ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

رەيھانگۈل ئەمەت

ۋاقىت : 2015-05-16 17:25 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : بىلىمخۇمار | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
  رەيھانگۈل ئەمەت 
بىلىمخۇمار

رەيھانگۈل ئەمەت 
 رەيھانگۈل ئەمەت

سىڭلىمىز رەيھانگۈل ئەمەت 1975-يىلى كورلا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى ھاۋاخان 1949-يىلىدىن بۇرۇن ئىنىك ئانا بولغاچ كېيىن شۇ چاغدىكى شەھەردىكى بىردىن-بىر يەسلىگە، يەنى كادىرلارنىڭ بالىلىرى بارىدىغان يەسلىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەيىنلەنگەن. كۆيۈمچان، مەسئۇلىيەتچان ۋە تىلغا باي بولغان ھاۋاخان چوڭ ئانا ھەر مىللەت خەلقىنى رازى قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. چوڭ ئانىسىغا نەۋرىلەر نۆۋەتلىشىپ ھەمراھ بولۇش ئەنئەنىسى بويىچە، ھەپتە ئاخىرىدا چوڭ ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان رەيھانگۈل ھاۋاخان چوڭ ئانىدىن نۇرغۇن تارىخىي قوشاقلارنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇنىڭ مەرھۇم دادىسى بىر ئاددىي شوپۇر بولسىمۇ، ھەپتىدە بىر كىتاب ۋە گېزىت ئېلىشنى ئۇدۇم قىلغان كىتابخۇمار دادا ئىدى. ھېكايە-قوشاق ۋە چۆچەك ئېيتىشقا ناھايىتى ئۇستا ئانىسى خەيرىنساخان ئائىلىدە قوشاق ئېيتىش ۋە تېپىشماق تېپىشنى بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئايلاندۇرغاچ، بۇ ئائىلىدىكى ھەممە بالا دېگۈدەك كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەمما ئۇ ئوقۇغان مەكتەپتىكى بالىلار ناھايىتى شوخ بولغاچ ئوقۇش ئەزەلدىن كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. ياخشى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ناچارلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇش شارائىتى ۋە مۇھىتى ئۇنى ۋە ئۇنىڭدەك غايىلىك ئوقۇغۇچىلارنى مەيۈسلەندۈرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلىدا ئوقۇشتىن ۋاز كەچمەكچىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئۇ چىشىنى چىشلەپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. 

ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپتىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە تەلىپى ئوخشاش بولمىغاچ، رەيھانگۈل ئۈچۈن بىلىملىك ئوقۇتقۇچى ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى تېپىش شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ بىر نىشان بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدا ئوقۇشنى قارار قىلىدۇ، ۋە ئۆز ئارزۇسى بويىچە ياخشى نەتىجە بىلەن 1992-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركىي تىللار فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ خەۋەردىن سۆيۈنگەن يەرلىك ئىدارە تۇنجى قېتىم بۇ ئىلىنى ۋە بۇ قىزنى مىڭ سوم پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. شۇندىن كېيىن مۇشۇنداق مۇكاپات رەسمىي تەسىس قىلىنىدۇ.
مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ھەقىقەتەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى جەم بولغان مەكتەپ بولغاچ بەزىدە بىر ئوقۇغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئىش ھەرىكىتى شۇ مىللەتكە بىلىپ-بىلمەي ۋەكىللىك قىلىپ قالىدۇ. رەيھانگۈل قىزغىنلىق، قىزىقىش ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگەنسىلا بارلىق مىللەتلەر ئوخشاش ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئالىي مەكتەپتە ئىككى رېكورت يارىتىدۇ. ئاۋۋال دۆلەتلىك «4-دەرىجىلىك ئىنگلىز تىلى» ئىمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتىدۇ. شۇ چاغدا بۇ پۈتۈن مەكتەپتىكى تۈركىي تىللىق ئوقۇغۇچىلارغا زور ئىلھام بولىدۇ.
شۇنداق، ھەرقانداق ئىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مەلۇم بىر سەۋەب بار بولىدۇ. رەيھانگۈل ئالىي مەكتەپتە ئىنگلىزچە ئىمتىھانغا 20 يۈەن تۆلەپ تىزىملاتماقچى بولغاندا، بىر ئوقۇتقۇچى : «سىلەردەك تۈنۈگۈن ئۆگەنگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتەلمەيدىغانلار بەك جىق، دائىم مۇشۇنداق بولۇۋەرسە مەكتەپنىڭ نامىغا ياخشى ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى خەنچە ئۆگىنىڭلار، سىلەردىن بۇ دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنىشىش تەلەپ قىلىنمىغاندىكىن»، دەپ رەت قىلغاندا، ئۇ: «مېنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش ھوقۇقۇم بار، شۇنداققۇ؟ مەن چوقۇم سىناپ باقىمەن»، دەپ جاھىللىق بىلەن تىزىملىتىدۇ.

رەيھانگۈل ئالىي مەكتەپتە بىرىنچى يىلىلا خەنزۇچە دەرىجە ئىمتىھانىدىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتكەچكە، ئۇنىڭغا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مۇئەللىمگە خەنزۇ تىلى دەرسكە قاتناشماي، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا سىنىپلاردا ئىنگلىزچە ئۆگىنىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، مۇئەللىم قوشۇلمايدۇ. لېكىن ئۇ دەرس ۋاقتىدا ئىنگلىزچە ئۆگەنسە بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋالىدۇ. ئادەتتە مۇئەللىم ۋە مەكتەپ ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلسا نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار قىلچە پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەنپەئىتىنى ۋە ۋاقتىنى قوغداشنى بىلمەيدۇ. ئۇ چاغلاردا مەكتەپ ئادەتتە باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن ئىنگلىزچە دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشنى دىپلوم ئېلىشنىڭ شەرتى قىلغان بولۇپ، كۇتۇپخانىدا ئەتراپىدىكى باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلار پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە ئۆگەنسە، ئۆزى دائىم خەنزۇچە ئۆگەنگەچ، باشقا مىللەتلەر نەزىرىدە بىر خىل غەلىتە ۋە كۈلكىلىك ئىش بولۇپ تۇيۇلۇپ، چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەيھانگۈل ئىنگلىزچە ئۆگەنمەكچى بولىدۇ. ئەمما مەكتەپ ئەتراپىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدىغان كۇرسلارنى تاپالماي، بەك تىت- تىت بولىدۇ. تەلىيىگە، ئۇ تۇيۇقسىز مەكتەپنىڭ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئاچقان بىر ئىنگلىزچە سىنىپىنى بايقاپ قېلىپ، شۇ سىنىپقا ئاستىغىنا كىرىپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىدۇ. كېيىن مۇئەللىم رەيھانگۈلنىڭ بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى سېزىپ قېلىپ، ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى، شۇنداقلا سىنىپتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپ قوللىشى بىلەن بىر ئاز پۇل تۆلەپ، سىنىپتا بىر مەۋسۇم ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. كېيىن ئۇ ئامېرىكىدىن ئەمدىلا دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن پروفېسسور لېتىپ توختى مۇئەللىم ھەققىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرغا ئېرىشىپ، تەتىلدە كەتمەيدىغان قىزلارنى يىغىپ، ئۆزى مۇئەللىمنى دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇئەللىمنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن بىر تەتىل ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىلىدۇ. رەيھانگۈل ئانا تىلىدا بىر قىسقا ئىنگلىزچە دەرس ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن، ۋە بۇ تالانتلىق، ئىجتىھاتچان پروفېسسوردىن قاتتىق پەخىرلىنىدۇ. شۇنداقلا كېيىن ئۇنىڭ ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى بولۇشقا بەل باغلايدۇ.

رەيھانگۈل 1997-يىلى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئالىي مەكتەپ تارىخىدا ئۇيغۇرچە ئوقۇغانلار ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتكەن تۈركىي تىللىق ئوقۇغۇچى بولىدۇ. بۇ ئوقۇش رېكورتى ئەينى ۋاقىتتا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، تىرىشىش ئارقىلىق ناچار شارائىتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئادەتتە مەكتەپ فاكۇلتېتقا ھەر يىلى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسىدىن پەقەت بىرلا سان ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدۇ. شۇڭا ئەلا ئوقۇغان بىرى «ئىمتىھانسىز تەۋۋىسىيەلىك ئوقۇغۇچى» پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، باشقا ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار بولسا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. رەيھانگۈل خىزمەتنى ئالماي ماگىستىرلىقتا ئوقۇش يولىنى تاللايدۇ. 

ئەينى ۋاقىتتا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدا قەدىمكى خەنزۇ تىلى ئىمتىھاننىڭ بىر قىسمى قىلىنىدۇ. بۇ دەرسلىك ئەزەلدىن دەرسلىك سېتكىسىغا كىرگۈزۈلمىگەچ، رەيھانگۈل بۇنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنمىسە بولمايتتى. شۇڭا ئۇ بۇ مەسىلىنى يەنە شۇ ئوقۇتقۇچىلار سىنىپىدا ھەل قىلدى. يەنە بىر توسالغۇ بولسا ئىنگلىز تىلى ئىدى. ئىنگلىزچە دەرسنى ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنگەنلەر ئۈچۈن مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ماگىستىرلىق ئىنگلىزچە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشمۇ بىر چوڭ ئۆتكەل ھېسابلىناتتى. ئەينى چاغدىكى بۇ قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلار مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى بۇ قەدەمنى ئېلىشتىن توسۇپ قالغاندا، رەيھانگۈل جاسارەتكە كېلىپ ئۇرۇنۇپ باقتى. ھەمدە تەلىيىگە يارىشا تىرىشقانلىرى بىكارغا كەتمەي، ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتتى.

رەيھانگۈل ئالىي مەكتەپنى ناھايىتى مەمنۇنىيەت ۋە ھۇزۇرلۇق بىلەن ئوقۇپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بولدى. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئابدۇرەئوپ پولاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي يىغىلىش «ئەنجۈمەن سورۇنى» تەشكىللەنگەندە، رەيھانگۈل ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، يۇرتىمىزدىن بېيجىڭغا كەلگەن نۇرغۇن داڭلىق زىيالىيلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەر خىل ئىدىيىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ھەر خىل سەنئەت ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن مەنىۋى-ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەڭ ئېلىپ بارىدۇ. 

رەيھانگۈل بېيجىڭدىكى ئون نەچچە يىللىق ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدا ئىزچىل تۈردە بۇ يەرگە كەلگەن ھەر ساھەدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. مېيىپ، قېرى ۋە ئاجىز ئەرزدارلارنى ئەرز قىلىدىغان يېرىگە ئاپىرىش، ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش ئىشلىرىغا خالىسانە ياردەمدە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇشقا كەلگەنلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن ئالاقە قىلىپ بېرىش، ۋە ياتاق تېپىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى خالىسانە قىلىدۇ. رەيھانگۈلنىڭ بېيجىڭدىكى بەزى دوستلىرى ئۇنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ئىش قىلىمەن، دەپ ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلىشىدىن قورقىدىغان بۆلىۋالىدۇ. لېكىن رەيھانگۈل ئۆزى قىلالمىسا يەنىلا قىلالايدىغان دوستلارنى تېپىپ، قېرىنداشلارنىڭ تىل ۋە باشقا جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ياتىقى كېيىن چەتئەلگە چىقىدىغان ۋە چەت ئەلدىن كېلىدىغان قىزلارنىڭ ئۆتىڭىگە ئايلانغان ئىكەن. 

رەيھانگۈل 2000-يىلى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىغا خىزمەتكە چۈشىدۇ. ھەمدە يېرىم يىلدىن كېيىن، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئىمتىھان بېرىپ تاللىنىپ، شۇ يەردە خىزمەت قىلىدۇ. 2004-يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىغا ئالمىشىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىگەندە، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر تەرەپتىن ئىنگلىزچە دەرس بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇئەللىملەرگە، تەتقىقاتچىلارغا ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى دەرسى بېرىدۇ. ئۇ بىر قېتىملىق خەلقئارالىق تۈركىي تىللار يىغىنىدا نەق مەيدان تەرجىمانلىقى قىلىدۇ، ۋە گوللاندىيەلىك پروفېسسور دېيوڭ ( فرەدەرىچ دەجوڭ) ئەپەندى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ھەمدە 2004-يىلى بۇ كىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن گوللاندىيە ئۈترەخت ئۇنىۋېرسىتېتىغا «زىيارەتچى ئىلىمدار» سۈپىتىدە بارىدۇ. ئۇ يەردە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئۇيغۇر تىلى سۆزلىشىش قوللانمىسى » (ئۇيغۇر، ئا مانۇال فور چونۋەرساتىون) ۋە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى » (ئا گراممار ئوف مودەرن ئۇيغۇر) دېگەن كىتابلارنى يازىدۇ. 2005-يىلى ۋە 2007-يىلى بۇ كىتابلار گوللاندىيەدە ئايرىم-ئايرىم نەشردىن چىقىدۇ. بۇ ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان تۇنجى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى كىتابى بولۇپ قالىدۇ. شۇ مەزگىلدە رەيھانگۈل يەنە ئۈترەخت شەھىرىدىكى راسا ناخشا ئۇسۇل مەركىزىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئۇيغۇر دولان مۇقامى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر مەسئۇل كىشىسىنى ئۈرۈمچىدە كۈتۈۋېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. 2007-يىلى دولان مۇقامى ئۈترەخت شەھىرىدىكى راسادا ياڭراپ، گوللاندلارنىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

رەيھانگۈل 2006-يىلى ئەنگلىيە ئوكسفورد شەھىرى ئىسلام تەتقىقات مەركىزى (ئوخفورد چەنترە فور ئىسلامىچ ستۇدىەس) نىڭ «ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام تېرمىزى» (ئىمام بۇكھارى ئاند ئىمام تىرمىزى،http://www.oxcis.ac.uk/ibit12-13.html) تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شۇ يەردە بىر يىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. رەيھانگۈل مۇشۇ جەرياندا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسىدا يېزىقچە ۋە ئېغىزچە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، نەتىجە چىققۇچە ساقلاش مۇمكىن بولماي قايتىپ كېتىدۇ. بىر ئايدىن كېيىن رەيھانگۈلگە ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇش پۇرسىتى بېرىلگەنلىك ئۇقتۇرۇشى كەلگەندە، خىزمەت قىلىۋاتقان مەكتەپتىن قوشۇلمىغاچ بۇ ئوقۇش پۇرسىتىنى زايە قىلىشقا مەجبۇرى بولىدۇ. كېيىن مەملىكەت ئىچىدە دوكتورلۇق ئوقۇشنى خالىماي، 2010-يىلى گوللاندىيەگە دوكتورلۇق ئوقۇش ئۈچۈن قايتا كېلىدۇ. ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇش تەس بولغاننىڭ ئۈستىگە، بەزى ئەمەلىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەيھانگۈل خەنزۇچە دەرس ئۆتۈشنى ئاساس قىلغان بىر كىچىك تىل مەكتىپىنى ئاچىدۇ. 
رەيھانگۈل ئەمەت 
رەيھانگۇل ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدە.  

رەيھانگۈل ئەمەت 
 ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر كۆرۈنىشى.  

رەيھانگۈلنىڭ 2012-يىلى بالىسى كاشىغەرى تۇغۇلغاندا، گوللاندىيەلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، بالىسى ئۈچۈن بالىلار پسىخولوگىيىسى دەرسىنى ئۆگىنىدۇ. ھەمدە بۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئۈنۈمىنى كۆرۈپ، ئۈندىداردا «ئەقىل توپى» ۋە «ئانا بىز» توپلىرىنى قۇرىدۇ. ئوقۇ-ئوقۇتۇش ساھەسىدە ئىشلەيدىغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق خانىم-قىزلار بىلەن بىرلىكتە، مائارىپچى ئاتا-ئانا بولۇش، ۋە ھەر بىر ئادەم ئۆز ئانا تىلىدا ۋە ئۆز يېزىقىدا كىتاب ئوقۇيالايدىغان بالىلارنى تەربىيىلەشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، ھەر ساھەدىكىلەرنى ئۆز ساھەسىدە ئىلىمنىڭ زاكاتىنى بېرىش ئۈچۈن بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرىدۇ. رەيھانگۈل ئۈندىداردا تۇنجى قېتىم توپ قۇرۇپ لېكسىيە سۆزلىگەن ئوقۇتقۇچى بولۇپلا قالماي، ئۈندىدارنىڭ ئاكتىپ رولىدىن پايدىلىنىشنىڭ بىر يېڭى يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن كىشىمۇ بولۇپ قالىدۇ. ئۈندىداردىكىلەر بىر-بىرى بىلەن ھال-ئەھۋال سورىشىپ نورمال پاراڭلىشىشتىن، ھازىرقىدەك توپ-توپ بولۇپ، ھەر خىل تېمىلاردا بەس-بەستە سايرايدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ. رەيھانگۈل ھازىرمۇ ئۈندىداردا ئۆزى ئۆگەنگەن بالىلار توغرىسىدىكى كونكرېت ۋە ئەمەلىي بىلىملەرنى دوستلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىشىش ئىشىنى قىلىۋاتىدۇ. ھەمدە ۋەتەندە پىنسېيونېرلار ياكى قېرىلار ئۆيىگە ئوخشاش، كىچىك بالىلارنىڭ ئۈچۈنمۇ مەھەللىلەردە بىردىن ھەقسىز بالىلار ئويناش ئۆيى قۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ئىمكانىيەت ئىزدەۋاتىدۇ. رەيھانگۈلنىڭ ئارزۇ قىلىۋاتقىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ئاشۇنداق ئۆيلەرگە ئۆز بالىلىرىنى ئاپىرىپ ئويناشقا قويۇپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق بالىلارنى ئۆز قورۇسىدا يالغۇز ئوينىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ھەمدە بالا يىتىپ كەتمەسلىك ۋە بىر بىخەتەر ئويناش مۇھىتىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. رەيھانگۈل بۇ جەھەتتە باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئىمكانىيىتىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئۆزىگە ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 

رەيھانگۈل ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشكە ئۈندەش ئۈچۈن، 2015-يىلى ئۈندىداردا سۈزۈكى مېتودىدا «10 مىنۇتلۇق ئىنگلىزچە» دەرسى سۆزلەيدۇ. ھەمدە 300 دەك ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز بالىلىرى بىلەن بىللە ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. خەلقئارادا يەنە «تالانت مائارىپى» دەپ نام ئالغان «سۈزۈكى مېتودى» نى ياپونىيەلىك مائارىپچى سۈزۈكى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۇسۇلنىڭ تەلىپى بالىلارغا ئىسكىرىپكا ئۆگىنىشنى ئۇلار كىچىك چېغىدا باشلاش، ۋە ئاتا-ئانىلار تەڭ ئۆگىنىش ئارقىلىق بالىلىرىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش، شۇنداقلا بالىنى يېقىندىن يېتەكلەش. سۈزۈكى مېتودى ياۋروپادا ھازىر كەڭ تۈردە قوللىنىلىۋاتقان ئۈنۈملۈك ۋە ھۇزۇرلۇق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپ، رەيھانگۈل بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆز مائارىپىمىزغىمۇ سىڭىپ كىرىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەپەككۇر شەكلىنى تولۇق چۈشىنىشى ۋە ئۇلارغا ماسلىشىشى، شۇنداقلا بالىلاردا ھەر خىل قىزىقىشلارنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ تەڭ قول تىقىپ ئىش قىلىشى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈندىدار دەرسخانىسىنى ئاچىدۇ. رەيھانگۈل يەنە خەلقئارالىق ئىنگلىزچە ئىمتىھان ئىەلتس قا تەييارلىق قىلىش دەرسىنى چەتئەللىك كەسپى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ ئېچىش يولىدا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ چەتئەلدە بىر ئىشەنچلىك ۋە سىستېمىلىق «ئوقۇش-ئوقۇتۇش مەسلىھەت شىركىتى» نى قۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئاز ھەق بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشتا، ۋە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتە ياردەمگە موھتاج بولغانلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تەمتىرەپ يۈرۈشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ. رەيھانگۈلنىڭ مەقسىتى ۋەتەندىكىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى يېنىكلىتىشتىن ئىبارەت. 

رەيھانگۈل ئۆزىنىڭ غايىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : «مېنىڭ غايەم بالىلار ئويناش ئۆيى قۇرۇش، ۋە كەلگۈسىدىكى كۈچلۈكلەرگە يانتاياق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن پىشاڭ بولۇش.» 

سىڭلىمىز رەيھانگۈل ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بىر يىراق جايدا ياشاۋاتقان بىر ئايال ۋە بىر ئانا بولۇشىغا قارىماي، ھەر ۋاقىت مىللەتنىڭ غېمىنى يەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار