قاغىلىق جامەسىنىڭ بىنا قىلىنىشى توغرىسىدا
دىلشات ئابلىز
قاغىلىق - يىرى كەڭ ، بايلىقى مول ، تۇپرىقى مۇنبەت ، ئىلىم - مەرىپەت ، ھۇنەر - سەنئەت تەرەققى قىلغان قەدىمقى يۇرىت . قاغىلىق چىڭ سۇلاسى دەۋرىدە گۇما ، پوسكام ، ئىككىسۇ ، ئۇششارباش قاتارلىق 18 بەگلىكنى ئىدارە قىلىدىغان ئايماق بولغان . 1885 - يىلى 12 - ئايغا كەلگەندە ئاندىن رەسمىي ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغان .
قاغىلىق بازىرى تەرەققى قىلىپ كوركەم بىنالار قەد كوتەرگەن ، تەرەپ - تەرەپكە سوزۇلغان ئاسفالىت يوللۇق ئاۋات « شەھەر » گە ئايلانغان بۇگۇنكى كۇندىمۇ ، شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى ئىگىز بىنالارغا ياندىشىپ تۇرغان قاغىلىق جامەسى قەدىمقى تارىخنىڭ تۇلۇق گۇۋاھچىسى سۇپىتىدە قەد كوتۇرۇپ تۇرماقتا . جامە ئالدىدىكى كەڭرى بازار تارىختىن بىرى قاغىلىقنىڭ سودا ۋە دىنىي مەركىزى بولۇپ كەلگەن قەدىمقى رەستە بولۇپ ، بۇ رەستىگە قاغىلىقنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىجتىمائى تۇرمۇشىدىكى ئاجايىپ گۇزەل ، يارقىن ، قايناق مەنزىرىلەر مۇجەسسەملەنگەن . رەستىدىكى ئادەملەرگە لىق تولغان ئاشخانا ، كاۋاپدان ئىچىدىكى چوغ تەپتىدە ۋىژىلداپ پىشىۋاتقان زىخلىق كاۋاپلار ، دوۋىلىنىپ تۇرغان قوغۇن - تاۋۇز ، ئۇزۇم - ئانارلار ، زەرگەرلەرنىڭ ئىلغۇلىرىدا يالتىراپ تۇرغان كوركەم زىبۇ - زىننەتلەر ، دوختۇرلۇق ، تىۋىپلىق بولۇملىرى ، جامە دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يىنىدىكى كىتاپپۇرۇشلار ئالدىدا ھازىرقى ۋە قەدىمقى زامان ئەسەرلىرىنى بىرىلىپ ئوقۇۋاتقان شەپكىلىك ، دوپپىلىق ، شىلەپىلىك كىشىلەر ۋە ئاق سەللە ، ئۇزۇن پەرەنجىلەرگە يوگىنىپ ئىبادەت ئۇچۇن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئوزىگە خاس پائالىيەتلىرى ئوتتۇرا ئەسىر مەدىنىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان مەدىنىيىتىنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن ئاجايىپ گۇزەل مەنزىرىسىنى يارقىن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ .
مانا مۇشۇ گۇزەل مەنزىرە ئىچىدە جۇلالىنىپ تۇرغان قاغىلىق جامەسىنىڭ بارلىققا كىلىشى - مۇشۇ ئەتراپنىڭ سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە بازار بولۇپ شەكىللىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .ئۇنىڭدىن ئىلگىرى جامە ۋە بازارنىڭ ئورنى ئەسلى ساي ياقىسىدىكى كەنىت بولۇپ ، يەكەن بىلەن خوتەن ئارلىقىدىكى مۇھىم قونالغۇ بولغانىدى . سۇلتان ئابدۇرىشىتخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ، ئوز دولىتىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسى كۇچىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىرگە مائارىپ ، يىزا ئىگىلىكى ، سۇ ئىنشائاتى ، قاتناش ئىشلىرىغا ئالاھىدەئەھمىيەت بىرىپ ، ئۇزۇن مۇساپىلىق ئوستەڭلەرنى چاپتۇرۇپ ( قاغىلىق بازىرىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ئوستەڭ شۇنىڭ مەھسۇلى .ئازاتلىقتىن كىيىن خىلى ئۇزۇن مەزگىل ئوتكەندە تۇندۇرۇۋىتىلدى ) تىرىلغۇ يەرلەرنىڭ كولىمىنى كىڭەيتىپ ۋە يىڭىدىن يىزا - كەنىتلەرنى بەرپا قىلىپ يول - لەڭگەرلەرنى ياساپ قاتناشنى راۋانلاشتۇرغان . بازارنى كوپەيتىپ يۇرىتنى ئاۋاتلاشتۇرغان . سۇلتان ئابدۇرىشىتخان قاغىلىقتا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ، سەمەرقەنىتتە ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان سايراملىق دىنىي ئالىم خوجا مۇھەممەت شىرىپ ( يەكەندىكى ھەزرىتى پىر مۇشۇ كىشىنىڭ مازىرى ) ھىندىستان ئارقىلىق قاغىلىققا كەلگەندە ، بۇ كىشى ئەينى زاماننىڭ ئاتاقلىق مۇتەپەككۇرلاردىن بولغاچقا ، سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ خىزمەتلىرىگە يىقىندىن مەسلىھەتتە بولغان . قاغىلىق - خوتەن بىلەن يەكەن ئارلىقىدىكى مۇھىم قاتناش تۇگۇنى بولغاچقا ، خوجا مۇھەممەت شىرىپ سۇلتانغا قاغىلىققا مەسچىت ۋە لەڭگەر سىلىش تەكلىپىنى بەرگەن .بۇنى خانلىق توغرا تاپقاندىن كىيىن ھىجىرىيە 816 - يىلى ( مىلادى 1409 )ھازىرقى جامەنىڭ ھۇلى سىلىنغان .ئەمما مەسچىتنىڭ تىمى ئارقىمۇ - ئارقا 3 قىتىم ئولتۇرۇشۇپ كىتىپ ، قايتا سالسىمۇ توختىمىغان . كىيىن تام ئورنىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكى سىزىلىپ ، سۇلتان ئابدۇرىشىتخان بىلەن خوجا مۇھەممەت شىرىپ بۇ يەرنىڭ تىگىنى چۇڭقۇر كولاشنى بۇيرىغان . تام ھۇلى كولىنىپ 2 - 3 مىتىر چۇڭقۇرلۇققا يەتكەندا ئاستىدىن بىر كۇپ ئالتۇن ، بىر چويۇن بۇت ۋە بىر كىشىنىڭ جەسىدى چىققان . سۇلتان ئابدۇرىشىتخان شۇ مەيداندىلا بۇ ئالتۇننى مەسچىت قۇرۇلۇشىغا سەرىپ ئىتىش ئۇچۇن ئوز قولى بىلەن يارلىق يىزىپ ، موھۇر بىسىپ بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن مەسچىت قۇرۇلۇشىنى باشقىدىن پىلانلاپ ، ئىچكىرى - تاشقىرى مەسچىت ۋە كەڭ سەينالىق جامەگە ئوزگەرتىلگەن . ھىلىقى جەسەتنىڭ ھورمۇن شەھىرىدىن كەلگەن موللا خوجا ئەھمىدى دىگەن كىشىنىڭ جەسىدى ئىكەنلىكى ئىنىقلىنىپ ، جامەنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە قايتا دەپنە قىلىنىپ ، قەبرىگاھى ياسالغان . ( ھازىر بۇ يەر تۇمۇرچىلىك مازار غوجام دەپ ئاتىلىدۇ شۇ ۋاقىتلاردا بۇ يەردە تۇمۇرچىلىك بازىرى بولغان) بىركۇپ ئالتۇننىڭ جامە قۇرلۇشىدىن ئاشقان قىسمىغا جامەنىڭ شەرقىدىن 64 پاتمان ( 460 مو چامىسىدا ) يەر ئىلىنىپ جامەنىڭ ۋەخپىسى قىلىنغان . ( بۇ يەرلەر ھىلىمۇ ۋەخپە دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە )جامە پۇتۇپ يەتتە يىلدىن كىيىن ( ھىجرىيە 950 - يىلى ، مىلادى 1543 يىلى ) سۇلتان ئابدۇرىشىتخان قاغىلىقنىڭ سايباغ كەنتىگە كىلىپ ، بۇ يەرنىڭ مىۋىزارلىق ، سۇيى ئەلۋەك ، ئاۋات يۇرىت ئىكەنلىكىنى كورۇپ ، بۇ يەرنى بازار قىلماقچى بولغان .لىكىن سايباغ خەلقى خاندىن بازارنى باشقا جايغا قۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان .بۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئابدۇرىشىتخان جامە ئالدىنى بازار قىلىشنى قارار قىلىپ ، داۋۇر كەنتىدىن باشلانغان ئوستەڭنى بازار ئوتتۇرسىدىن كىسىپ ئوتۇدىغان قىلىپ ياساشنى ، جامە ئەتراپىغا دۇكان ، رەستىلەرنى سىلىشنى بۇيرۇغان .
قۇرۇلۇش باشلانغاندا سۇلتان ئابدۇرىشىتخان دايىم دىگۇدەك ئوستەڭ ۋە جامە ئەتراپىدىكى دۇكان قۇرۇلۇشىنى كوزدىن كوچۇرۇپ تۇرغان ھەمدە باشقا يەرلەردىن تۇمۇرچى ، ناۋاي ، موزدۇز ، ئاشپەز قاتارلىق ھۇنەرۋەن - كاسىپلارنى پەرمان بىلەن قاغىلىق بازىرىغا يوتكەپ كىلىپ دۇكانلارغا ئورۇنلاشتۇرغان . ئوستەڭ چىپىلىپ سۇنىڭ كىلىشى ۋە بازارنىڭ بىنا قىلىنىشى بىلەن ئەتراپتا كۇجۇم مەھەللىلەر بارلىققا كىلىپ ، قاغىلىق بازىرىنىڭ دائىرىسى پەيدىن- پەي كىڭىيىپ ئاۋاتلىشىشقا باشلىغان . شۇنىڭ بىلەن ھىجرىيە 953 - يىلى ( مىلادى 1546 - يىلى ) دۇشەنبە كۇنى رەسمى بازار قىلىش بەلگۇلەنگەن .
ھىجرىيە 1290 - يىلى ( مىلادى 1883- يىلى ) شۇ زاماننىڭ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىدىن قاغىلىق مەھكىمە شەرئىنىڭ ئەلىمى مۇتىئىللا ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قاغىلىق جامەسى بىر قىتىم رىمىنۇت قىلىنىپ ، جامەنىڭ شىمال تەرىپىگە كەڭرى سەينالىق مەدرىسخانا چىقىرىلغان . مەدرىستە تالىپلار ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن سىرىت ، جۇمە كۇنلىرى مەھكىمە شەرئىنىڭ كاتىپلىرى داۋا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قازىخانا ئورنىدىمۇ ئىشلەتكەن .
1936 - يىلى قاغىلىق ناھىيىسىگە ھاكىم بولغان ھاجى شەنجاڭ ( خۇيزۇ ) دىگەن كىشى جامەنى يەنە بىر قىتىم چوڭ رىمىنۇت قىلدۇرۇپ ، ئەسلىدىكى شەرىققە قارايدىغان چوڭ دەرۋازىسىنى شىمالغا قارايدىغان قىلىپ ئوزگەرتىپ ، جامەگە دەھلىز ئارقىلىق كىرىدىغان قىلغان . دەرۋازىنىڭ ئىككى يىنىغا 18 مىتىر ئىگىزلىكتە مۇنار چىقىرىپ ، ئىچكى ھوجرىلارنى كوپەيتىپ پىشايۋانلىق قىلىپ ياپتۇرغان .
ئارىدىن يىرىم ئەسىر ئوتۇپ 1986 - يىلىغا كەلگەندە قاغىلىق بازىرىنىڭ قىياپىتىدە زور ئوزگۇرۇشلەر بولدى .شۇ ۋەجىدىن كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ كۇچلۇك تەلىپى بىلەن جامەنى شەھەر قۇرلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىش ئۇچۇن ناھىيىلىك سىياسى مەسلىھەت كىڭىشى ، ناھىيىلىك مىللىي- دىنى ئىشلار ئىدارىسى ، ئىسلام دىنىي جەمىيىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل بولۇشى ئارقىسىدا مەخسۇس « قاغىلىق جامەسىنى كىڭەيتىپ ، رىمىنۇت قىلىش ھەيئىتى » تەشكىل قىلىنىپ ، ھەيئەت باشلىقلىقىنى ئاتاقلىق دىننىي ئالىم ، ۋەتەنپەرۋەر ، مىللەتپەرۋەر زات مەرھۇم ئابدۇلھىكىم مەخسۇم ھاجىم+ ئۇستىگە ئالدى . كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ زور كۇچ بىلەن ئىئانە توپلىشى بىلەن 373 مىڭ 799 يۇەن نەق پۇل ( ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئىنىقلىغان سان )ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملار ، ماددىي ئەشيالار توپلىنىپ ، 5 يىل ئىشلەش ئارقىلىق جامە ئورنى كىڭەيتىلىپ ، ئومۇميۇزلۇك رىمىنۇت قىلىنىپ ياسالدى . جامە ئىچىدىكى ھوجرىلار 14 ئىغىزغا كوپەيتىلىپ ياسالدى ھەمدە جەنۇپ شەرىق - شىمال تەرەپتىكى ھوجرا ۋە لەمپىلەرنىڭ ئۇستىگە رىشاتكىلىق سەينا چىقىرىلدى . پۇتۇن جاما ئىچكىرى - تاشقىرى مەسچىت ۋە سەينا دەپ ئۇچكە بولۇنۇپ ، بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدىغان دەرىجىدە كىڭەيتىلدى . ئىچكىرى تاشقىرى مەسچىتنىڭ تۇرۇسلىرى كىشىنى مەھلىيا قىلغۇدەك دەرىجىدە كوركەم زىننەتلەندى . توك ۋە تۇرۇبا سۇيى قاتارلىق باشقا ئەسلىھەلەرمۇ تولۇقلىنىپ ، كەڭ ئىتىقاتچى ئامما بەھۇزۇر نۇرمال دىننىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشتى . دەرۋازىنىڭ ئىككى يىنىغا ياسالغان مۇنارغا ۋە دەرۋازىلىرىغا ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئاجايىپ نەپىس نامايەندىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ ، دەرۋازا ئۇستىدىكى ئىگىزلىكى بەش مىتىر كىلىدىغان كوك كاھىشلىق گومبەز قارىغان كىشىگە ئاجايىپ كوركەم ۋە ھەيۋەت كورۇنىدۇ . بىر يىرىم مىتىرلىق پەشتاق ئارقىلىق دەرۋازىدىن كىرگەندىن كىيىن ، دەھلىز نامايان بولىدۇ . دەھلىزنىڭ ئۇدۇل تىمىغا مىھراپ شەكىلدە گۇل نەقىشلەنگەن ، تۇمۇر رۇجەك ئورنىتىلغان بولۇپ ، جامە سەيناسىغا كىرمەي تۇرۇپمۇ جامەنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كورگىلى بولىدۇ . جامەنىڭ تام - تورۇسلىرى ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى بىلەن گۇل نەقىش ئويمىچىلىق سەنئىتىنىڭ ئاجايىپ ئىسىل دۇردانىلىرى بىلەن نەپىس زىننەتلەنگەن . گومبەزنىڭ ھەممە تەرىپىگە ئىككى قۇر دىرىزە قويۇلغان بولۇپ ، ئىچى ئازادە ۋە يورۇق . جامەنىڭ شىمالىدىن جەنۇپقا ئۇزۇنلۇقى 65 مىتىر ، غەرىپتىن شەرىققە ئۇزۇنلۇقى 70 مىتىر ، ئومۇمىي كولىمى4550كۇۋادىرات مىتىر ( 6 موغا باراۋەر ) كىلىدۇ .
جامە ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئوزىگە خاس ئۇسلۇبى بىلەن كەڭرى ، كوركەم ، ئازادە ياسالغان بولۇپ ، ناھىيىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئورىپ - ئادەتلىرى پارتىيىنىڭ مىللىي ، دىنىي سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا تىخىمۇ گۇللەپ ياشنىغۇسى .
1992 - يىلى قاغىلىق جامەسى ۋىلايەتلىك مەدىنىي يادىكارلىقلارنى ساقلاش ئورنى تەرىپىدىن قاغىلىق ناھىيىسى بويىچە 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بىكىتىلدى .
1993 - يىلى نەشىر قىلىنغان « قاغىلىق تارىخىي ماتىرىياللىرى » توپلامدىن ئىلىندى .