ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

دوكتور مەخمۇت ياسىن (ياپونىيە)

ۋاقىت : 2015-05-16 17:32 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : بىلىمخۇمار | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 دوكتور مەخمۇت ياسىن (ياپونىيە)

بىلىمخۇمار

 دوكتور مەخمۇت ياسىن (ياپونىيە) 
دوكتور مەخمۇت ياسىن

ئىنىمىز مەخمۇت ياسىن 1968-يىلى ئاتۇش شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1975-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا ئاساس سالغان ،ئىلىم-پەن بۆشۈكى سانىلىدىغان ئاتۇش شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىدى.

ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ زېرەك، ئۆتكۈر پىكىرلىك، كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن، ۋە ئاتۇش بالىلىرىغا خاس مىجەز ۋە ئۆزگىچىسى بار بولۇپ يېتىلدى. ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپلا ئۇنىڭ ھەر ساھەدىكى قابىلىيىتى ۋە پائالىيەتچانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. مەخمۇت كىشىنى قايىل قىلارلىق ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىنىپىنىڭ ئۆگىنىش ھەيئەتلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. كىشىنى قايىل قىلىدىغىنى ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماي، شۇنداقلا باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويماي، تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغۇچە داۋاملاشتۇردى. ئۇ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىمۇ ئاكتىپ بولدى. سەنئەت ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ھەر قانداق ئىشتا ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇلۇغ غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئىزچىل تۈردە تىرىشتى. ھەر دائىم سىنىپلار ئارا تەييارلايدىغان سەنئەت نومۇرلىرىدا ئاق خالات كىيىپ، ئوكۇل يىڭنىسىنى تۇتۇپ، بىمارلارنى داۋالايدىغان دوختۇر رولىنى ئېلىشقا ئەڭ ماھىر ئىدى. بۇ خىل قىزىقىش ئۇنىڭ دوختۇر ئانىسىنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇنىڭ بۇ شوخلۇقى ۋە خۇشاللىقلىرى ئاتىسىنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى، كېسىلىنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئېغىرلىشىپ 40 ياشنىڭ قارىسىنى ئەمدىلا ئالغان قىران ۋاقتىدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈ خوشلاشقانلىقى، ئۆزىنىڭ بولسا بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇرۇپ ئاتىسىنى قۇتۇلدۇرلماسلىقىدەك ئۆكۈنۈش ئازابى بىلەن خاتىمىلەندى. بۇ ھال ئۇنىڭ سەبىي قەلبىگە بىر يارا، ياق، توغرىسىنى دېگەندە، كەلگۈسى نىشانىنى تېخىمۇ ئېنىق تىكلىشىدە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقان بىر ئاچچىق كەچمىش بولۇپ ئورنىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزى كۆزلىگەن ئاق خالاتلىق جەڭچى بولۇش ئارزۇسىغا 1985-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىش بىلەن ئېرىشىپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ بىر يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى يېزىشنى باشلىدى.

ئىنىمىز مەخمۇت كىچىكىدە ئاتا مېھرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئەنە شۇ قاباھەتلىك مىنۇتلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، 40 نەچچە يىللىق ھايات مۇساپىسىدە ئۆزىنى بىر قېتىممۇ بەختسىز، تەلەيسىز ،جاسارەتسىز، ۋە ناباب دەپ ئويلاپمۇ باقمىدى. ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلمىدى. چۈنكى ئۇ ئەنە شۇ ئاتىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى نەچچە مىڭلىغان ھاياتلىق ئىچىدىن ئاللاھ تەرىپىدىن تاللانغان بىر ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ شەپقىتىگە ھەر دائىم رازىمەنلىك بىلدۈرۈشى ۋە تەشەككۈر ئېيتىشى كېرەكلىكىنى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقتا ئىزچىل تىرىشىش، يەنە تىرىشىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان پسىخىكىسى ئۇنىڭ سەبىي بالىلىق قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان بولۇپ ، ئاشۇنداق بىر ئەمەلىيەت مەخمۇتنىڭ ھازىرقى نەتىجىلىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى. 
ئىنسان ھاياتلىق ئىلمىگە بولغان قىزىقىش ۋە كېسەللىك ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ، ھاياتقا سەۋەب قىلىش، ھاياتلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئالىي بۇرچ مەخمۇتنى دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇشقا مۇيەسسەر قىلدى. مەخمۇت ئۇشبۇ كەسىپنى سۆيدى. ئالتە يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قەدىرلىدى، ۋە تىرىشتى. نەتىجىدە 1991-يىلى ئومۇمىي نەتىجىسى ئۇشبۇ قارار بويۇنچە 1-بولۇپ، ئۆز ئارزۇيى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجى يۇقىرى كەسپىي داۋالاش مەركىزى بولۇپ قۇرۇلغان تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا راك كېسەللىك تاشقى بۆلۈم ۋىراچى بولۇپ ئىشلىدى. ئون يىللىق كلىنىكىلىق تەجرىبە-ساۋاقلار ئۇنى دىيارىمىزدىكى راك كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇپ بىمارلارنى كېسەللىك ئازابىدىن تۈپتىن خالاس قىلىشنىڭ، راكنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ، ۋە بالدۇر داۋالاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بەردى. چۈنكى دوختۇرلار داۋالاشقا تىرىشىۋاتقان بىمارنىڭ 98 پىرسەنتى دېگۈدەك راكنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدىن ھالقىپ، ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرىپ قالغان ھالەتتە بولۇپ، ھاياتى تولىمۇ قىسقا، ياكى ھاياتلىق ساپاسى تولىمۇ تۆۋەن ئىدى. 

مانا مۇشۇنداق رېئاللىق تۈپەيلىدىن مەخمۇت بىر كلىنىكىلىق دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالماسلىقتەك روھىي ئازابتىن خالى بولالمىدى. ئۇنىڭدا تېبابەت تەرەققىي قىلغان، بولۇپمۇ راك كېسەللىكىگە بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا دۇنيا سەركىسى ۋە باشلامچىسى بولۇۋاتقان ياپونىيەدە ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدىكى بىلىم ئېلىش ئىستىكىدە دۆلەتلىك سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قاتمۇ-قات سىناقلار ۋە تاللاشلاردىن ئۆتۈش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تاللانغان 100 كىشى ئىچىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىپتىخارلىق ئىچىدە 2001-يىلى ياپونغا ئوقۇشقا كەلدى. 

تىرىشىش ۋە شىجائەت ئۇنىڭدا يېتىلگەن خاراكتېر ۋە ئۇنىڭدىكى خىسلەت ئىدى. ياپون ئۇستازى مەخمۇتقا قايىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەخمۇت ئۆزىنى ناھايىتى تەلەيلىك ۋە بەختلىك ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەخمۇتنى ھەم ئۇستاز ھەم ئاتىلىق مېھرى بىلەن يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، ئۇ 2006- يىلى جىگەر راكىنى بالدۇر بايقاش ۋە مولېكۇلىلىق نىشانلاپ داۋالاش توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن مولېكۇلا خىرورگىيەلىك داۋالاش ئىلمىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 
 دوكتور مەخمۇت ياسىن (ياپونىيە) 
 
ئىنىمىز مەخمۇت دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەخمۇت بىر قانچە چوڭ تىپتىكى ياپون دۆلەتلىك تەتقىقات تۈرلىرىگە بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ھەمدە كەسپىي تارماقلاردا باش يېتەكچى بولۇپ ئىشلەپ، بىر قانچە تۈرلەرنى تاماملىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردا، ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە كلىنىكىلىق داۋالاش ئىشلىرىدا كۆۋرۈكلۈك رولىغا ئىگە كۆپ قاتلام ۋە يۈرۈشلەشكەن كېلىنىكىلىك-پاتولوگىيەلىك-مولېكۇلالىق ھۆججەت ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىش تەتقىقاتى ياپونىيەنىڭ ئاشۇ ساھەدىكى بوشلۇقىنىڭ بىر قىسمىنى تولۇقلىدى. شۇ جەرياندا مەخمۇت ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچە شاگىرت دوكتورلارنى تەربىيىلەش ۋە يېتەكلەش ئىمتىيازىغىمۇ ئېرىشتى. ئاشۇنداق خىزمەت مەخمۇتنىڭ خەلقىمىزگە ۋە يۇرتىمىزغا قايتۇرالىغان ۋىجدان بۇرچىنىڭ يورۇق نامايەندىسى بولدى. 

ئىنىمىز دوكتور مەخمۇت ياسىن ياشلىرىمىزغا پەقەت بىر قانچە ئىبارىنى تەۋسىيە قىلىدۇ: ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قەدىرلەش، ۋە ئۆز غايىسى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىش.

 دوكتور مەخمۇت ياسىن (ياپونىيە) 

ئىنىمىز مەخمۇت خىزمەت ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش

 دوكتور مەخمۇت ياسىن (ياپونىيە) 

ئىنىمىز مەخمۇتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر

 دوكتور مەخمۇت ياسىن (ياپونىيە) 

ئىنىمىز مەخمۇت خىزمەت ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش

 دوكتور مەخمۇت ياسىن (ياپونىيە) 

ئوڭدىن سولغا: مەخمۇت ياسىن، بىلىمخۇمار، مەخمۇتنىڭ ئايالى، ۋە بىلىمخۇمار ئايالى ئامانگۈل. بۇ رەسىم 2013-يىلى 10-ئايدا ئىستانبۇلدا تارتىلغان. شۇ قېتىم مەخمۇت ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقات ئۈستىدە بىر مەيدان ئىلمىي دوكلات بەرگەن ئىدى.

 دوكتور مەخمۇت ياسىن (ياپونىيە) 

مەن 2012-يىلى 12-ئايدا ياپونىيەگە ئوغلۇم بىلەن ساياھەتكە بارغاندا، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا توكيو رايونىدا ئوقۇۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئۆزۈم ناسادا قىلىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا بىر مەيدان ئىلمىي دوكلات بەردىم. بۇنىڭغا مەخمۇت ياسىن ئۇكىمىزمۇ قاتناشتى. بۇ رەسىم شۇ قېتىم يىغىن زالىغا كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە تارتىلغان. بۇ رەسىمدە مەن بۇرۇن تونۇشتۇرغان دوكتور دىلشات ئابلا، دوكتور ناسىرھاجى مەمتىلى، ۋە دوكتور غەيرەت غېنى، شۇنداقلا مەن تېخى تونۇشتۇرمىغان غەيرەت كەنجى ۋە رۇستەم قاتارلىق ئۇكىلارمۇ بار.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار