ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

خەيرىنىسا ياسىن

ۋاقىت : 2015-05-03 15:14 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
خەيرىنىسا ياسىن
(ياپونىيە)
خەيرىنىسا ياسىن

خەيرىنىسا ياسىن

سىڭلىمىز خەيرىنىسا ياسىن يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىنىمىز مۇختەرجان ئابدۇراخماننىڭ خانىمى بولۇپ، ئۇ 1974-يىلى 8-ئايدا كەلپىن ناھىيە گەزلىك يېزا گەزلىك كەنتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.  ئۇ 6 قېرىنداشنىڭ ئىچىدىكى ئۇچىنچىسى بولۇپ، ئاكا-ئاچا، ئىنى-سىڭىللىرى تەل بولغان قېرىنداشلىق مېھرىدىن تولۇق ھوزۇرلانغان بىر خانىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئۇنىڭ ئاكا-ئاچىلىرى مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، گەرچە ئۇ تەخى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلىم ئېلىشقا بولغان قىزغىنلىقى ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنى ئاكا-ھەدىلىرىگە ئەگىشىپ مەكتەپكە بېرىشقا ئۈندىدى.  قىشنىڭ قاتتىق شىۋىرغانلىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى ئىدى.  خەيرىنىسا ئاچىسىغا ئەگىشىپ مەكتەپكە باردى.  بىراق، يېشى تېخى كىچىك بولغاچقا سىنىپقا كىرەلمەي،  دەرىزە يېنىدا تۇرۇپ دەرس تىڭشاپ، سوغۇقتىن بەدەنلىرى قاتتىق مۇزلاپ كەتتى.  ئۇنى كۆرۇپ قالغان ئاقكۆڭۈل تۇخان ئىسىملىك مۇئەللىم ئۇنى سىنىپقا ئېلىپ كىرىپ، مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، دەرس تىڭشاشقا ئورۇنلاشتۇردى.  خەيرىنىسا بۇ ئىشتىن ئىنتايىن قاتتىق تەسىرلەندى.  دەرس تۈگىگەندىن كېيىن، تۇخان مۇئەللىم ئۇنى ئىلمىي مۇدىر ئىشھانىسىغا ئېلىپ كىردى.  ئىلمىي مۇدىر خەيرىنىسانىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا چىرايلىقچە چۈشەنچە بېرىپ، يېشى توشقاندا مەكتەپكە ئاندىن كېلىشىنى ئېيتتى.

تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى.  خەيرىنىسا 1981-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ مەكتەپ بوسۇغىسىغا كىرىش سالاھىيەتىگە ئىگە بولدى.  مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ ئۆتكەن دەسرلىرىگە قارىماستىن، ئېلىپبە ھەمدە ماتېماتىكادىن ئاكىسىنىڭ تەسىرىدە خېلى بۇرۇنلا ساۋادىنى چىقىرىۋالغان بولغاچقا، ئۇ ئىلگىرىلەپ يۇقىرى يىللىقلارنىڭ دەرسلىرىنى ئالدىن ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتى.  نەتىجىسى مەكتەپتە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، ھەر مەۋسۈم ئاخىرىدا مۇكاپات ئالغان دەپتەرلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتىپ ئاشاتتى.  ئاكىسىنىڭ ياخشى ئوقۇشى، شۈبھىسىز ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ، ھەر قېتىملىق مۇكاپاتلاشتا 1-بولۇپ خەيرىنىسانىڭ ئىسمىنىڭ چاقىرىلىشى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىلھام بەردى.  دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كىچىككىنە كۇتۇپھانىدا ھەر خىل كىتاپلارنى ئوقۇپ، كۈنلىرى شۇنچىلىك بەخت ئىچىدە ئۆتەتتى.   

خەيرىنىسا مەكتەپكە بېرىشتا 1-بولۇپ بارىمەن دەپ، ئاپىسىنىڭ ئەتىگەندە تەييارلىغان ناشتىلىقلىرىغىمۇ قارىماستىن چىقىپ كېتەتتى.  ھەر مەۋسۈملۈك ئاتا-ئانىلار يىغىنى بولسا پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلىگەن نەمۇنىلىك ئائىلە دەپ، خەيرىنىسانىڭ ئاپىسى دائىم لۆڭگە ۋە چايدان قاتارلىق ماددىي بۇيۇملار بىلەن تەغدىرلىنەتتى. باشلانغۇچنىڭ 4-سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلار ئىدى.  خوشنىلىرى ئۈن ئالغۇ، رادىئو، رەڭسىز تېلېۋىزور قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئېلىپ، كەچلىگى تېلېۋىزور كۆرىدىغان، توي-تۈكۈنلەردە ئۈن ئالغۇلارنى تىڭشايدىغان ئىشلار باشلاندى.  خەيرىنىسا ئۇ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نەدىن ياسىلىپ كەلگەنلىكىنى سورىغىنىدا «ياپونىيەدە ياسالغان» دېگەن جاۋاپلارنى ئاڭلاپ، «چوقۇم ئاشۇ دۆلەتكە كەلگۇسىدە ئوقۇشقا چىقىمەن» دەپ قەتئىي ئىرادە تىكلىدى.   خەيرىنىسانىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپتە بەكلا ئوقۇغۇسى بار بولسىمۇ، بىراق مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى سەۋەپلىك ئوقۇيالمىغانلىقىنى دائىم سۆزلەپ بېرەتتى.  ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا دائىم تەكىتلەيدىغىنى «بالىلىرىم دېھقان بولۇش بىز بىلەن تۈگەپ كەتسۇن، نېمىمىز كەتسە مەيلى.  ھەممىڭلار ياخشى ئوقۇپ، بۇ يۇرتتىن يىراق- يىراقلارغا بېرىپ ئوقۇڭلار».  

سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ رېتىملىق سوقىشى بىلەن خەيرىنىسا باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تاماملاپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمۇدىگە جاۋاپ قايتۇرىدىغان پەيتلەر يېتىپ كەلدى.  1993-يىلى 9-ئايدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ، ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋەرستېتى قۇرلۇش بىناكارلىق فاكۇلتېتى  «سانائەت ۋە ئاھالە ئۆي-ئىمارەت بىناكارلىق كەسپى» سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى.  ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەچكە، خەيرىنىسا چاقىرىق چىقىشتىن بۇرۇن ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئۈرۈمچىگە باردى، ھەمدە مائارىپ نازارىتىگە ئۆزى كىرىپ، نەتىجىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۇپ، خاتىرجەم ھالدا يۇرتىغا قايتتى.  

شۇنداق قىلىپ خەيرىنىسانىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى باشلاندى. ئۇ 11 يىل ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا مەكتەپ تەربىيەسى ئېلىپ كېلىپ، بىردىنلا بارلىق دەرسلەر خەنزۇ تىلى بىلەن ئۆتۇلىدىغان مۇھىتقا قەدەم قويدى.  ئوقۇتقۇچۇچىلار پۈتۈنلەي خەنزۇلار ئىدى.  بۇ مەكتەپتىكى ھايات ياتاق، دەرسخانا ۋە ئاشخانىدىن ئىبارەت 3 ئورۇن ئارىلىقىدا، ھەر كۈنى ئوخشاش جەريانلارنى تەكرارلاش بىلەن ئۆتتى.   ئوقۇغۇچىلار ۋاقتىنىڭ 80 پىرسەنتى دېگۈدەك دەرسخانىلاردا  ئۆتەتتى.  خەيرىنىسا ئالىي مەكتەپتىكى بۇنداق ھاياتتىن ئانچە ياخشى ھوزۇرلىنالمىدى.  ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزى ئانچە قانائەتلەنمىدى.  چۈنكى، بۇرۇنقى ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئالغان بىلىملەر شۇنچىلىك ھوزۇرلۇق ئىدى.  بىر دېھقان ئۈچۈن ئوتۇن سېتىپ پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئىش ئىدى.  خەيرىنىسا ئاكىسى بولغاچقا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇپ كەتتى.  ئۇنىڭ ئاكىسى ئۇنىڭ ئايلىق تۇرمۇش راسخوتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.  ئوقۇش پۇلىنى ئاتا-ئاپىلىرى چىقاردى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ ۋە پەن-مەدەنىيەتلىرىنىڭ مەركىزى بولغان بۇ شەھەردە 5 يىل ئوقۇپ، ئاتىسى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن بارلىقىنى سەرپ قىلغان مېھرىبان ئاپىسىنىڭ يېنىغا قايتىشنى ھېس قىلىپ، ئوقۇش پۈتكەندە خەيرىنىسا ئاقسۇغا قايتىپ كەتتى.  بىر قۇرۇلۇش شېركىتىنىڭ دىرېكتورى بىر ھەيۋەتلىك ماشىنىسى بىلەن مەكتەپكە خەيرىنىسانى ئالغىلى كەلدى.  خەيرىنىسا ئاقسۇغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى چۈشەنگەچ 8-ئايدا بىر ئاي ئىشلىدى .  بىراق، ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈرۈمچىگە قايتىشنى ئەڭ مۇۋاپىق تاللاشكەن، دەپ قاراپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ،10-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قۇرۇلۇش شېركىتىگە ھىزمەتكە كىردى.  ئۇ يەردە 3 يىل خىزمەت قىلىپمۇ كۆردى.  

بىراق خەيرىنىسا يەنىلا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چاغلاردا كۆڭلىگە پۈككەن يۈكسەك غايىسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، تونۇشلارنىڭ ياردىمىدە بىر خەنزۇنىڭ شېركىتىگە پۇل تۆلەپ، 2001-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ياپونىيىگە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن كەلدى.  ياپونىيەگە كېلىپلا مەكتەپتىن 5 تۈمەن ياپون يېنى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى بولمىسىمۇ قورقماستىن قەرز ئېلىپ، چەتئەلدە ئوقۇشقا تەۋەككۇل قىلدى.  دەسلەپتە ياپون تىلى ئوگەنگەچ جۇڭگودىكى كەسپىي تېخنىكوملارغا باراۋەر كېلىدىغان بىر «قىسقا ئۇنىۋېرستېت»قا ئوقۇشقا كىرىپ، قىزلار كومپيۇتېر كەسپىدە بىر مەزگىل ئوقۇدى. 2004-يىلى 4-ئايدا فۇكۇئوكا مائارىپ ئۇنىۋېرستېتىغا كىرىپ، مەكتەپ مائارىپى فاكۇلتېتى يەسلى مائارىپى كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى باشلىدى.

خەيرىنىسانىڭ تەتقىقات تېمىسى «يەسلىلەردىكى تەبىئىي مۇھىتنىڭ يەسلى مائارىپىغا بولغان تەسىرى» بولۇپ، ئۇ تەتقىقات ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ياپونىيەنى سېلىشتۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلدى.  ئوقۇش جەريانىدا خەيرىنىسانىڭ ھېس قىلغانلىرى شۇكى:  بىز ۋەتەندىكى ۋاقىتتا ھەقىقىي مەنىدىكى ئوقۇشنىڭ، بىلىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلالمىغان، ھەمدە كۆپ ئۇقۇملار خاتا ھالدا ئۆزلۈشۈپ قالغان ئىكەن.  شۇ يىلى خەيرىنىسا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بولۇپلا ۋەتەنگە قايتىپ، ھازىرقى ئېرى مۇختار ئابدۇراخمان بىلەن تۇرمۇش قۇردى.  2005-يىلى ئاپرېلدا خەيرىنىسانىڭ ئېرىمۇ ياپونىيىگە كەلدى. خەيرىنىسانىڭ دوكتۇرلۇققىچە ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ئىدى.  بىراق ياپونىيەدە ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشى ئاسانغا چۈشمەيتتى.  خەيرىنىسا ئۇدا 2 يىل ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ يىلىغا 7 تۈمەن ياپون پۇلى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.  2007-يىلى ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى ناھايتى ياخشى نەتىجە بىلەن غەلىبىلىك ھالدا تاماملىدى.   خەيرىنىسانىڭ ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسىنىڭ تەمىسى: «ياپونىيەدىكى مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلار مەكتىپى ۋە يەسلىلەرنىڭ مۇھىتى توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقات».  خەيرىنىسا يەنە «ياپونىيە يىپەك يولى جەمئىيىتى» نىڭ بىر يىلدا بىر سانلا چىقىرىدىغان زھورنىلىدا 2009-يىلى «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي يەسلىلەردىكى ھويلىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەبىئىي مۇھىت» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ياپونچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.  

خەيرىنىسا ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندە چوڭ قىزى 6 ئايلىق بولۇپ قالغان ئىدى.  كېيىنكى يىلى ئۇلارنىڭ كىچىك قىزى توغۇلدى. يەنى، خەيرىنىسا بىر تەرەپتىن چوڭ قىزىغا قوساق كۆتۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ،  يەنە ئۇ ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىدى.

خەيرىنىسانىڭ ئېرى مۇختار ياپونىيەنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ بىرى بولغان كيۇشۇ ئۇنىۋېرستېتىغا ئوقۇشقا كىردى.  ياشقا چوڭ بولۇپ قالغاچقا، ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىغا ئېرىشىپ ئوقۇش بىراز تەسكە چۈشتى. خەيرىنىسا ھازىر ئىككى پەرزەنتىنى تەربىيلىگەچ ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەپ، ئېرىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوللاپ، كېچە-كۈندۈز تىرىشىۋاتىدۇ.  ئۇلارنىڭ ھەر بىر كۈنى تولىمۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس بىر تۈس ئىچىدە ناھايىتىمۇ ھوزۇرلۇق داۋام قىلىۋاتىدۇ.  ئۇلارنىڭ 2 پەرزەنتى ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ 3-سىنىپ ۋە 2-سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتىدۇ.

خەيرىنىسا ھازىر ئېرى مۇختەرنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاش بىلەن بىرگە، ئۆيىدىكى كىتاپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ بىلىم ئېلىۋاتىدۇ.  ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى كىتاپنىڭ ئۆزىلا بىر قانچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغىلى يېتىپ ئاشىدۇ. مۇختەر كىتاپ ئېلىشقا ناھايتى ئامراق بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى كىتاپ ئېلىشقا، دۇنيادىكى مەشھۇر پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلغان بولۇپ، ئۇنداق قىلىشنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.  بىر كىتاپنى ئالماقچى بولسا تور ئارقىلىق ئەسلىدىكى باھادىن 5 ھەسسە يۇقىرى باھادا سەتىۋالىدۇ.  خەيرىنىسانىڭ ئەڭ پەخىرلىنىپ، كەسىپ ئېيتالايدىغىنى شۇكى: ئېرى مۇختەرنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىتىگە بولغان مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى باشقا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.  
خەيرىنىسا ياسىن

خەيرىنىسانىڭ ئېرى مۇختەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى ئوماق قىزلىرى.  بۇ رەسىم 2014-يىلى خەيرىنىسانىڭ كىچىك قىزى مەكتەپكە كىرگەن كۈنى تارتىلغان.

خەيرىنىسانىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇنداق يۈرەك سۆزلىرى بار: «سىز بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولىدىكەنسىز، ئىزچىل تۈردە شۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشسىڭىز، ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنى قىلاليسىز.  ئارزۇ دېسەك شۇنچە كۆپ ئارزۇلار بار.  ئاشۇنداق ئارۇلارغا يېتىشتە ئەمەلىي ھەرىكەت بەك مۇھىم. تەۋەككۇل قىلمىغۇچە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.  خۇددى مەن ئوقۇشقا تەۋەككۇل قىلغانغا ئوخشاش، قورقماستىن ماڭالايدىغان تەۋرەنمەس ئىرادە بولسىلا ، بۇ گۈزەل دۇنيادا ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزگە چوقۇم ئېرىشەلەيسىز.  تىرىشساق بىزمۇ دۇنيادا نوبېل مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشەلەيمىز. ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلمەكچى بولۇپ، مەسلىھەت سوراشقا ھاجىتىڭىز چۈشسە، ماڭا «ئاتلان1119@gmail.com» ئارقىلىق ئېلخەت يازسىڭىز بولىدۇ.   مەن ھازىرغىچە بىر-قانچە قېرىنداشلارنىڭ ياپونىيەگە كېلىپ ئوقۇشىغا يول مېڭىپ، پۇرسەت ھەل قىلىپ بەردىم.  بۇندىن كېيىنمۇ ئېھتىياجى بار قېرىنداشلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن. »
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار