ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بوۋىقىڭىز سوسكا ئېمى بالىڭىز سەمىرىپ كەتس بالىڭىزدا ئادەت خارا كىچىك بالىلار يالاڭ

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > ساۋات > تولۇق مەزمۇنى

بوۋىقىڭىز سوسكا ئېمىپ قېقىلىپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟

ۋاقىت : 2015-08-28 00:35 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم


بوۋىقىڭىز سوسكا ئېمىپ قېقىلىپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟
بوۋىقىڭىز سوسكا ئېمىپ قېقىلىپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟

بوۋاقلار بىر ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى سوسكا ئېمىپ ئاسانلا قېقىلىپ كېتىدۇ، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بۇ چاغدا بالىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك، بالا سوسكا ئېمىپ قېقىلىپ كەتكەندە ئېگىز كۆتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ. بالا سوسكا ئېمىپ قېقىلىپ كەتكەندە تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش كېرەك:

1. بالا قېقىلغاندا ئازراق يۆتەلگەن، بىراق چىرايى كۆكىرىپ كەتمىگەن بولسا، بالىنى يانتو ياتقۇزۇپ دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ بېرىش كېرەك. لېكىن قېقىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولسا بالىنى پاقالچاققا دۈم ياتقۇزۇپ، دۈمبىسىگە تۆت-بەش قېتىم قاتتىق ئۇرۇش كېرەك.

2. ئاغزىدىكى نەرسىلەرنى پاكىز تازلىۋېتىپ، سۈت يۇقۇندىلىرىنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

3. بالىنىڭ يىغىسى ۋە رەڭگى-روھىنى كۆزىتىش كېرەك، ناۋادا بوۋاق يىغلىمىغان، بىراق چىرايى كۆكىرىپ كەتكەن بولسا، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

 
ئالدىنقىسى:بالىڭىز سەمىرىپ كەتسە ... | كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار