۇ كۆكتات ياختۇرمايدۇ. بالا ئاتا-ئانىسىنى ۋە يىقىن يورۇقلرنى دورايدۇ ئۇلار ياقتۇرمىسا ھەم بۇ بەك لاۋزا دىگەندەك سۆزلەرنى قىلسا بالىنىڭ ئىڭىدا شۇخىل كۆكتات يىيىشكە بولمايدىغا ‹‹زەھەر››گە ئايلىنىدۇ دە يىمەيدۇ .

 
ئالدىنقىسى:بالىلارغا مېۋە–چېۋە بەرگەندە... | كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار