ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

تالانتلىق ئۇيغۇر قىزى--فاتىمە غەفۇر

ۋاقىت : 2015-07-14 19:28 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم


تالانتلىق ئۇيغۇر قىزى!

تاشپولات روزى
 

مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان سىڭلىمىز قائىدە- يوسۇنلۇقلىقى، مۇلايىم ۋە يۇمشاق سۆزلۈكى بىلەن تىپىك بىر قەشقەر قىزى.  قەيسەرلىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن كەسپىي ۋە ئاكادېمىك ھاياتىدا توختىماي ئىلگىرىلەۋاتقان، ھاياتى مۇۋەپپەقىيەت ۋە مول تەجرىبىلەرگە تولغان، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ جانلىق، باتۇر روھىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان، گېئوفىزىكا، گېئولوگىيە، كومپيۇتېر ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە سىستېمىلىق بىلىم ساھىبى بولغان، پەن-تېخنىكىسى ئەڭ تەرەققىي تاپقان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋىسكونسىن شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش دوكتور.  يالغۇز تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىلا تالانتى بولماستىن، كۆپ ساھەگە قىزىقىشى بولغان شۇنداقلا پاساھەتلىك يېزىش قابىلىيىتىگە ئىگە كۈچلۈك قەلەم ئىگىسى.

مەن بۇ سىڭلىم بىلەن دۇنيادىكى بىرنەچچە دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان ئىلغار ياشلارنىڭ «google» دا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەن ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياردەم بولۇشى ئۈچۈن يىغىلغان توپدا بىرىنچى قېتىم تونۇشقان ئىدىم. بىزنىڭ بۇ توپتىكى مۇنازىرىلىرىمىزدە مەن بۇ سىڭلىمىزنىڭ پىكىر قىلىشى، پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مېنى ئالاھىدە ئۆزىگە تارتقان ئىدى. بۇ سىڭلىمىزنىڭ نۇتۇق سۆزلەش، يېزىقچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە تالانتتىن كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. كېيىن ئۇقسام بۇ سىڭلىمىز نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلارنى ئالغان ئىكەن. ئۇ سىڭلىمىز دائىم ھەرقانداق بىر ئىشتا ئۆزىنىڭ ياردەمدە بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تۇراتتى. بولۇپمۇ بۇ سىڭلىمىز باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئۆزىنىڭ بىر بۇرچى دەپ قارايدىكەن. ئەمدى بىز بۇ سىڭلىمىز بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى.

بۇ قىزنىڭ ئىسمى فاتىمە غەفۇر، ئەزىزانە قەشقەردە ئۇقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بۇ قىز باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نەتىجە بىلەن جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېئوفىزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىللىق تىل تەييارلىقىغا كىرىش بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاكادېمىك ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى  باشلايدۇ. سىڭلىم فاتىمە شۇ چاغدىكى  ئۆزىگە روھى ئىلھام بەرگەن كىچىك غەلىبە ھېكايىسىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«جەنۇبتىن كەلگەنلەر خەنزۇ تىلى بىلمەيدۇ دېگەن ئومۇمىي قاراش بار ئىكەن ئەينى ۋاقىتتا. بىزنى ئۆگەنسەڭلارمۇ بىلمەيسىلەر دەپ چاقچاق قىلاتتى ساۋاقداشلىرىم. مەن پەقەت كۈلۈپ قوياتتىم، باشقا ساۋاقداشلىرىم دوستلىرى بىلەن باغچىلاردا سەيلە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا مەن كىتاب ئوقۇپ ھۇزۇر ئالاتتىم. ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز تۈپەيلىدىن كىتاب ئالالمىغان ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ كونا كىتابلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ئۆگەنگەن چاغلىرىم بولغان. «تىرىشقان تاپار» دەپ يىل ئاخىرقى بىر تۇتاش ئىمتىھاندا ئۆزىمىزنىڭ ئاساسلىق دەرسلىكى بولغان «خەنزۇ تىلى ئاساس» تىن 94 نومۇر بىلەن مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولدۇم، كەينىدىنلا «خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش 8-دەرىجە ئىمتىھانى» دا تولۇق نومۇر400  نومۇردىن 384 بىلەن مەكتەپ رېكورتىنى ياراتتىم. فاكۇلتېتلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرە مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدۇم. گەرچە كىچىك مۇۋەپپەقىيەتلەر بولسىمۇ بۇ ئۈچ قېتىملىق بىرىنچىلىك ماڭا زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى»
 
فاتىمە بىلەن يولدىشى

ھايات ھەر ۋاقىت ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلى ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن تۇيۇقسىز ئىقتىسادىي كرىزىس ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن ئالاھىدە تەسىر قىلىدۇ، ئوقۇش ھاياتىدا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە روھىي ئازاب ئۇنىڭ دائىملىق ھەمراھى بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ  بۇ قىيىنچىلىقلار ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ، بويۇن ئەگدۈرمەيدۇ. خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئىككى يىل ئىچىدە ياخشى دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە ئېنگلىز تىلى كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، باشلانغۇچ سەۋىيىدىن ئالىي مەكتەپ يۇقىرى يىللىق ئېنگلىز تىلى سەۋىيىسىگە يېتىدۇ.  ئىككى يىل جەريانىدا تىل جەھەتتىن تولۇق ئاساس سالغاندىن كىيىن ئۆزى قوبۇل قىلىنغان جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا كەسپىي ئۆگىنىش ھاياتىنى رەسمىي باشلايدۇ.  

يەنىلا ئىقتىسادىي ۋە روھىي قىيىنچىلىق ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇراتتى، لېكىن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر دائىملا ئۇنىڭدىن ھەر تۈرلۈك ياردەملىرىنى ئايىمايتتى. ئۇ بۇلاردىن بەكمۇ تەسىرلىنەتتى ۋە بەل قويۇۋەتمەسلىك بىلەن ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئۇ  تىرىشچانلىقى بىلەن ئىككىنچى يىلدىن باشلاپ ئوقۇش مۇكاپاتى ئالىدۇ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئېنگلىز تىلى، ماتېماتىكا ۋە ئەدەبىيات دەرسلىرىدىن تەكرار قىلىپ، شۇ ئارقىلىق تۇرمۇش ئىقتىسادىنى قامدايدۇ. پەقەتلا ۋاقتىنى بوش ئۆتكۈزمەيدىغان قەيسەر ۋە تىرىشچان بۇ قىز كەسپىي دەرسلىرىگە يېتىشىپ مېڭىشتىن سىرت يەنە قوشۇمچە كومپيۇتېر دەرسلىرىنىمۇ قوشۇپ ئۆگىنىپ، ئاخىرىدا گېئوفىزىكا ۋە كومپيۇتېر ئىلىملىرىدىن قوش دىپلوم ئېلىپ ئەلا نەتىجە بىلەن باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملايدۇ.  ئېنگلىز تىلىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، تۆتىنچى، ئالتىنچى دەرىجە ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپلا قالماستىن يەنە توفىل ئىمتىھانلىرىدىنمۇ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ بولىدۇ. بۇ نەتىجىلەر ھەرگىزمۇ بىكارغا كەلگەن ئەمەس، ئالىي مەكتەپتىكى بۇ تۆت يىللىق جەريان ئۇنىڭ ياشلىق باھارىنى كۆپىنچە ساۋاقداشلىرىدەك دوستلىشىش ۋە گۈزەل باغچىلاردا سەيلە قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن جەريان بولماستىن ھاۋا ئوچۇق، بايرام ۋە ئارام كۈنى سەھەرلىرى ئاپتوبۇسقا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ يۈرگەن، مىنۇت-سىكۇنتنى قولدىن بەرمەي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە، ئۇ جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تۆت يىللىق ھاياتىنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلاپ «ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكەن ھايات ئىدى» دەيدۇ. ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش، قوش دىپلوم ۋە  ئۆز ئىقتىسادىنى ئۆزى قامداش ئاڭلىماققا مۇنداقلا بىر جۈملە سۆز، لېكىن ھەركىم قىلىپ بولالمايدىغان، تەسەۋۋۇرغا سىغدۇرۇش تەس بولغان بىر نەتىجە!

ئائىلە تەربىيىسى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇپ، ئالىم بولۇش  غايىسىنى يېتىلدۈرۈشكە سەۋەب بولغان ئىدى. شۇڭا ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا  يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئۈچۈن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشقا ئوتتەك ئىشتىياقى بار ئىدى. ئوقۇش نەتىجىلىرى، ئىنگلىز تىلى نەتىجىسى، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەنلىكى تامامەن ئۇنىڭ ئامېرىكىدەك ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتنىڭ ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىگە كىرەلىشىگە تولۇق شەرت-شارائىت ھازىرلىغان ئىدى. لېكىن  ئۇ يەنىلا ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئەمەس ئائىلىسىنى ئويلىدى، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يەڭگىللىتىش، قېرىنداشلىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشىنى قوللاش ۋە ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىشنى ئۆز مەجبۇرىيىتى ھېس قىلىپ ئالدى بىلەن بىر مەزگىل ئىشلەش قارارىغا كېلىدۇ.  ئۇ بۇ قارارىغا نىسبەتەن بەكمۇ كەمتەرلىك قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈمنى روھىي جەھەتتىن پىشۇرۇش ۋە خىزمەت تەجرىبىسى توپلىشىمنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم».

شۇنداق قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرە پۈتتۈرمەيلا جۇڭگو نېفىتلىكى ۋە داچىڭ نېفىتلىكى قاتارلىق ئورگانلاردىن يۇقىرى مۇئاش بىلەن تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. گەرچە داچىڭ نېفىتلىكىنىڭ ئىش ھەققى خېلىلا كۆپ بولسىمۇ، پەقەتلا كىشىلىك پەزىلەت ۋە كەسىپ غايىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ جۇڭگو نېفىتلىكىنى تاللايدۇ ۋە جۇڭگو نېفىتلىكىنىڭ بېجىڭدىكى «شەرقى  گېئوفىزىكا شىركىتى» نىڭ خەلقئارا بۆلۈمىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، يەنە بىر شانلىق ۋە مەنىلىك ھاياتىنى باشلايدۇ. بۇ جەرياندا چىقىشقاقلىقى، تىرىشچانلىقى ۋە كەسپى ئىقتىدارى بىلەن خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا «كىچىك مۇتەخەسسىس» دېگەن نامنى ئالىدۇ. خىزمەت جەريانىدا ئالاھىدە تاللىنىپ ھىندونېزىيە، قازاقىستان قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەردە يەرتەۋرەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىنژېنېرلىق سالاھىيىتى بىلەن تۈر ئىشلەش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىدە بولىدۇ. ئۇ قاتناشقان بىر تۈر جۇڭگو نېفىت ساھەسى پەن-تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئالىدۇ. بۇ ئۇنىڭ شىركەت كەسپى ھاياتىدىكى بىر چاقناش بولۇپ قالىدۇ. ئۇ يەنە شىركەتكە  ۋاكالىتەن كەسپىي دوكلاتلارنى بېرىدۇ، شىركەتنىڭ چىقىدىغان ئىنگلىزچە ئايلىق ژۇرنالنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلىدۇ، خىزمەت جەريانىدا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەلىك شىركەت ئىگىلىرى، سۇدان نېفىت مېنىستىرلىك مىنىستىرلىرى، لىۋىيە، ئىران، نىگېرىيە، سىنگاپور، ھىندونېزىيە، قازاقىستان، پاكىستان قاتارلىق جايلاردىكى نېفىت-گاز، تەبىئىي بايلىق تېپىش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن تونۇشۇپ يېقىن كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ھەرجەھەتتىن قىلغان ياردەملىرى بىلەن شىركەتتىمۇ ئالاھىدە ھۆرمەت ۋە ئىناۋەت قازىنىدۇ.

ئۇ بۇ قىسقىغىنە تۆت يىل ۋاقىت ئىچىدە ھەقىقەتنىمۇ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.  ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە مېمارچىلىق مەدەنىيەتلىرىنى نامايەندە قىلغان ئوتتۇرا تىپلىق ئاشخانا ئېچىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە ۋە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشلىرىنى ئاسانلىتىدۇ، شۇنداقلا ئويلىغىنىدەك ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەمدە بولىدۇ.

لېكىن ئۇنىڭ ئۆچۈپ قالمايدىغان ئىشتىياقى بار ئىدى. ئىقتىساد، ئىناۋەت  تېپىۋاتقان، خىزمەتتە تىك سىزىق بويلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتقان بۇ پەيتتە خىزمەت جەريانىدىكى بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تەييارلىق قىلىپ ئىلتىماس قىلغان مەكتىپى كانادادىكى ئالبىرتا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتلىق چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ بۇنىڭدىن بەكمۇ خوش بولىدۇ. شىركەتتە كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان فاتىمەنىڭ تۇيۇقسىز شىركەتتىن ئىستېپا بەرمەكچى بولغىنىنى ئۇقۇپ خىزمەتداشلىرى ۋە خوجايىنىنىڭ ئۇنى قويۇپ بەرگۈسى كەلمەي قالىدۇ، لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا بېرىلگەن تەكلىپلەرنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ، ئاكادېمىك ھاياتىنى قايتىدىن باشلايدۇ.

كانادانىڭ ئالبىرتا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ گېئوفىزىكا كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىنغان فاتىمە، ھەر ۋاقىت قەيسەرلىكى ۋە تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىپ، دەرسلەرنى تىرىشىپ ئوقۇيدۇ. ئەپسۇس ئۇزۇندىن بۇيانقى چارچاش سەۋەبىدىن سالامەتلىكى يار بەرمەي قالىدۇ ۋە بىر مەزگىل كۈتۈنۈپ كېلىش سەۋەبلىك كانادادىكى مەكتەپتىن چېكىنىپ  قايتىپ كېتىدۇ. بىر مەزگىل ياخشى كۈتۈنگەن ئۇ بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا ئىتالىيە كامىرېنو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئىتالىيەنىڭ قەدىمىي شەھىرى كامىرىنودا رەسمىي خاتىرجەم ئوقۇشىنى باشلايدۇ. ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى كامىرىنو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ بولغانلىقى ئىدى، چۈنكى ئۇزۇن مەزگىللىك جۇڭگو ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇپ، خىزمەت قىلىپ، كاناداغا بېرىپ قايتىپ كەلگۈچە ئارىلىقتا  كۆڭلىدە مەلۇم بىر كەملىكنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدى، ئانا دىيارى قەشقەردىن چىقىپ كەتكىنىگە ئون يىللارچە بولغان بولغاچقا ئۆز تىلىدا سىردىشىدىغان قېرىنداش دوستلارغا ئېھتىياجى بارلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. شۇڭا بەكمۇ خۇشال بولدى ۋە بېلىنى تېخىمۇ باغلاپ ئوقۇش ھاياتىنى رەسمىي باشلاپ كەتتى.

بۇ جەرياندا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تېزلا مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن فاتىمە، يالغۇز ئىتالىيەدىكى ئوقۇشى بىلەيلا چەكلىنىپ قالماي، ئۆز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋسىيىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تولۇق مۇكاپات ئېلىپ گېرمانىيە مىيۇنخىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھەمكارلىق تەتقىقاتچى ۋە تۇنجى قوش دىپلوم ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ئەۋەتىلىدۇ.  ئۆزىنىڭ دادىللىقى، قەيسەرلىكى ۋە ئۆتكۈر پىكىرلىكى بىلەن ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان گېرمانلارنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئىتالىيەدىكى ۋە گېرمانىيەدىكى ئوقۇشنى ئاقساتماي تەڭ ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن ئاخىرىدا گېرمانىيەدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىدە تولۇق نومۇرغا ئېرىشىپ ناھايىتى چوڭ ئالقىشلارغا ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا گېئولوگىيىلىك بايلىقلار ۋە مۇھىت ئاسراش، گېئوخىمىيە ۋە مىنېرال ئېلمى قاتارلىق ساھەلەردە ئالغان، ئىككى دۆلەتتىكى ئىككى ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ قوش ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ.

ئاخىرقى ئالقىش بوشقا كەلگەن ئەمەس ئەلۋەتتە، سوغۇققان گېرمانلارنىڭ دەسلەپ ئۇنىڭغا بەرگەن تەسىرى «ھاكاۋۇر» ۋە سۈرلۈك ئىدى. لېكىن ئۇ بىر ئەھۋالنى بايقايدۇ، گېرمانلار ئۆزىنى مەنسىتكەن ئادەمنى دەسسىتىدىكەن، ئۆزىنى ماختىغان ۋە ئۆزئىشەنچى كۈچلۈك ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇڭا ئۇلارغا تۈزۈت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ ھاياتىدىكى يەنە بىر قىيىن ئۆتكەل پروگرامما تىلىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. «مەن يازغان كودلارنى كۆرۈپ ئەستايىدىللىقىمنى ۋە سەمىمىي پوزىتسىيەمنى بايقىغاندىن كېيىن ماڭا مۇئامىلىسى تۈپتىن ئۆزگەردى» دەيدۇ ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ.  ئۇ گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەدىكى ئوقۇش جەريانىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ، كەسپىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم ئىگىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتلەردە بولىدۇ ۋە بۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى «ئالىم» بىزگە ئەڭ يېقىن ئادەم ئىكەنلىكىنى ناھايىتى كىچىك پېئىل ۋە چىقىشقاق بولغان ئورتاق تەرىپىنى بايقايدۇ.

ياۋروپادىكى ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملىغان فاتىمە، ئامېرىكىدىكى مەلۇم شىركەتتە خىزمەت قىلىدىغان تىرىشچان بىر ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن تونۇشۇپ توي قىلىدۇ ۋە بەختلىك ئائىلە ھاياتىنى باشلايدۇ. «ئارزۇ قىلساڭ يېتەرسەن» دېگەندەك كىچىكىدىن تارتىپ ئېڭىدا چەتئەلدە بولۇپمۇ ئامېرىكادا ئوقۇش خىيالى بولغان بۇ قەيسەر ئۇيغۇر قىزى، ئۇ جايغا بېرىشتىن بۇرۇنلا يولدىشى ئولتۇرۇشلۇق ۋىسكونسىن شتاتىنىڭ شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېئولوگىيە كەسپىگە دوكتورلۇق ئوقۇش ئىلتىماس قىلىپ، تولۇق مۇكاپات بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئامېرىكىدا ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم  توفىل\ ئايلتىس ۋە گئارى نەتىجىسى بولۇشى كېرەك ئىدى لېكىن بۇ ئۆتكەل ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئانچىكى  بىر ئىش ئىدى، يىللاردىن بۇيان توپلىغان مول بىلىمى ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى بىلەن بۇ ئۆتكەللەردىن قىينالمايلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ تىنىمسىز، ئالغا ئىنتىلىشچان ئۇيغۇر قىزى ئامېرىكىدا دوكتورلۇق ئوقۇش ۋە تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ نۇتۇق ۋە چۈشەندۈرۈش تالانتى، كىشىلىك خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ شۇ ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا كەسپىي بىلىملەردىن  دەرس بېرىپ كەلمەكتە، ئۇ يەنە ئوقۇشنىڭ بىرىنچى يىلىلا ئامېرىكىدا ھەريىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان خەلقئارالىق تەتقىقات يىغىنىدا ئۆز تەتقىقاتى يەنى يەرشارىنىڭ قەدىمىي ماگنىت مەيدانلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەھەتتىن پروفېسسورى بىلەن بىرگە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن ئاغزاكى دوكلات بېرىپ ئۆز ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

بۇ ئۇنىڭ پەقەتلا قىسقا بىر ھايات كارتىنىسى، ئەگرى-توقاي لېكىن مەنىلىك ھايات يولىدىكى بىز تىلغا ئېلىپ بولالمىغان نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر، ئىش-ئىزلار ئۇنى دەۋرىمىزدىكى  ئۇيغۇر قىزلىرىغا تىپىك ئۈلگە ۋە ئۆرنەك بولالايدۇ دېيىشىمىزگە تامامەن يېتەرلىك دەلىل بولالايدۇ. ئۆز ئۆزىنىڭ چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن نەتىجىلىرىدىن ھېچ مەمنۇنىيەت ۋە پەخىر ھېس قىلىپ باققان ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىنى ئادەتتىكى بىر قىز دەپ قاراپ كەلگەن، ۋە پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى ئۆز بۇرچى ھېسابلاپ تىرىشىپ ئورۇنداپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنى ئالاھىدە كۆرسىتىش تەرىپىدە بولۇشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھاياتىدا داۋاملىق باشقىلاردىن ياخشىلىق كۆرۈپ كەلگەن بۇ قىزنىڭ ھاياتلىق نىزامنامىسىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش تولىمۇ ئاددىي -  «ياخشىلىق ھامان يامانلىقنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ». ئۇ ياخشى نىيەت بىلەن تىرىشسا ھەرقانداق يامانلىقتىن، قىيىنچىلىقتىن غالىپ كەلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇندىن كېيىنكى نىشانى بولسا ئۆزىنىڭ كۆرگەن ياخشىلىقلىرىنى ئۆزىگە ئوخشاش ياردەمگە موھتاج قېرىنداشلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرى بىلەن ئورتاقلىشىش، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئاددىي ھايات تەجرىبىلىرى بىلەن ياردەمدە بولۇپ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىمۇ خەلقئارالىق سەھنىلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە چاقنايدىغان چولپان بولالايدىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاش…

فاتىمە سىڭلىمنىڭ يۇقىرىدا سۆزلىگەن تەرجىمىھالى ئارقىلىق بۇ قىزنىڭ تىرىشچان، ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىقنى ئۆزى ھەل قېلىپ كېتەلەيدىغان روھنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. ئىنسان تىرىشسا، ئۆز مەقسىتى ۋە نىشانلىرى ئۈچۈن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىسە چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ فاتىمە سىڭلىمىزدەك قەتئىي بەل بوشاشتۇرماي، ئىلىم-پەن ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا فاتىمە سىڭلىمىزنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، ئوز كەسپى ساھەسىدە كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. مەن يۇقىرىدا بۇ سىڭلىمىزنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئۆزىنىڭ بىر بۇرچى دەپ بىلىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدىم. ئەگەر سىزدە فاتىمە سىڭلىم تەتقىق قىلىۋاتقان كەسىپ توغرىلىق سوئالىڭىز بولسا ياكى ئامېرىكاغا ئوقۇشقا چىقىش توغرىلىق سوئالىڭىز بولسا ئۇنىڭدىن ئىككىلەنمەي سوراپ بېقىڭ!
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار