دىنى جەھەتتە بۇ ئىككى ۋادا ئىلگىرى -كېيىن ئىسلاملاشتى ھەمدە ئوخشاشلا مىڭ يىلدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ يەردىكى تۈركىي قەبىلىلەرمۇ قەدەم-قەدەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلار ئوخشاشلا ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە مەنسۇپ بولدى. بۇنداق بىر خىل مەزھەپتە بولۇشمۇ ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدە ۋە چۈشەنچىلەر جەھەتتە بىرلىكنى ساقلىشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 18-19-ئەسىرلەردە قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئاق تاغلىقلار گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار پەرغانە ۋادىسىدا يەرلىك خەلقلەر بىلەن خۇددى ئۆز ۋەتىنىدىكىگە ئوخشاش ئىككى خىل مەزھەپ زىددىيىتىگە دۇچ كەلمەي ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق زىددىيىتىدىن خالى قالدى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئۇلار يەرلىك قەرىنداش تۈركىي تىللىق ئاھالىلار بىلەن ئوخشاش دىنىي مەزھەپگە مەنسۇپ بولۇش بىلەن ئۇلار ئارىسىدا قىلچە ئايرىمىچىلىقى خاھىشلىرى كۆرۈلمىدى. بۇ ھالمۇ ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
يەنە بىر نۇقتا شۇكى، پەرغانىلىقلار بىلەن قەشقەرىيىلىك تۈركىي ئاھالىلار يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ چىراي تۇرقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئانتروپولوگىيىلىك تۈزۈلۈشلىرىمۇ ئاساسەن بىردەك بولغانلىقى ئۈچۈن چىراي-قىياپەتتىكى بۇ خىل ئوخشاشلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ، ئۆزلىشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئانتروپولوگىيىلىك تۈزۈلۇش نۇقتىسىدىن ئالغاندا، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۆزبېكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا روشەن پەرقلەر گەۋدىلىك ئەمەستۇر. مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىككى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا چىراي-تۇرقى جەھەتتە بىلەن ئەڭ ئوخشاش ئىككى خەلق -ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇ خىل ئوخشاشلىق پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۆزبېكلەر بىلەن قەشقەر تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاھىدە گەۋدىلىكتۇر. ئەلۋەتتە، ھازىرقى زامان ئۆزبېكلىرى ئارىسىدا تاجىك-ئىران تىپىنىڭ تەسىرلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا گەۋدىلىكرەك بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئومۇمىي يۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس. بۇنداق ئەھۋال ئۆزبېكىستاننىڭ تاجىكلار كۆپرەك ئورۇنلاشقان رايونلىرى، مەسىلەن سەمەرقەنت ۋە بۇخارا رايونلىرىدا ئالاھىدە روشەن بولسىمۇ، بىراق پەرغانە ۋادىسى، بولۇپمۇ ئەندىجان ۋە مەرغىلان ھەم ئوش ئەتراپلىرىدىكى ئۆزبېكلەر بىلەن تارىم ۋادىسىنىڭ قەشقەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى چىراي تۇرقى جەھەتتىن بىر-بىرىدىن ئالاھىدە گەۋدىلىك پەرقلەرگە ئىگە ئەمەس.
يۇقىرىقىدەك كۆپ خىل ئوخشاشلىق ۋە ئورتاقلىقلار مۇھاجىر قەشقەرلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن يەرلىك ئاھالىلار ئارىسىدا قەدەم-قەدەم سىڭىشىپ، ئۇلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . بۇ بىر خىل تەبىئىي يۇغۇرۇلۇش ياكى ئىنتىگراتسىيە ھادىسىسى ئىدى.
شۇنىڭغا ماس ھالدا يەنە بىر نۇقتىنى تەكىتلەش زۆرۈركى، 1877-1882-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن تۇڭگانلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەت، تىل، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن يەرلىك ئاھالىلاردىن كۆپ پەرقلىق بولغاچقا ئۇلاردا يەرلىك ئاھالىلارغا سىڭىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. تۇڭگانلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى ۋە ياكى يەتتە سۇدىكى ئاھالىلارغا خۇددى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئومۇمىي يۈزلۈك ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، 19-ئەسىردە كۆچۈپ كەلگەن تۇڭگانلار ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ سوقۇلۇق، ئالېكساندروپكا، ئىۋانوفكا قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتا كېلىپ ئورۇنلاشقان يېزىلىرىدا 130 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىللىقنى ساقلاپ ، دەسلەپكى بىر قانچە مىڭ ئادەمدىن كۆپىيىپ بۈگۈنكى كۈنلەردە 60مىڭغا يەتكەن. تۇڭگانلار مەيلى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بولسۇن، ۋە ياكى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى بولسۇن ، بۇ دەۋرلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتمىگەن ۋە ياكى باشقا يەرلىك خەلقلەر تەركىبىگە قوشۇلۇش يولىنى تۇتمىغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەتتە سۇدىكى تۇڭگانلارنىڭ باشقا يەرلىك خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر بەكرەك زىچ بولغان ئىدى.