1. توغرا جاۋابنى تاللاڭ.(12نۇمۇر)
1.مەمەتىئىلى ئەپەندىنىڭ قەلەم ئىسمى :( )
A .ئۆتكۈر B .ئىزچى c .شەيدائى D.تەۋپىق
2.«مىرزا ئۇلۇغ بەگنىڭ ھاياتى پىتنە پاساتقا تولغان كۆكساراي بىلەن رەسەتخانا ئوتتۇرسىدا ئۆتتى دىيىشكە بولاتتى»دىگەن جۆملىدىكى ئاستىغا سىزىلغان سۆزلەر :( )
A. ئاساسى لوغەت تەركىبىگە كىرىدۇ B . ئىستىمالدىن قالغان سۆزلەرگە كىرىدۇ
c .ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىگە كىرىدۇ D .ھىچقايسسىغا مەنسۇپ ئەمەس
3.«ئولۇغ بەگ »نامىلىق ئەسەردە؛( )
A. ئۇلۇغ بەگنىڭ كىملىكىگە باھا بىرىلگەن . B ئۇلۇغ بەگنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرگە چۈشەنچە بىرىلگەن
c.ئۇلۇغ بەگنىڭ ئىددىيىسى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزلگەن D.ئۇلۇغ بەگكە ئائىت ۋەقەلىك بايان قىلىنغان
4.تۆۋەندىكى سۈزلەرگە بىرىلگەن ئىزھاتلاردىن توغرا بولمىغىنى ؛( )
A . «زەبونلۇق»---زورلۇق ،زۇمبۇلۇق B .«سەلتەنەت»---ھۆكۈمرانلىق،ھەيۋەت . C«خەندەك »----ئورەك ،كولانغان يەر . D.«رىيازەت»---جاپا-موشاققەت، ئازاپ -ئوقۇبەت.
5.«بۈيۈك ئالىم كۇمراجىۋا »ناملىق تىكىست ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى ؛( )
A.ئولۇغ بوددا ئالىمى كۇمراجىۋا مىلادىيە 334-يىلى ھىندىستاندا تۇغۇلغان . B.كۇمراجىۋا بوددا ئالىمى بۇلۇپ قالماستىن بەلكى شۇدەۋىردە تۇنۇلغان مەشھۇر تەرجىمان ۋە مائارىپچىدۇ. c.كۇمراجىۋا زۇرلۇق بىلەن لىياڭجۇغا ئىلىپ كىتىلگەندىن كىيىن ئاخىرغىچە ئولارغا قارشى تۇرۇپ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ۋاز كەچكەن D.كۇمراجىۋا 38يىشىغىچە كەشمىردە ئىلمى پائالىيەت ئىلىپ بارغان .
6.مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى ناملىق بۇئەسەر يازغوچى ۋە شائىر سەيپىدىن ئەززىنىڭ ؛( )
.A«سولتان سۇتۇق بوغراخان »دىگەن ئەسىرىدىن ئىلىنغان B. «ئەۋلىيا ئاتا »دىگەن ئەسىرىدىن ئىلىنغان
c. «ئۆمۈر داستانى »دىگەن ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئىلىنغان .D . «ئاماننىسا خان »دىگەن ئەسىرىدىن ئىلىنغان
2-سۇئال.بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.(15نۇمۇر)
1. مەشھۇر مۇزىكانت كومپوزتور بىتخوۋىن ( )بولۇپ ئونىڭ ۋەكىللك ئەسەرلىرىدىن ( )( ) قاتارلىقلار بار .
2.دۆلەت پانا مىرزا ئۇلۇغ بەگ ( )دىن ( )نى ئولۇغ بىلىدۇ .
3.ئىسلام دىنى سىڭىپ كىرىشتىن بۇرۇن ئانا ماكان شىنجاڭ ( )ئىككىنجى ئانا ماكانى سۈپىتىدە ، ( )نى شەرىققە تارقىتىشنىڭ موھىم ئۆتكىلى بولغان .
4.مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى ( )يىللاردا شىنجاڭنىڭ ئاتۇش رايۇندا ( )مائارىپچىلىق ھەركىتىنى باشلىغان .
5.بوددا مەدىنيىتىنىڭ بىرىنجى ئاتا ماكانى ( )دۇر ،( ) يىلى ( )ئايدا كومراجىۋا توغۇلغانلىقىنىڭ ( ) يىللىقىنى خاتىرلەش ئىلىمىي موھاكىمە يىغىنى باي ناھيىىدىكى ( )نىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.
3-سۇئال تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ (33نۇمۇر)
1. ئاستىغا سىزلىغان سۈزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈڭ ھەمدە جۆملە تۈزۈڭ .
1) رەسەتخانا ۋە ئۇنىڭدىكى كىتاپلارنىڭ تەقدىرى سىنىڭ قۇلۇڭدا ،ئۇپۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقى،پەلەك مىنى ئاجىز قىلىپ سەلتەنەت قولدىن كەتسە خوراپات ئەۋىج ئالىدۇ،سېنىڭ ۋەزىپەڭ تولىمۇ مۈشكۈل دىدى ئولۇغ بەگ شاگىرتىغا قاراپ .(4نۇمۇر)
A. مەنىسى :
جۈملە:
B. مەنىسى :
جۈملە:
2) يۇقۇردىكى ئابزاستا قانداق ئىدىيە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان؟(3نۇمۇر)
3) ئولۇغ بەگ –رەسەتخانا ۋە ئۆزى بىر ئۆمۈر توپلىغان كىتاپلارنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقى دەيدۇ،ئولۇغ بەگنىڭ بۇخىل روھىدىن نېمىنى ھىس قىلدىڭىز ؟(4نۇمۇر)
2. كومراجىۋا كەشمىردە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن ،ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ يۇقىرى مەنسەپ،كۆپلەپ ئىش ھەققى بىرىش بەدىلىگە ئۆزنى تۇتۇپ قېلىش تەلىپىنى رەت قىلىپ ئانا يورتىغا قايتىپ كەتكەن .
1)كومراجىۋانىڭ چەتئەللەردىكى ھۆقۇق مەنپەتلىرىدىن ۋازكىچىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كىلىشىدىكى سەۋەپلەر:(6نۇمۇر)
2)پارچىدىكى «ئىلىم تەھسىل قىلىش »«بەدەل »دىگەن سۈزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈڭ (4نۇمۇر)
3)يۇقۇرقى پارچىدىكى مەزمۇننى بىر ماقا؛ل تەمسىل ياكى ھىكمەتلىك سۈز بىلەن ئىپادىلەڭ(2نۇمۇر)
3.ئۇنىڭ مونداق سۈزى ئىسىمدە:«بىز ھەقىقانى ئىش باشلىدۇق ،قارشىلىقلاردى قۇرقىمايمىز،ئۆلسەكمۇ ئارقىغا يانمايمىز .مەن كۆپ ئەللەرنى ئايلىنىپ مىللەت ئۈچۈن دەپ ئۇقۇپ قايتىپ كەلدىم .يەنە مىللەت ئۈچۈن مەكتەپ ئېچىپ ،مەدىنيەت ئاقارتىش ئىشلىرىغا قەدەم قۇيدۇم ،مەن قارشىلىقلار بولدىغانلىقىنى بىلىمەن.شۇنى ئىيتىشىم كىرەككى ھەتتا بىرەر كۈنى ئالتە پوللۇق قۇغۇشۇن ئۇق مېنىڭ كۆڭلۈمگە كېلىپ تىگىشى مۇمكىن .شۇنداق چاغدىمۇ كەينىمگە يانمايمەن»
1)بۇنۇتۇقنى سۈزلەۋاتقان كىم ؟ بۇكىشىنىڭ قانداق روھى ئىپادىلەنگەن؟ (4نۇمۇر)
2)بۇنۇتۇقتا ئۇنىڭ مۇنداق بىرقانچە ئىددىيسىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ،ئۇلار : (6نۇمۇر )
4-سۇئال قىسقىچە تەھلىل قىلىش سۇئالى .
1.بۈگۈنكى تەرەقيات ،يوكسەك ئىلىم -پەن ،رىقابەت،تاللاش،ۋە شاللاش دەۋرىدە ئۇلۇغ ئەجداتىمىزنىڭ چەتئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ ئىلىم تارقىتىش روھى قانداق موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؟(5نۇمۇر)
2ئۇلۇغ بەگ ھەم پادىشا ھەم شۇنچە بىلىملىك ،ئىقتىدارلىق تۇرۇپ دۈشمەنگە يىڭىلىپ قالىدۇ .بۇنىڭدىن ئۇنىڭ رەسەتخاننى دەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ياخشى باشقۇرماي ھۆكۈمىرانلىقى ئاغدۇرۇلغان دەپ قاراشقا بولامدۇ؟نىمە ئۈچۈن ؟(5نۇمۇر)
5-سۇئال يىزىقچىلق سۇئالى
«ئوقۇتقۇچى »دىگەن تىمىدا بىر پارچە بايانى ئەسەر يىزىڭ ،بۇنىڭدا مەلۇم بىر ئۇقۇتقۇچىڭىزنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان ئالاھىدىلىكى ،خاراكتىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلسۇن،ھەم ۋەقەلىك تىما قىلىنغان بۇلسۇن،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر جايىدا ،ئىملاسى توغرا،كۆز قاراش ئىنىق بولسۇن.ھەجىمى بىر بەتىن كەم بولمىسۇن.