ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

گېتلىر دۇنيا تارىخدا ئەڭ كۆپ ئادەمنىڭ بىشىغا چىققان شەخىس

ۋاقىت : 2015-08-07 11:52 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
تارىخچىلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە ئادۇلىف.گېتلىر دۇنيا تارىخدا ئەڭ كۆپ ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان شەخىس ئىكەن،ھېسابلاشلارغا قارغاندا ئۇ قوزغىغان 2–دۇنيا ئۇرۇشىدا تەخمىنەن 50 مىليۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان،بىراق بۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىنى يالغۇز گېتلىرغا ئارتىپ قويۇشقا بولامدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن،بىراق ئۇزاق ۋاقتتىن بىرى قىلىنىۋاتقان تەتقىقاتلاردىن گېتلىردىن ئىبارەت بۇ ئادەم بولمىغان بولسا 2–دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىمايدىغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولدى،ئەينى ۋاقتتا گېرمانىيە ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلارنى ئىسكەنجىگە ئىلىپ تۇرمىغان بولسا ياپونىيەنىڭ قاپ يۈرەكلىك قىلىپ ئۆزى يالغۇز دۇنيا بىلەن ئۇرۇش قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى،ئىتالىيە تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا بۇ ھەقىقەتكە قىل سىغمايغان ئوخشايدۇ.بىز شۇ چاغدا گېرمانىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆلگەن ئادەملەرنى قوشۇپ كۆرەيلى:
 گېرمانىيە ئۆزىدىنلا 8 مىليۇن نېمېس ئۆلگەن،شۇنداقلا گېرمانىيە 2–دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا 6 مىليۇن يەھۇدى بىلەن 6 مىليۇن پولەكنى ئۆلتۈرگەن،گېرمانىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتىلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 20 مىليۇن ئادەم ئۆلگەن،يۇقارقى سانلارنى قاتقاندىلا 40 مىليۇن ئادەم بولىدۇ،بىز تېخى ئەنگلىيە،فرانسىيە،ئامېرىكا،ئىتالىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنى ھېسابلىمىدۇق،مۇشۇلاردىن قارىغاندىمۇ گېتلىر ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا تارىخدا ئەڭ كۆپ ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان ئادەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.   
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار