ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا)

ۋاقىت : 2015-05-16 17:28 | مەنبەسى : ئېزدىنىش | ئاپتۇر : بىلىمخۇمار | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا)
 
بىلىمخۇمار
 
ئىلاۋە: مەن يېقىندا ئىنىمىز بۇرھان سېتىگە ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ۋەتەندىكىلەرگە تونۇشتۇرۇش ئارزۇيۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم. بۇرھان ئۇكىمىز بۇ ئىلتىماسىمنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. شۇنداقلا ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ بۇرۇنwww.alkuyi.com, bbs.misranim.com, www.uchur.com تورلىرىدا ۋە ئۈندىداردا بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇ قېتىملىق تونۇشتۇرۇشقا ئۆزى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلار كىرمەي قالغانلىقىنى، شۇڭلاشقا مەن ئۇنى بۇ قېتىم باشقا قېرىنداشلارغا قوشۇپ تونۇشتۇرسام بولۇۋېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم. 
پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
1-رەسىم: ئىنىمىز بۇرھان 2009-يىلى 10-ئايدا ئانىسى بىلەن مالايادا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ماگىستىرلىق مەكتەپ پۈتتۈرۈشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 

ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئاشۇ مېھرى ئىسسىق سەھرا! ھېلىمۇ ئېسىمدە ،كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئاشۇ زېمىن، ئاشۇ زېمىندا ئاپىرىدە بولدۇم، ئاشۇ زېمىندا كۈلدۈم، ئاشۇ زېمىندا يىغلىدىم... ھېلىمۇ ئېسىمدە، مەكتەپتىكى ھاياتىم، يېزامنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى.... قوي بېقىش، يانتاق چېپىش، تەك كۆمۈش، قويلارغا ھەلەپ بېرىش دېگەندەك، مەن قىلىپ باقمىغان دېھقانچىلىق ئىشلىرى يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن.....

سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغانمۇ ؟ ئەگەر ئوقۇغان بولسىڭىز، سىزگە بۇ ئەسەر نۇرغۇن ئېستېتىك ھۇزۇر بېغىشلىغان ۋە نۇرغۇن ياشلارغا ئىلھام بولغان دەپ ئېيتالايمىز. مەۋھۇم تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ كىچىككىنە ھايات كارتىنىلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن بىر شەخس بار. «دېھقان پەرزەنتىنىڭ چەتئەلدىكى سەرگۈزەشتلىرى»، «خارۋادقا سەپەر»، «بىرتانىيەگە ساياھەت»، «دېھقان پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى سەرگۈزەشتلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بىلەن تونۇشقۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز مەزكۇر ماقالىدە بولسۇن.

بۇ مەۋھۇم شەخس ھازىر كۇلالۇمپۇر ئۇنىۋېرسىتېتى سودا-سانائەت ئىنستىتۇتى مالىيە ۋە ئىسلام مالىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئالىي لېكتورى، شۇنداقلا مەزكۇر فاكۇلتېتنىڭ فاكۇلتېت مۇدىرى، ئىسلام پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى. ئۇ بولسىمۇ قۇمۇل شەھىرىنىڭ چىلان ماكانى قارا دۆۋىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتى - دوكتور بۇرھان سېتى.
پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
 دوكتورلۇق ئۇنۋان ئالغاندىكى رەسىم، مالايشىيا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دوكتور زەتى ئەختار دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى بەرمەكتە.

بۇرھان سېتى 1980-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى قۇمۇلنىڭ قارادۆۋە يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1999-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن دالىيەن سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 2 يىللىق تەييارلىق ئوقۇشىنى ئۈرۈمچىدە سۇ-ئىلىكتىر مەكتەپتە تاماملىغاندىن كېيىن، 2001-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە تولۇق كۇرسنى دالىيەندە تاماملىغان. بۇ جەرياندا سىنىپىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغىنىغا قارىماي، تىرىشىش ئارقىلىق دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇش مۇكاپاتى، ئىلغار سىنىپ كادىرى، ئۆچتە ياخشى ئوقۇغۇچى، دالىيەن شەھەرلىك ئىلغار مەكتەپ پۈتتۈرگەن شەخس قاتارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرگەن. ئوقۇشقا بولغان يۈكسەك ئىشتىياقى بىلەن داۋاملىق ئوقۇشنى تاللاپ، 2006-يىلى 3-ئايدا مالايشىياغا ئوقۇشقا چىققان. قىسقىغىچە 6 ئاي تىرىشىش ئارقىلىق ئىنگلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ شۇ يىلى 12-ئايدا مالايا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇشى تاماملانماي تۇرۇپلا، مالايشىيا بويىچە 2-دەرىجىلىك چوڭ شىركەت سايىم داربىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان. بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ 2008-يىلى 12-ئايدا ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان. 2009-يىلى 9-ئايدا 40 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدىن تاللىنىپ چىقىپ مالايشىيا مەركىزى بانكىسىنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مالايشىيا ئىسلام پۇل-مۇئامىلە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن. شۇنداقلا ئوقۇشقا بولغان مۇھەببىتى بىلەن قىسقىغىچە 3 يىل ئىچىدە دوكتورلۇق ئۇقۇشىنى تاماملىغان. شۇنداقلا مەكتىپىدىكى بىردىنبىر 3 يىل ئىچىدە ئوقۇش پۈتتۈرەلىگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ قالغان.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، قىسقىغىچە 6 يىل جەريانىدا، ئوقۇش جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇشىنى تاماملىغان؛ خىزمەت جەھەتتە، سايىم داربىيدىن ئىبارەت بىر چوڭ شىركەتتە 2 يىل ئىشلىگەن، شۇنداقلا دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانىدا 1 يىلدىن كۆپرەك تەتقىقات ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن؛ ئائىلە جەھەتتە، ئىناق ئائىلە قۇرۇپ ئۇچ پەرزەنتلىك بولغان؛ ئۇقۇش جەريانىدا، خاۋارد، ئوكسفورد، دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام پۇل-مۇئامىلە ئىلمى تەتقىقات يىغىنلىرىغا قاتناشقان. ئوقۇغۇچى بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلمى تەتقىقات يىغىنى، ئىسلام پۇل مۇئامىلە يىغىنلىرى ئۈچۈن زىيارەتتە بولغان. 2012-يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مالايشىيا مالىيە جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن 14-قېتىملىق يىغىنىدا دوكتورلۇق ئىلمى ماقالىسى ئىلغار ئىلمى ماقالە بولۇپ باھالىنىپ، شۇ يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ، ئىسلام پۇل مۇئامىلە كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.
پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
ئىسلام پۇل-مۇئامىلە كەسپىدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە

2012-يىلى 12-ئايدىن ئېتىبارەن، بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىز كۇلالۇمپۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سودا-سانائەت ئىنستىتۇتى مالىيە ۋە ئىسلام مالىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئالىي لېكتورى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، 2013-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، بۇ فاكۇلتېتنىڭ فاكۇلتېت مۇدىرلىق ۋەزىپىسى ئۈستىگە ئالدى. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا، 7 پارچە ئىلمى ماقالىسى خەلقئارالىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى، شۇنداقلا ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە ۋە مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمى تەتقىقات يىغىنلىرىغا 10 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە قاتناشتۇردى. ئاۋسترالىيەدىكى سودا سانائەت مۇھاكىمە يىغىندا ئۇنىڭ ماقالىسى مالىيە تۈرى بويىچە يەنە بىر قېتىم ئىلغار ئىلمىي ماقالە بولۇپ باھالاندى.

بۇرھان سېتى ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق روھى بىلەن توختىماي تىرىشماقتا. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ، ئۇدا 4 مەۋسۇم ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن 150 كە يېقىن ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى. 2012-2013 يىللىق ئوقۇش-ئوقۇتۇش، تەتقىقات، مەمۇرى خىزمەت قاتارلىق مەكتەپ يىللىق خۇلاسىسىدە %93 نەتىجە بىلەن يەنە ئەڭ ياخشى نومۇرغا ئېرىشكەن. بۇ ئۇتۇقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ھازىر ئۇ ئىسلام بانكىچىلىقى، ئىسلام كاپىتال بازىرى، ئىسلامچە بايلىق باشقۇرۇش، ئىسلام پۇل-مۇئامىلىسى قاتارلىق پەنلەردىن دەرس بەرمەكتە. ئۇنىڭ تەتقىقات نىشانى ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى، كۆپ خىللاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىش، كاپىتال بازىرى ۋە ئىسلام پاي چېكى.

كەسىپتىكى ئەستايىدىللىقى ۋە كەسىپكە بولغان مۇھەببىتى بىلەن ئىككى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يەنى ئۇنىۋېرسىتېتى مالايا ۋە مالايشىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ۋە باشقا ئىككى شەخسى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىزمەتكە چاقىرىشىغا مۇيەسسەر بولغان، كەسىپتە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن، مالايشىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىزمەتكە چۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

دوكتورنىڭ ئايالى بولسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىلشۇناس نەسرۇللا يولبولدىنىڭ قىزى. دوكتورنىڭ ئايالىمۇ 3 پەرزەنتنىڭ ئانىسى بولغىنىغا قارىماي، 2012-يىلى 10-ئايدا مائارىپ باشقۇرۇش ساھەسىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالدى. ھەمدە ھازىر دوكتورلۇق ئوقۇشىنىڭ پەنلىرىنى تاماملاپ، ئىلمىي تەتقىقات ماقالە ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. پات ئارىدا يەنە بىر ئۇيغۇر دوكتورلار قاتارىغا قوشۇلغۇسى.
پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
 ئايالى پەرزانە نەسرۇللانىڭ 2012-يىلى 10-ئايدا ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملاش مۇراسىمىدا

ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ياش دوكتورىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، كەسىپ جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ ئىسلام پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشىنى ياراتقۇچىدىن تىلەيمىز. ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك، ئامەت ۋە بەخت تىلەيمىز.

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 

 ئىنىمىز بۇرھان 2014-يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە لەنكاستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلام پۇل مۇئامىلە يىغىنىدا.

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
 ئىنىمىز بۇرھاننىڭ چوڭ ۋە ئوتتۇرانچى قىزى - شەھىدە ۋە شەرىفە، ھەر ئىككىلىسى مالايشىيادا تۇغۇلغان، لېكىن ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى ياخشى، باشقا تىللار بىلەن ئالماشتۇرماي سۆزلەيدۇ. چوڭ قىزى شەھىدە 6 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئۇيغۇرتىلى ۋە ئەرەبچىدىن ساۋاتى چىقىپ بولغان ۋە ئىنگلىز تىلى بىلەن مالاي تىلىنىمۇ بىلىدۇ.

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
 ئىنىمىز بۇرھاننىڭ باش دوكتور يېتەكچىسى - مەنسۇر ماسىخ

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
ئىنىمىز بۇرھاننىڭ 2-قول دوكتور يېتەكچىسى - ئوبەيدۇللا ئىسماھ باقا

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
 مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىللە - سەيىد ئوسمان ئەلخەبشى

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
ئىنىمىز بۇرھان 2012-يىلى 3-ئايدا خاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا)
 ئىنىمىز بۇرھان 2011--يىلى 7-ئايدا ئەنگلىيە دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتىدا

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
ئىنىمىز بۇرھان 2011-يىلى 7-ئاي ۋە 11-ئايدا ئىككى قېتىم ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە ۋە ئىلمى تەتقىقات يىغىنىدا بولدى

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
ئىنىمىز بۇرھان بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى (مالايشىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات مەركىزى بار) ساغلاملىق پەنلىرى دوكتورى نامەتجان مۇھەممەتنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا 

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
 ئىنىمىز بۇرھاننىڭ قېيىن ئاتىسى تىلشۇناس نەسرۇللا يولبولدى بىلەن قېيىن ئاپىسى ھەمراھ ئاپپاي كۇۋالالۇمپۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 
 ئىنىمىز بۇرھان 2013-يىلى 11-ئايدا ئاۋسترالىيە سەپىرىدە

پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى-بۇرھان سېتى (مالايشىيا) 

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار