يېڭى قىزىق نۇقتا :
بوۋىقىڭىز سوسكا ئېمى
بالىڭىز سەمىرىپ كەتس
بالىڭىزدا ئادەت خارا
كىچىك بالىلار يالاڭ
كۈز ھەم قىشتا كۆپلىگەن بالىلار زۇكامداپ، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سېمىز بالىلارنىڭ بۇنداق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، مۇۋاپىق ئىسسىقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، سىرتقا چىققاندا بالىنى قېلىنراق كىيىندۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ھاۋا ناچارلاشقاندا بالىنىڭ سىرتتىكى ھەرىكىتىنى ئازايتىش، ئادەم توپلاشقان جايغا ئاز ئېلىپ بېرىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، بالا يۆتەلگەندە ئۆز ئالدىغا زۇكام، يۆتەل دورىسى ئىچۈرمەي، مۇنتزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بالىغا زورلاپ تاماق بېرىپ پور سېمىز قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.