يېڭى قىزىق نۇقتا :
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
نىمشېھىت ( ئارمىيە ئىلى سايرامى ) ( 1904 – 1971 ) ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق پېشۋالىرىدىن بىرى. مەشھۇر شائىر، مائارىپچى، ژۇرنالىسىت ۋە جامائەت ئەربابى. ئۇ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر–بىرىگە تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك» دېگەن پەخىرلىك نامغا ئىگە.
نىمشېھىت كىچىكىدىنلا زۇلۇمغا، جاھالەتكە قارشى ئىسيانكار خارەكتېرىنى يېتىلدۈرگەن ھەم بۇ خىل روھنى ھۆرلۈككە ئېرىشىشنىڭ، مەرىپەتلىك بولۇشنىڭ، يۈكسەك ۋەتەنپەۋرەرلىكنىڭ خورىماس ئېنىرگىيسىگە ھەم ئىجادىيەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرغان. ئۇ يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ساۋات چىقارغاندىن كېيىن، 1922- يىلدىن 1928– يىلغىچە باي ۋە كۇچادىكى مەدرىسلەردە ئوقۇغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە يازغان «بازار ۋە مازار» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قوليازما ھالەتتە ئەل ئىچىگە تارقالغان. 1929- يىلى ئۇ قەشقەرگە بېرىپ شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى «خانلىق مەدرىسە» دە ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ «مادارا ئەئزەم» (چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شىئېرلار توپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان «ئەنۋارۇلھۇدا» ( ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق قەسىدىسىنى روياپقا چىقىرىپ، تالانتلىق شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان.
1933- يىلى قەشقەردە زۇلۇمغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىنى پارتىلاتقاندا، ئارمىيە ئىلى ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقان ھەم بىر قېتىملىق جەڭدە بوينىغا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان. شۇڭا، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن يازغان شېئىرلىرىنى «نىمشېھىت» ( يېرىم جان ) دېگەن تەخەللۇس بىلەن ئېلان قىلغان. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭىچە مائارىپ ۋە ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1936- يىلى 2– ئايدا «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق مەشھۇر شىئېرىنى يېزىپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا زىلزىلە پەيدا قىلغان.
نىمشېھىت 1936- يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن 1945- يىلى 1– ئايغىچە «ئاقسۇ ئۇچۇرى» ( كىين «ئاقسۇ گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن ) تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى توپلاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» ناملىق مەشھۇر داستاننى يېزىپ، دۇنياۋى ئۇلۇغ شائىر نەۋائىدىن كېيىن بۇ ئۆلمەس تېمىنى ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە بەدىئىي ئىستىدات نۇرى بىلەن يورۇتقان.
نىمشېھىت 1945- يىلى 10- ئايدا، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن قىسمى بىلەن بىللە غۇلجىغا چقىپ كەتكەن ھەم مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى تەشكىل قىلغان «تارىخ يېزىش» ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. 1948- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىلىدا «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا، ئۇ «ئىتتىپاق» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ نەشىر ئەپكارى بولغان «ئىتتىپاق» ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. بۇ مەزگىلدە، ئۇ «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» داستانىنى تولۇقلاپ يېزىپ، «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ھەم ئۆز خىراجىتى بىلەن 3000 نۇسخا باستۇرۇپ تارقاتقان. ئۇ بۇ جەرياندا شېئىرىيەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي، يەنە سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ ھېچقانداق ئەمەل ۋە ئىمتىياز تەمەسىدە بولماي، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئاددىي پۇقرالىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن ھەم داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1956- يىلى جۇڭگو ھەج ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە 10 غا يېقىن دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان. شۇ قېتىمقى سەپەر جەريانىدا، ئۇ «سېغىندىم» ناملىق مەشھۇر شېئىرىنى يېزىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.
نىمشېھىت 1960- يىلىدىن باشلاپ بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ مول ھەم يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ قەدەم تاشلىغان. «ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئارزۇ ۋەزىنىلىك شېئىر شەكلىنى مەزمۇن جەھەتتە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرىنى كۈيلىگەن. ئۇنىڭ شىئېر–داستانىلىرى تىلىنىڭ راۋانلىقى، چۈشنىشلىكلىكى، تۇراق ۋە رېتىملىرىنىڭ تەڭكەشلىكى، قاپىيىلىرىنىڭ توق ۋە گۈزەللىكى جەھەتتە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈچۈن ياخشى نەمۇنە بولغان. شائىر ھەرخىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلنىپ، ئۆز پىكرىنى چوڭقۇر شېئىرىي ھېسسىيات ۋە جانلىق شېئىرى ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. ئۇقۇملاشتۇرۇش، قېلىپبازلىق، شۇئارۋازلىق، كالىندارچىلىقتەك خاھىشلاردىن تىرىشىپ ساقلانغان. نىمشېھىت شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن دېموكراتىك ئىدىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك روھ ئۇنىڭ ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر شائىر، يېڭى دەۋرنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلايدۇ. شائىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بىر قولىغا قەلەم، بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى ئۇنىڭ كۈرەشچان، جەڭگىۋار ھاياتىنىڭ تىمسالى…».
ئەپسۇسكى، شائىر زور ئىجادىي قىزغىنلىق بىلەن «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» داستانىنى ئاخىرقى قېتىم تولۇقلاپ يېزىپ بولۇپ، «گۆر ئاغزىدىن يانغاندا» ناملىق شىئېرىي رومانى ۋە «يۈسۈپ – زىلەيخا» داستانى ئۈستىدە جىددىي ئىشلەۋاتقان پەيتتە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن ئىبارەت تەتۈر قۇيۇن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك ئىجادىي ئەمگەكلىرى ۋەيران قىلىۋىتىلدى ۋە ئۆزىمۇ مىسلىسىز ئېغىر خورلۇق ۋە ناھەقچىلىق تۈپەيلىدىن، 1971- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.
شائىر ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ يەرلىكىدە ئارامخۇدا يېتىش ئەركىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭ مۇردىسى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدى. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى تېزەكقاغۇدا يېتىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئارزۇسىغا يېتەلمىدى، ئۇنىڭ ئايالى بۇ ئەقەللىي ۋەسىيەتنى ئورۇنداشقىمۇ ئامالسىز ئىدى. ئۇ زار-زار يىغلىغان ھالدا ئەترەت كاتىۋاشلىرىغا تاۋۇت ۋە نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىككە قويۇشقا ئادەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇ چاغلاردا مەسچىتلەر چېقىپ تاشلانغاچقا، تاۋۇت ئەترەت ئىسكىلاتىدا ساقلىناتتى. يۈرىكى قازاننىڭ كۈيىسىدەك قارىداپ كەتكەن بىر نادان :
-تاۋۇتنى بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى تاۋۇت زەھەرلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتىنى قەبرىستانلىققا قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۆلۈكلەرنى زەھەرلەيدۇ، -دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بىردىنبىر مۈلكى بولغان كارىۋاتنىڭ پۇتى ئېلىپ تاشلىنىپ تاۋۇت قىلىندى، «زەھەرلەنسىمۇ مەيلى» دەپ قارالغان «تۆت خىل ئۇنسۇر» دىن ئۈچ – تۆتى تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ، مەھەللە ۋە قەبرىستانلىققا يىراق بولغان چۆل تاغ باغرىدىكى يۇلغۇن تۈۋىگە ئېلىپ باردى. مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە يەرلىك ئېلىنماستىن ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۆرەك كولىنىپ مۇردا قويۇلدى. ئاندىن ئۈستى گەمە ياپقان شەكىلدە ئېتىپ كۆمىۋىتىلدى….
يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلغان ئىمىرنىساخان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، قاراڭغۇ زەي، غېرىپ كەپىسىگە قايتىپ كەلدى. لېكىن، يورۇق كۈن ئۇنىڭغىمۇ نېسپ بولمىدى. 1975- يىلى 6– ئاينىڭ 29– كۈنى جەبىر–جاپا، دەرت–ئەلەم دەستىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن بۇ ئانا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.