يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىڭىزدا ئادەت خارا
كىچىك بالىلار يالاڭ
بالىلار چۈشتە ياخشى
ھۆل قەغەز بالىلارغا
بۇۋاقلارنى تەۋرەتمەڭ
بىز ئادەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ كىچىك بالىنى كۆتۈرىۋېلىپ توختاتماستىن ئۇياق - بۇياققا چايقاپ ئوينىتىۋاتقانلىقىنى ئۇچىرتىمىز . ئۇلار بۇنداق چايقاشنىڭ بالىغا قانچىلىك زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئامېرىكىلىق بىر بالىلار مۇتەخىسىسى مۇنداق دەيدۇ ــ « بالىنى دائىم تەۋرەتكەندە ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ ، چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاپ كېتىدۇ . چۈنكى بالا قانچىكى كىچىك بولغانسېرى ، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى شۇنچىكى ئاجىز بولىدۇ ، شۇڭا قاتتىق تەۋرىتىشنى كۆتۈرەلمەيدۇ . بالىنى ئۇزاق تەۋرەتكەندە ئاسانلا ئۇخلايدىغان ، تەۋرەتمىسە ئۇخلىمايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرىۋالىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، بالىنى ئېمىتىپ بولۇپلا بۆشۈككە بۆلەپ تەۋرەتكەندە ناھايىتى ئاسانلا قۇسۇۋېتىدۇ ، دىققەت قىلمىغاندا يەنە سۈت بالىنىڭ ئۆپكىسىگە كېتىپ قلىپ ، بالىدا شۈمۈرۈشتىن بولىدىغان ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .