ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

چارلىز چاپلىن نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان

ۋاقىت : 2015-08-07 11:52 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم

دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ پەخىرى دەپ ئاتالغان چارلىز چاپلىن 1977-يىلى 24-دېكابىر شىۋېيتسارىيەدىكى بىر قېتىملىق ھاراق زىياپىتىدە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى بىلەن جەم بولدى، ئۇ شۇ كۈنى ناھايىتى خۇشال ئىدى. گەرچە ئۇ 88 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، سالامەتلىكى ئىنتايىن ياخشى ئىدى، ئۇ ھاراق ئىچكەچ ئەتىراپىدىكىلەرنى قىزىقارلىق گەپ-سۆزلىرى ئارقىلىق توختىماي كۈلدۈرۈۋاتاتتى.

زىياپەتتىن كېيىن ھەممەيلەن شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى، ئەمما چارلىز چاپلىننىڭ زىياپەتتىكى خۇشاللىقى تېخى بېسىلمىغاچقا، پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى، ئۇ ئۇيقۇ دورىسىدىن بىر قانچە تال ئىچىۋالدى-دە، ئۇيقۇغا كەتتى. ئەتىسى سەھەردە ئۆيىدىكىلەر بىللە ناشتا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى بىر قانچە قېتىم چەككەن بولسىمۇ ھېچقانداق سادا چىقمىدى، ئۇلار ئامالسىز قۇلۇپنى چېقىپ كىردى، بىراق ئۇلار تولىمۇ كېچىككەنىدى. چارلىز چاپلىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى.

 ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسنى جەسەتنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلار لازېر نۇرى ۋە رادىيوئاكتىپلىق ئۇسۇلنى تەڭ قوللىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن جەسەتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى. ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنى دەل ھاراقتىن كېيىن ئىچكەن ئۇيقۇ دورىسى ئىكەن.


ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار