ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

دوكتۇر ئەيساجان ئابىدىن

ۋاقىت : 2015-05-03 15:18 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
دوكتۇر ئەيساجان ئابىدىن
(شۋېتسىيە)
 
دوكتۇر ئەيساجان ئابىدىن

دوكتۇر ئەيساجان ئابىدىن

ئىنىمىز ئەيساجان ئابىدىن 1983-يىلى كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاۋات يېزىسىدا تاماملاپ، تولۇق ئوتتۇرىنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.  2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېسابلاش ماتېماتىكا تولۇق كۇرۇس كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 2006-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

ئەيساجان كەلگۈسىدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،  ئالىئې بىلەن مەكتەپنىڭ ھەر ئىككىسىدە كەسپىي دەرىسلەرنى پۇختا ئىگىلەللىگەندىن سىرت،  يەنە ئىنگلىز تىلىنى ئۆگۈنۈشكىمۇ باشلايدۇ.  دەسلەپتە ئىنگلىز تىلى كۇرسىدا ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن،  ئۇ ئۆزلىگىدىن ھەر خىل ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى قوللۇنۇپ ئۆگىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتلىك 4- ۋە 6- دەرىجىلىك ئىمتاھانلاردىن ئۆتىدۇ، ۋە 2004-يىلى IELTS ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ،  ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.  شۇنداقلا شۇ يىلدىن باشلاپ ئەيساجان ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرىدا قوشۇمچە دەرس ئۆتۈشكە باشلايدۇ.

ئەيساجان 2005-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بىر يىل بۇرۇن شۋېتسىيەدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان چالمېرس تەخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Chalmers University of Technology) نىڭ ئىنژېنېرلىق ماتېماتىكا كەسپىگە ماگىستىرلىققا قۇبۇل قىلىنىدۇ.  بىراق ۋىزىغا ئېرىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇ ئوقۇشقا شۇ يىلى بارالماي، قايتا ئىلتىماس سۇنۇش ئارقىلىق  2006-يىلى تولۇق كۇرسنى تۈگەتكەندىن كېيىن  ئاندىن چالمېرسقا ئوقۇشقا كېلىدۇ.

ئەيساجان ئادەتتە ئىككى يىلدا تاماملىنىدىغان ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى 10 ئاي ئىچىدە ھەممە پەنلەردە تولۇق نومۇر بىلەن تاماملايدۇ.  بۇ جەرياندا ئەيساجان بىر تەرەپتىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە 4-5 سائەت گېزىت تارقىتىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك ئەتىگىنى ئۆتۈلگەن دەرىسلەرگە قاتنىشالماي،  كەچلىكلىرى ئۆزى ئۆگىنىدۇ.  بۇ 10 ئاي ئەيساجانغا نىسبەتەن ھەم جاپالىق ھەم نەتىجىلىك ۋاقىت بولىدۇ:  ئۇ ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇنلا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا قۇبۇل قىلىنىدۇ.

ئەيساجان 2007-يىلى 6-ئايدا شۋېتسىيەدىكى لىنشۆپىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (Linkِping University) نىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا 5 يىللىق دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا كىردى، ۋە كۋانت مەخپىي سىپىر بىخەتەرلىكى (Quantum Cryptography) گە ئائىت تېمىنى تەتقىقات يۆنىلىشى قىلىپ تاللىدى.ئەيساجان 2010-يىلى ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئۇچۇر كودلاشتۇرۇش (Information Coding) بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ كىرىپ، شۇ بۆلۈمدە 2013-يىلى 5-ئايدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى غەلبىلىك تاماملىدى.
دوكتۇر ئەيساجان ئابىدىن

ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدىكى بىر خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەندە تارتىلغان رەسىم.  «CNN» ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مېدىيە شىركەتلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يەرىدە تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى پروگراممىسى بار.

ئەيساجان دوكتورلۇق تەتقىقات تېمىسىنى ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئوقۇغان ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە مۇناسىۋەتسىز بىر ساھەدە تاللىغانلىقى تۈپەيلىدىن، تەتقىقاتىغا ئائىت ئاساسىي بىلىملەرنى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئىگىلەشكە توغرا كېلەتتى. بىراق، ئەيساجان تەتقىقاتىغا ئائىت ئاساسىي بىلىمەرنى تېزدىن ئىگىلەپلا قالماي، بىر كۋانت مەخپىي شىفىر ھاسىل قىلىش كېلىشىمىدىكى يوچۇقنى بايقاپ، تۇنجى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.  دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدا، ئەيساجان ئېرىشكەن بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىللىرى ئۆز ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، مەلۇم دەرىجىدە غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئەيساجان دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان مەۋسۈمدىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن ئوز ئوقۇشىنى ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈپ، تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىللىرىغا بېرىلىدىغان سىزىقلىق ئالگېبرا، ماتېماتىكا ئانالىزى، مەخپىي سىپىر ئىلمى ۋە كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى قاتارلىق دەرىسلەرگە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.  

2014-يىلى 2-ئايدا چالمېرسنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتېتىغا بىر يىللىق دوكتۇر ئاشتىلىققا كىرىپ، شەخسىي مەخپىيەتلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستىكى بىئوسىتاتىستىكىلىق كىملىكنى ئىسپاتلاش (Priwacy-preserving biometric authentication) ۋە باشقا بىرقانچە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئائىت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى.  ئۇ بۇ جەريانلاردا ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ۋە باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىلمىي دوكلات بەردى.  

ئەيساجان ھازىر شۋېتسىيەدىكى ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى بىر شىركەتتە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئائىت تېخنىكىغا مەسئۇل خادىم بولۇپ ئىشلىمەكتە.  ئۇ پات-ئارىدا بېلگىيەدىكى لۇۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (KU Leuven) دۇنياغا داڭلىق كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى ۋە سانائەت مەخپىي سىپىر ئىلمى (Computer security and industrial cryptography) تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشقا چۈشۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.  
دوكتۇر ئەيساجان ئابىدىن

ئەيساجان ئابىدىن بىلەن بىلىمخۇمار.  بۇ رەسىم 2011-يىلى يازدا ئىستانبۇلدا تارتىلغان.  شۇ قېتىم ئەيساجان ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاكادەمىيىسىنىڭ ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئوزى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقات ئۈستىدە بىر مەيدان ئىلمىي دوكلات بەرگەن ئىدى.

ئەيساجانغا كىچىكىدىن تەسىر قىلغان مۇھىم نەرسە ئاتا-ئانىسىنىڭ بارلىقىنى باللىرىنىڭ ئوقۇشىغا ئاتىۋەتكەنلىكى، بولۇپمۇ ئەيساجان كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ دادىسى بەخىتكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مېھرىبان ئانىسىنىڭ جاپا مۇشەققەتكە پىسەنت قىلماي، ئۆزى يالغۇز دېھقانچىلىققا تايىنىپ، پەرزەنتلىرىنى ياخشىراق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقانلىقى، ۋە ئۇلارنى يېقىندىن قوللاپ، ئوقۇشتا ياخشى نەتىجە قازىنىپ، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنىنى تېپىشىغا مەدەت بەرگەنلىكىدۇر.  ئەيساجان شۇ ۋەجىدىن، ئۇلۇغ ئانىسىغا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە، يەنە ئاكا-ھەدىلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ياخشى ئوقۇپ، ئۆزىگە ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ھەر دائىم يېقىندىن يار-يۆلەكتە بولۇپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.  
دوكتۇر ئەيساجان ئابىدىن

ئەيساجان ئابىدىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر.

ئەيساجاننىڭ ياشلارغا بولغان يۈرەك سۆزى مۇنداق:  «ئىنساننىڭ ھاياتى تولىمۇ قىسقا.  بۇ قىسقا ھاياتتا ھەربىر ئىنسان نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ.  لېكىن ساغلاملا بولىدىكەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەرلىك ۋاقىت بار.  شۇڭلاشقا، ئىشىنىمەنكى، ھەر دائىم ئۈمىدۋار بولۇپ، ئوڭۇشسىزلىقلارغا تىز پۈكمەي، تەن-سالامەتلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئۆزلۈكسىز توغرا يولدا، توغرا نىيەتتە تىرىشىدىغانلا بولساق، ھەممىمىز ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ۋە غايىللىرىمىزنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلەيمىز."  

ئىنىمىز ئەيساجاننىڭ بىر خۇسۇسى تور بەتى بار بولۇپ، ئۇنى توۋەندىكى ئۇلۇنىشتىن كورەلەيسىز:
<https://sites.google.com/site/aysajan/>

ئىنىمىز ئەيساجان 2003-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتەتىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن باشلاپلا ئامەرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ «مىت» تەييارلاپ تارقاتقان ئىنتەرنەت ماتەماتىكا دەرسلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى ياخشى ئۇنۇم قازانغان.  بۇنداق دەرسلەر ئىنگلىزچە «ئوپەنكوئۇرسەۋارە، ئوكۋ» دەپ ئاتىلىدۇ.  ئۇ ئوزىنىڭ كەيىنكى چەت ئەلدىكى ئوقۇش ھاياتىدىمۇ بۇ قورالدىن كوپ پايدىلىنىپ، ياخشى ئۇنۇملەرگە ئەرىشكەن.  ئۇ ھازىرمۇ بىرەر يەڭى نەرسىنى ئۆگەنمەكچى بولغاندا ئىنگلىزچە «كوئۇرسەرا» دەپ ئاتىلىدىغان ھەقسىز ئىنتەرنەت دەرسلىرىنى تەپىپ ئاڭلايدۇ.  ئىنىمىز ئەيساجان ھازىر ۋەتەندە ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئۇكىلارغا بۇ ئىككى تور بەتىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.  ئۇلارنىڭ تور ئادرەسلىرى:

<http://ocw.mit.edu/courses/audio-video-courses/>
<https://www.coursera.org/courses>
دوكتۇر ئەيساجان ئابىدىن
 
ئەيساجاننىڭ دوكتۇرلۇق دىسېرتاتسىيەسىنىڭ مۇقاۋىسى.

دوكتۇر ئەيساجان ئابىدىن ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى (ئىنگلىزچە):

Refereed Conference/Journal Papers:

[1] On the Leakage of Information in Biometric Authentication
Elena Pagnin, Christos Dimitrakakis, Aysajan Abidin and Aikaterini Mitrokotsa
In Proceedings of INDOCRYPT 2014, LNCS 8885, pp. 265-280, Springer, 2014.

[2]  Security aspects of privacy-preserving biometric authentication based on ideal lattices and ring-LWE
Aysajan Abidin and Aikaterini Mitrokotsa
In Proceedings of IEEE WIFS, pp. 1653-1658, 2014.

[3]  Security of a Privacy-Preserving Biometric Authentication Protocol Revisited
Aysajan Abidin, Kanta Matsuura, and Aikaterini Mitrokotsa
In Proceedings of CANS 2014, LNCS 8813, pp. 290-304, Springer, 2014.

[4] Attacks on Privacy-Preserving Biometric Authentication
Aysajan Abidin, Elena Pagnin, and Aikaterini Mitrokotsa
In Proceedings of NordSec 2014, LNCS 8788, pp. 293-294, Springer, 2014.

[5] A Privacy-preserving Biometric Authentication Protocol Revisited
Aysajan Abidin and Aikaterini Mitrokotsa
In Proceedings of YACC 2014, Porquerolles island, France, June 2014.

[6]  Direct Proof of Security of Wegman-Carter Authentication with Partially Known Key
Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson
Quantum Information Processing, 13(10): 2155-2170, 2013
QOI: 10.1007/s11128-013-0641-6

[7]  On security of universal hash function based multiple authentication
Aysajan Abidin
In Proceedings of ICICS 2012, LNCS 7618, pp. 303-310, Springer, 2012.

[8]  New Universal Hash Functions
Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson
In Proceedings of WEWoRC 2011, LNCS 7242, pp. 99-108, Springer, 2012

[9] Quantum Cryptography and Authentication with Low Key-Consumption
A. Abidin, C. Pacher, T. Lorünser, J.-Å. Larsson and M. Peev
Proc. of SPIE Vol. 8189. (2011)

[10]  Vulnerability of "A novel protocol-authentication algorithm ruling out a man-in-the-middle attack in Quantum Cryptography
Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson
International Journal of Quantum Information, Vol. 7, No. 5 (2009) 10471052.

[11]  Special properties of Strongly Universal-2 hash functions important in Quantum Cryptography
Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson
AIP Conf. Proc., Vol. 1101, pp. 289-293, 2009.

Submitted Papers:

[12] Secure Privacy-Preserving Biometric Authentication
Aysajan Abidin, Jonas Magazinius, and Aikaterini Mitrokotsa

Preprints:

[13] Attacks on quantum key distribution protocols that employ non-ITS authentication
C. Pacher, Aysajan Abidin, T. Lorünser, M. Peev, R. Ursin, A. Zeilinger and J.-Å. Larsson
arxiv.org/abs/1209.0365

[14]  Security of Authentication with a Fixed Key in Quantum Key Distribution
Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson
arxiv.org/abs/1109.5168

[15]  Lifetime of Authentication Using Encrypted Tags When the Encryption Key is Partially Known
Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson

Theses:

PhD Dissertation: Authentication in Quantum Key Distribution: Security Proof and Universal Hash Functions
(Department of Electrical Engineering, Linköping University, 2013)

Licentiate Thesis: Weaknesses of Authentication in Quantum Cryptography and Strongly Universal Hash Functions
(Department of Mathematics, Linköping University, 2010)

Master Thesis: Finite Element Simulations of Stochastic Patial Differential Equations (Solver)
(Department of Mathematical Sciences, Chalmers University of Technology, 2007)
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار