خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(40)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

    پەرغانە ۋادىسىدا  ھازىر ياشاۋاتقان ، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغان  ئاھالىلارنىڭ سانى مەيلى ئۆزبېكىستان  ۋە ياكى  قىرغىزىستان بولسۇن، ھەر ئىككىسىدىلا  ناھايىتى ئاز. ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئەنجان ۋىلايىتىدە يەنە ھازىرمۇ << ئۇيغۇر>> دېگەن نام ئاستىدىكى جايلار مەۋجۇت. ئوش ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى قاراسۇ رايونىنىڭ قەشقەر قىشلاق يېزىسىدا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ  ئولتۇراقلاشقان.   پەرغانە ۋادىسىدىكى  بۇ قالدۇق ئۇيغۇرلار  گەرچە بەزى جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۆز ئانا تىلىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزبېك تىلىنى ئىشلىتىدۇ.  ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان بۇ ئاھالىلارنىڭ ھەممىسى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت  ۋە تىل جەھەتتىن يەنىلا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزبېكلىشىپ بولغان بولۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ مىللەت نامىلا ساقلىنىپ قېلىنغان.  سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 20  يىل ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى  پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ قالدۇق ئىسمى بار، جىسمى يوق ئۇيغۇر ئاھالىلار 21-ئەسىردە خۇددى 19-20-ئەسىردە بېشىغا كەلگەندەك  ئۇزۈلمەي داۋاملاشقان سىڭىش ۋە  يوقاپ كېتىش تەقدىرىگە يەنە دۇچ كېلىشى مۇقەررەر.  

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى  ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ تارىخىي مۇساپىلىرىنى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ  يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىش  ھادىسىسى پەقەت ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا ئەڭ گەۋدىلىك بولدى.  بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان  بىلەن قىرغىزىستان ھەم تاجىكىستان ئەڭ روشەن بولۇپ،  بۇ خىل ھادىسە  بۇ ئۈچ جۇمھۇرىيەتنىڭ پەرغانە ۋادىسىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى.  سىڭىشىش ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ، ئۆزبېك مىللىتىنىڭ پەرغانىدىكى ئاساسلىق قىسىمىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە  تەشكىل قىلىش بىلەن خۇلاسىلاندى.   ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ   بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى  ۋە بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان قىسىمىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تاشكەنت  ۋە باشقا جايلارغا تارقىلىپ، شۇ جايلارنى مەركەز قىلغان  بولۇپ، بۇلار 1955-1963-يىللىرى ئارىسىدىكى كۆچۈشتە  ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىقىپ، ئۆزبېكىستاندىن تاشكەنت شەھىرىنى ئاساس قىلىپ، ئەنجان ۋە يەنە باشقا شەھەرلەرگە تارقالغان  ئۇيغۇر ئاھالىلىرى شۇنىڭدەك يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرلىرىدە قازاقىستاندىن  تاشكەنت ۋە باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ ئوقۇپ ۋە خىزمەت قىلىپ تۇرۇپ قالغان  يەتتەسۇلۇق  ئۇيغۇرلاردۇر.   مانا بۇ گۇرۇپپا  بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ  ئاساسىي مىللىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، لېكىن ئۇلارنىڭ  بىرىنچى ئەۋلادلىرى تۈگەپ، ئىككىنچى ئەۋلادلىرى ئۆز ئانا تىلىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك   50-80-يىللار ئارىسىدا  باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ  مائارىپ تەربىيىسىنى  ئۆزبېك ۋە رۇس تىللىرىدا، قىسمەنلىرى  باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى  قازاقىستاندا ئۇيغۇ تىلىدا  ئالغان بولۇشىغا قارىماي،  ئۇيغۇر تىلى پەقەت ئائىلە تىلى ۋە ئۆزارا ئالاقە تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ 3-ئەۋلادلىرى بولسا تامامەن دېگۈدەك ئۆزبېك تىلى  ۋە ياكى رۇس  تىلى ئىشلىتىدىغان بولۇپ،  سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە دۇنياغا كەلگەن يېڭى ئەۋلادلار بولسا ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزبېك تىلىدا تەربىيە ئېلىپ، ئۆزبېك جەمىيىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.  دېمەك، ئەمدىكى نۆۋەت ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان ۋە تىل ، ئۆرپ-ئادەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئۆزبېكلەردىن ھېچ پەرقى بولمىغان يېڭى ئەۋلادنىڭ   يەنە بىر قەدەم ئۆزبەك جەمىيىتىگە  قوشۇلۇش  ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.  قىرغىزىستانغا تەۋە ئوش، ئۆزگەند، قاراسۇ، جالال ئاباد قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى  بولسا، تېخىمۇ شۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا.  ئۇلار ئومۇمەن، ئۆز تىلىدىن ئايرىلىپ بولغان.   گەرچە، ئەنجان ۋە ئوش قاتارلىق جايلاردىكى پەرغانە ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش قىزغىنلىقى بولسىمۇ،  ھەتتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈرلۈك سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ئۆز مىللىي ناخشا -مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۆز سەنئىتىنى نامايەن قىلىش ھەم ئۆگىنىش  پائالىيەتلىرى بولسىمۇ، بىراق بۇلارنىڭ   ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالماسلىقى تەبىئىي.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار