ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : رومان ۋە روماننىڭ تۈ 12 مۇقام ۋە ناملىرىنى چۇڭياڭ بايرىمى قاندا نېمە ئۈچۈن ‹‹福››

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > مەدەنىيەت > تولۇق مەزمۇنى

12 مۇقام ۋە ناملىرىنىڭ شەرھى

ۋاقىت : 2015-07-13 12:49 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
12 مۇقام ۋە ناملىرىنىڭ شەرھى

بىزگە مەلۇمكى ھەرقانداق بىر ئىلىم ،ھۈنەر،ماھارەتلەرنى ئىگىلەشتىن بۇرۇن گەپنى شۇ ئىلىم،ھۈنەرنىڭ ئاتالغۇسىنى ئىگىلەشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ ،چۈنكى ،ئاتالغۇلار ئالدى بىلەن بىزگە شۇ ئىلىمنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ،شۇ جۈملىدىن،‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ››نى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا،ئالدى بىلەن ئىشنى مۇقام ئاتالغۇلىرنىڭ شەرھىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

    ‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى››دا ئۆزىگە خاس بىر قاتار مۇزىكا ئاتالغۇلىرى ئۇچرايدۇ .بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بىر بۆلىكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ۋە ئسھاق رەجەبوۋ،باتۇر ئەرشىدىنوۋ قاتارلىق مۇقامشۇناس ئالىملارنىڭ نۇپۇزلۇق كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ،لېكىن بىر بۆلىكى ھېچقانداق مۇزىكا ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغان. شۇنى ئالاھىدە ئېيتىش كىرەككى ،مۇقام ئاتالغۇلىرىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىي ئېتمولوگىيەسى ، سەۋەبلىرى،مۇزىكا مەنىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىجادكارلىرى ئۇزاق ئۆتمۈشكە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ھىچكىممۇ ئىنىق ئىيتىپ بېرىشكە قادىر بولمىسا كېرەك. شۇڭلاشقا، مۇقام ئاتالغۇلىرىنىڭ شەرتلىك مەنىسىنى‹‹ئون ئىككى مۇقام››دىكى ھازىرقى ئىپادىلىنىۋاتقان ئۇقۇم بويىچە     ئىزاھلاشقا، چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ،ئەلۋەتتە.ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››دىكى ھەر بىر مۇقامنىڭ ناملىرى بىردەك ئەرەبچە،پارىسچە ئەمەس .ئۇنىڭدا ئۇيغۇرچە،ھەتتا ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ ئۆزلەشكەن پارىسچە ۋە ئەرەبچە مۇقام ئاتالغۇلىرىمۇ مەۋجۇت .لېكىن بۇئاتالغۇلار ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇر مۇزىكا تىلىنىڭ لۇغەت بايلىقىغا سىڭىپ قوشۇلۇپ كەتكەنلىكتىن،ئەينى زاماندا ئۆز تىلىمىزغا  ئۆزلەشكەن ئاتالغۇلار دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى مۇقام ئاتالغۇلىرى مۇزىكا بەزى مۇقام ئاتالغۇلىرى دۆلەت،شەھەر،قەبىلە ناملىرى بىلەن ئاتالغان («ئىراق»،«ئىسپىھان»،«نىشاپۇر»، «ھىجاز» ،«ئەجەم» ، «بايات») بەزى ناملىرى ئادەم ئىسمى بىلەن ئاتالغان («ھۈسەينىي»، «بۇسەلىك») بەزى مۇقام ناملىرى ئومۇمىي فولكلور مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان بۇنىڭدىن باشقا، بەزى مۇقام ئاتالغۇلىرى بەزى رايونلار ، بەزى سازەندىلەر ، بەزى رىسالىلەردە باشقىچە قوللىنىلغان بەزى مۇقام ئاتالغۇلىرىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇز شەكلى زور دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن . بۇ بىزنىڭ مۇقام ئاتالغۇلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىمىزغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىۋاتىدۇ.

    مۇقام ئاتالغۇلىرنىڭ شەرھلىنىشى كونكرېت ئاتالغۇلارنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسنى بىلىشكە ياردەم بېرىپلا قالماي يەنە مۇقاملارنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشنىشمىزگە زور ياردەم بېرىدۇ.

     مۇقام ئاتالغۇسى توغرىسىدا كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بىرىپ ئۆتۈلگەن. بۇيەردە ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇقامىنىڭ باشقا ئاتالغۇلىرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلىدۇ .

    ئون ئىككى مۇقام (اون اككى مقام)onikki muqam--    ئون ئىككى پەدە دېگەن مەنىدە . ئون ئىككى مۇقام ئاتالغۇسىنى مۇنداق ئىككى مەنىدە چۈشنىشكە بولىدۇ :

1)          ئون ئىككىلىك ئاۋاز تىزمىسى ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا تۈركۈملىرى .

2)    ئەنە شۇنداق كۈيشۇناسلىق قانۇن ئاساسىدا يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى تۈركۈم مۇزىكىلىق سېكىل (مۇجەسسەم ) ئون ئىككى چوڭ ھەجىملىك مۇزىكلىق ئەسەر بۇخىل كۈيشۇناسلىق سىستېمىسى ۋە شۇ ئاساستىكى ئون ئىككى يۈرۈش ئەسەرنىڭ كېينكى تارىخىي قاتلامدىكى نامى ئەرەبچە «مقام» (مەقام) دېيىلگەن.

  ئادەتتە ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى ناخشىلارنىڭ پەدىسىنى يەنە مۇقام پەدىسى بىلەن ئاتايدىغان ھالەتلەرمۇ مەۋجۇت مەسىلەن «راك پەدىسى»،«ئۇششاق پەدىسى» «نەۋا پەدىسى» دىگەنگە ئوخشاش.شۇڭا،بىز ئون ئىككى مۇقامنى ئون ئىككى خىل پەدىدىن باشلىنىپ شۇ مىقداردىكى لاد تاۋۇشلىرىغا ماس كېلىدىغان مۇزىكا ۋە ناخشىلارنىڭ مەجمۇئەسى دەپ قارايمىز .

  مۇقاملارنىڭ ئون ئىككى بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ماقالە، كىتابلىرىدا مۇنداق ئىككى خىل چۈشەندۈرمەكتە. بىرىنچى خىلى ، ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ؛«ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئون ئىككى قىلىپ ، ئىلمىى سىستېمىغا سېلىش ھىچبىر ئاساسسىزلا قىلىنغان ئىش ئەمەس، كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئاستىرونومىيە ، كالىندارچىلىق ،سەنئەتشۇناسلىق، ،مۇزىكىشۇناسلىق ،ھەم ئېتنوگرافىيە قاتارلىق پەنلەردىكى ئومۇمىي چۈشەنچىلەرگە تايىنىپ،ئون ئىككى دېگەن ساننى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى مەلۇم .ئاسترونومىيە ۋە كالېندارچىلىق جەھەتتە ‹ئون ئىككى بۇرچ ›،‹ئون ئىككى مۈچەل›،ھەر يىلدا‹ئون ئىككى ئاي›ۋە ھەركۈندە‹ئون ئىككى چاغ› ئۇقۇملىرى؛سەنئەتشۇناسلىقتا ھەم شېئىرىيەتتە ‹ئون ئىككى رىتىم›‹ۋەزىن›، ‹ئون ئىككى› مىزان،قائىدىلىرى،مۇزىكىشۇناسلىق‹ئون ئىككى پەدە›،‹ئون ئىككى گاما›،‹ئون ئىككى تەڭشەك›ۋە باشقا ئۇسۇللار بار.ئۆرپ-ئادەت، گەپ-سۆزلەردە‹ئون ئىككى ۋاقىت يىگىرمە تۆت سائەت›،ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن‹ئون ئىككى بارماق ئۈچەي›، ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ئېتىقاد قىلغان بۇددا دىنىدا‹ئون ئىككى سەۋەب نەزەرىيەسى›ۋە باشقىلار بار .قەدىمكى كالىندارچىلار بىر كېچە-كۈندۈزنى 30 گىرادۇس ھېسابلاپ،360 نىڭ 12دىن بىرىگە تەڭ دەپ ئىزاھلىغان دېمەك ،ئوتتۇرا ئەسىر مۇزىكشۇناسلىرىمىز مۇقاملارنى رەتلەشتە ‹ئون ئىككى› لىك چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا،يىلنىڭ ئون ئىككى ئېيى ۋە ھەر كۈننىڭ ئون ئككى چېغىغا توغرىلاپ،ئون ئىككى قىلىپ بىكىتكەن.يەنە ھەر بىر مۇقامنى 30 گىرادۇسلۇق مىردىيان سىستېمىسى بويىچە 30 كۈيدىن تەركىب تاپقۇزغان. شۇنىڭ بىلەن ‹ئون ئىككى مۇقام › 360 كۈيدىن ئىبارەت بولغان دېيىلگەن قىياس بار»دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  ئۆزبىكىستانلىق ئاتاقلىق مۇقامشۇناس ئىسھاق رەجەبوۋمۇ«مۇقاملار» ناملىق نوپۇزلۇق كىتابىدا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ :«بەزى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشچە،‹ئون ئىككى مۇقام›يىلنىڭ 12بۇرچى‹ئېيى› بىلەن باغلىق بولۇپ،24 شۆبە بولسا كۈننىڭ 24 سائىتىگە باغلانغان ھالدا يارىتىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ.بۇنىڭدىن تاشقىرى، ھەر بىر مۇقامنىڭ چېلىنىش ۋاقتى بىر سوتكىنىڭ12 سائىتىگە بۆلۈپ كۆرسىتىلىدۇ. لېكىن، بۇ پىكىرلەر بۈگۈنگىچە بىر ئەپسانەسۈپىتىدە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ،بۇنىڭ تېگىدە كاتتا بىر ھەقىقەت ياتىدۇ.

    قەدىمكى ئاستىرونومىيەدە قۇياشنىڭ يىللىق ھەركەت دائىرسىدە ئون ئىككى نوقتا بەلگىلىنىپ،بۇنوقتىلارنىڭ ئارىسى بىر ئايغا توغرا كېلىدۇ،دەپ كۆرسىتىلدى.بۇ ئەرەبلەر ئىستېلاسىغىچە، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى قۇياشقا تېۋىنىدىغان،زورۇ-ئاستېر دىنى ھۆكۈمران بولغان ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدۇ.

  مۇقاملارنىڭ ئون ئىككى ئايغا تەتبىقلىنىشى ئەنە شۇ قۇياش تىزىمى ئاساسىدا بەلگىلەنگەن بۇرچلارنىڭ مۇقەددەس سانالغان دەۋرلەرنىڭ مەھسۇلى دەپ چۈشىنىش مۇمكىن». شۇ سەۋەبتىن،مەنبەلەردە كونا«ئون ئىككى مۇقام»نى12 بۇرچ بىلەن مۇنداق باغلاپ چۈشەندۇرگەن:

    بىر خىلى،«راست»-ھەمەل ئېيى بىلەن،«ئىسپىھان»-سەۋر،«ئىراق»-جەۋزا «كۈچەك»(زىرەبكەنت)-سەراتان،‹‹بۇزرۇك››-ئەسەد،‹‹ھىجاز››-سۇنبۇلە،‹‹بۇسلىك››-مىزان، «ئۇششاق»-ئەقرەب،«نەۋا»-قەۋس، «ھۈسەينىي»-جەدىي،«زەنگۈلە»-دەلۋە،«رەھاۋىي»-ھوت ئېيى بىلەن باغلىق دەپ كۆرسىتىلگەن .

  يەنە بىرخىل مەنبەدە مۇقاملار باشقىچە ئاي ناملىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈلگەن:«رەھاۋېي» –ھەمەل،«زەنگۈلە»-سەۋر،«بۇزرۇك»–جەۋزا، «ھۈسەينىي»- سەراتان،«ئۇششاق»- ئەسەد،« كۇچەك»(زىرەپكەندە) سۇنبۇلە،«راست»-مىزان«ھىجاز»-ئەقرەب،«ئىراق»- قەۋس«بۇسلىك» -جەدىي،«نەۋا»- دەلۋە،«ئىسپىھان»-ھوت.

  ئىككىنچى خىلى، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر مۇقامشۇناس باتۇر ئەرشىدىنوۋ ئۇيغۇر مۇقاملىرنىڭ 12 بۇلۇش سەۋەبىنى يۇقىرىدىكى كۆزقاراشقا ئوخشاشمىغان ھالدا مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:

  قاراخانىيلار دەۋرىدە (870 – 1213) ئۇيغۇر مۇزىكچىلىق سەنئىتىنىڭ 12 تېمپېراتسىيەلىك كۈي نەزەرىيەسى بىلەن نەغمىچىلىك ۋە چالغۇ ئەسۋابلار تۈرلىرى ماۋرا ئۇننەھىر، خۇراسان ۋە ھەتتا ھىندىستانغىچە كېڭەيگەن دەل مۇشۇ زاماندا ئۇيغۇر نەغمىچىلىك ئەنئەنىسى مۇقامچىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلدى.

ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ 12 بولۇش قائىدىسى ئەنە شۇ كۇچالىق سۇجۇپ(6-ئەسىر) نىڭ 7 ئاۋاز،12باسقۇچلۇق كۈي قانۇنىدىن قالغان مۇزىكا سېستىمىسى  بولۇپ بۇ سىستېمىنىڭ ئەبۇ نەسىر فارابى(870-950)سىستېمىسى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىش شەرق12 مۇقاملىرنىڭ تۇغۇلۇش نېگىزى ھەم سەۋەبى بولغان. فارابىنىڭ مۇزىكا تەجرىبە بىلىمى ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركي-ئۇيغۇر مۇزىكا بايلىقى ئىكەنلىكىدە شەك يوق....‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› نىڭ بىر خاسىيەتلىك يېرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى: 10- ئەسىردىن باشلانغان 12 مۇقاملىشىش دولقۇنى، 16-ئەسىردىن كېيىن خۇراسان بىلەن ماۋرائۇننەھىر ئۆلكىلىرىدە ئالتە، يەتتە، سەككىزلىششكە قاراپ ئۆزگەرگەن( قىسقارغان)بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدا 12 قېلىپىنى ساقلاپ قالغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇر نەغمىچىلىكىنىڭ قەدىمى 12 تېمپىراتسىيەلىك كۈي شەكېلىنىڭ ئۆز مىللىىي ئەنئەنىسنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن دىيىشكە بولىدۇ.



  راك (راك) rak  - بۇ ھىندىچە ئاتالغۇ بولۇپ «راگ »دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ ،مۇقام دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارالماقتا .

  راك ئاتالغۇسى ئارىلارنىڭ «رېگاۋىدا» داستانىدا تىلغا ئېلىنغانىدى. ئۇ سانسىكرىت – قەدىمكى ھىندى تىلىدا« كۈي»، مۇراسىم (ئاھاڭغا سېلىنغان نەزمىلەر دەستۇرى)،« قەسىدە»لىرى،«مۇناجات كۈيى» مەنىسىدە بولۇپ ئادەتتىكى« ئاۋاز»ئىبارىسىدىن نەغمىلىك مىلودىك مەنىدە پەرىقلىنەتتى. بۇ سۆز ھازىرمۇ سرېلانكىلىق بۇددىستلارنىڭ تىلىدا «كۈي»،« ئاھاڭ» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى مەلۇم.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق مۇتەپەككۇرى، شائىرى ئەلشىر ناۋائى(1441-1501) ھەزرەتلىرىنىڭ شىئىرلىردىمۇ«راك» ئاتالغۇسى«كۈي، مۇزىكا» مەنىلىردە ئىشلتىلگەن مەسىلەن:

    راكى ئىردىم چاڭ ئۈچۈن قىلدى سەھەرگاھ ، ئاھېكىم،

    باردى مۇترەپ نەغمەسىگە ھاسىلىن ئەۋرادىنىڭ .

    (چاڭ مۇزىكىسىغا كۈيىگە تەشنا ئىدىم سەھەردە دۇئالىرىم

    ھاسىل بولۇپ سازەندە نەغمىسىنى ئاڭلىدىم)

    ئۇيغۇرلاردا بىر پۈتۈن مۇقام نامى بولغان«راك» ئاتالغۇسى« شەش مۇقام» شۆبىلىرى تەركىبىدە «قەشقەرچە راك»،«ساقىنامي راك»،«ئۆپەر (ئۇسسۇل) راكى»،«مۇستەھزاد راك»،«سەقىلى(سوزۇلغان) راك» قاتارلىق مۇزىكا كۈيلىرگە نىسبەت قىلىنغان . ئىسپانىيە ۋە شىمالى ئافرىقا مۇقاملىردىكى مۇزىكىلار ئىچىدىمۇ«راگا ئەرەب»ناملىق كۈي ئىسمى ئۇچرايدۇ. بۇخىل نام – ئاتالغۇ ئارىيەت ئېلىش ھادىسسى يىپەك يولى ئەتراپىدىكى خەلقلەر لېكسىكىسدىكى بىر قانۇنىيەت.

   ئۆزبېك مۇقامشۇناس ئىسھاق رەجەبوۋ «مۇقاملار مەسلىسىگە دائىر» دېگەن كىتابىنڭ45-،46- بەتلىردە« رەھاۋى مۇقامى» ھەققدە توختىلىپ: ھىندىلاردا «لەلت» ياكى«لىلت» نامى بىلەن بەزىدە«رەھ»،«راھ» نامىدا قوللىنىلغان مۇقام بولۇپ، يول، قاتىنماق مەنىسىدە كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن .ئاتلىقلارنىڭ يول يۈرىشى بىلەن باغلىق «رەھاۋىي» مۇقامىنى ئىسھاق رەجەبوۋ«راك» مۇقامىنڭ يەنە بىرخىل نامى بولۇشى ئېھتىماللىقتىن بېشارەت بىرېدۇ،دەپ قارايدۇ(رەھاۋىي يەنە راھۇۋىي. دەپمۇ ئاتىلىدۇ 16- ئەسىردە ياشىغان كەۋكەبېينىڭ رىسالىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئۇ رۇم شەھەرلىردىن بىرىنىڭ نامى بولغانلىقى مەلۇم – ئا).

راك –«ئۇيغۇر 12 مۇقامى » نىڭ بىرىنچى پەدىسى، يەنى بىرىنچى مۇقام، دولان مۇقامىدا ئۈچىنچى مۇقام، تۇرپان مۇقامىدا بىرنچى مۇقام، قۇمۇل مۇقامى دا 12-مۇقام. شەش مۇقامىدا«بۇزرۇك» مۇقامىنىڭ بىر شۆبىسى. دېمەك«راك» ئاتالغۇسى قەدىمكى سانسىكرىت تىلدىن قەدىمكى ئودۇن(خوتەن) تىلىغا ئۆزلەشكەن بىر ئاتالغۇ بولۇپ،«ئاھاڭ »،«كۈي»،«مۇقام»دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .



  چەببايات(چب بيات) tfabbaejat–بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ھازىرچە مۇنداق ئۈچ خىل كۆزقاراش ھۆكۈم سۈرمەكتە:

  1) بۇ ئاتالغۇ پەقەت ئۇيغۇر خەلق مۇقاملىرى ۋە كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامدىلا ئۇچرايدۇ. بىز «ئابۇ چەشمە» سىكىلى(مۇجەسسمى) تەركىبىدە«تەۋارىخي مۇسقىيۇن»دا، مەشرەپنىڭ غەزىلىدە، دولان، تۇرپان، قومۇل خەلق نەغمىلىردە بۇ نامنى ئۇچرىتىمىز.«چەپ» ئىبارىسى ئاددىي مەنىدە«سول»،«چەپ»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «چاپ» ئاتالغۇسى-«شانۇ-شەۋكەتلىك»،«تېزلىك»دىگەن مەنىنى، يەنە شۇنداقلا«چاپقۇن»ئاتالغۇسى-«تارماقلانغان»،«ماسلاشقان»دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.«تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»دا:« بىلگ ئېتىنى چاپ،ئېتىنى بەن ئوڭ ئېرتىم»؛«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا«چاپقۇن»، «چېپىندى»،«چاپا» دېگەن سۆزلەر ئۇچىرايدۇ.بۇ سۆزلەر«چەببايات»-«چوڭ مەشھۇر بايات»،«تېز پەدە شەكلىدىكى بايات» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرشى مۇمكىن.

  2) يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشچە:«چەببايات»ئەسلىدە«چاببايات»بولۇپ،بايات بىلەن باغلىق.«چاپ» قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا«قۇدرەتلىك،ئالىي»دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.«چەببايات»،«چاپ+ بايات» شەكلىدىكى ئىككى تۈپ سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ«ئۇلۇغ خۇدا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارىماقتا.

  3)«پەنجىگاھ» مۇقامىنىڭ 5-داستان2-بېيىتى:

  «سەنى ياد ئەيلەبان مۇڭلۇغ كۆڭۈللەر ئەسرۇ مەھزۇندۇر،

  كى سەن ھەم ياد ئەتىپ تۈز«چەببەياد»ىڭ،بولما بىگانە.

  يەشمىسى:

  «سېنى ياد ئېتىپ مۇڭلۇق كۆڭۈللەر ناھايىتى غەمكىن بولدى،

   سەنمۇ سازىڭنى«چەببەياد» مۇقامىغا تۈز،ئۇنداق ياتلىشىپ كەتمە»بولسا، بىز ھازىر«چەببەيات»دەپ ئىشلىتىۋاتقان 2- مۇقام ئىسمىنىڭ سۆز تۈپى ئەسلىدە«ئەسلەش»مەنىدىكى«بياد،بەياد»كەلىمىسى بولۇپ«چەببەيات»نىڭ ئەسلىي شەكلىنىڭ«چەببەياد»ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ«شەب بەياد» بىرىكمىسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن«كېچىدە ئەسلەش» ئۇقۇمىدىكى سۆز ئىكەنلىكىگە ئىما قىلىپ تۇرىدۇ.«چەببايات»ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئىككىنچى پەدىسى،يەنى ئىككىنچى مۇقام.

  سىگاھ(سەگاە sigah) –بۇ ئاتالغۇ پارسچە بولۇپ مەنىسى «ئۈچىنچى ئورۇن» دېگەندىن ئىبارەت .ئون ئىككى مۇقام ئىچىدە ئۈچىنچى پەدە. كونا ئون ئىككى مۇقامنىڭ شۆبىسى تەرىقىسدە ئۇچرايدۇ. بۇ مۇقام ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تىزىملىكىدە ئۈچىنچى مۇقام بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .

    ئىسھاق رەجەبوۋ«مۇقاملار مەسىلىسىگە دائىر» ناملىق كىتابىنىڭ 61-بېتىدە: سەگاھ«ئىراننىڭ سېستان‹ساكىستان› ۋىلايىتىدىكى زابولى شەھىرى نامىغا ئاتالغان ئۈچ پاغىينىلىق لاد بولغانلىقى ئۈچۈن سىگاھ نامى بىلەن نامى مەشھۇر» دەپ قارايدۇ.

چەھەرگاھ(چھارگاە)-بۇ ئاتالغۇ پارسچە بولۇپ،تۆتىنچى ئورۇن«تۆت ۋاقىت»دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.ئۇ ئون ئىككى مۇقاملار سىستېمىسىدا تۆتىنچى پەدىنى،يەنى تۆتىنچى مۇقامنى بىلدۈرىدۇ.«شەش»مۇقام سىستېمىسىدا بولسا،«دۇگاھ»مۇقام شۆبىلىرىنىڭ بىرى،يەنى تۆت باسقۇچلۇق تاۋۇش قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان ناخشىلار تۈركۈمى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.دولان،تۇرپان ۋە قومۇل مۇقاملىرىدىمۇ بۇ ئاتالغۇ ئۇچرايدۇ.

  پەنجىگاھ(پنجگاە)-پارسچە ئاتالغۇ بولۇپ،«بەشىنچى ئورۇن».«بەش ۋاقىت»دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.ئۇ ئون ئىككى مۇقاملار سىستېمىسىدا بەشىنچى پەدە،بەشىنچى مۇقام،شۇنداقلا بەزى مۇقاملاردىكى بەش باسقۇچلۇق شۆبە نامى،«تۇرپان مۇقامى»دا بەشىنچى مۇقام.

  تەتقىقاتچىلاردىن بەزىلىرى«سىگاھ»،«چەھەرگاھ»،«پەنجىگاھ»مۇقاملىرىنىڭ ناملىرى ئۇد،تەنبۇر دەستىسىدىكى پەدە ئورۇنلىرىدىن ئېلىنغانلىقى ئېنىق دېگۈچىلەرمۇ بار.

  يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار مۇقەددەس كىتاپ«ئاۋېستا»نىڭ تاشكەنت 2001-يىلى ئۆزبېكچە نەشرىنىڭ 302-بېتىدە:«‹گاھلار›‹ئاۋېستا›نىڭ ئەڭ قەدىمىي بۆلەكلىرىدىن بىرى ياكى زەردوشتنىڭ بەشلىك قوشاقلىرى،‹ئاۋېستا›دا ‹گاسا›‹GASA›,پەھلىۋى تىلىدا‹گاس›‹GAS›،فارىسىدا‹گاھ›‹GAH›شەكلىدە قوللىنىلىدۇ.مەنىسى قوشاق،زەردوشتنىڭ بەشلىك قوشاقلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان...‹گاھ›شەرق كىلاسسىك مۇزىكا سەنئىتىدىمۇ قوللىنىلىدۇ.مەسىلەن،‹دۇگاھ›،‹سەگاھ›،‹چارىگاھ›قاتارلىقلار دېگەن ئىزاھاتقا ئاساسلىنىپ،مۇقاملاردا ئۇچرايدىغان‹گاھ›سۆزى‹قوشاق›دېگەن مەنىدە بولسا ئۇ ھالدا ئون ئىككى مۇقام تەركىبىدىكى‹سەگاھ›،‹چەرىگاھ›،‹پەنجىگاھ›مۇقاملىرى يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك،‹سەگاھ-ئۈچ قوشاق›،‹چەرىگاھ-تۆت قوشاق›،‹پەنجىگاھ-بەش قوشاق›دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپلا قالماي،يەنە‹ئۈچىنچى قوشاق،تۆتىنچى قوشاق،بەشىنچى قوشاق›دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈش مۇمكىنغۇ؟» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دېمەك،پارسچىدىكى«گاھ»سۆزى«ئورۇن،جاي،ۋاقىت،دەرىجە»دىگەن مەنىلەردىن باشقا يەنە مۇزىكىغا خاس بولغان ئاۋاز ئورنى(音调) نى بىلدۈرىدۇ.

     ئۆزھال-¢zhal بۇ ئاتالغۇنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ۋە بىلدۈرگەن مەنىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇت ؛

     1)ئۆزھال دېگەن ئاتالغۇ ئەرەبچە بولۇپ ئۇ ‹‹ئۆزسال ›› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى بولۇپ «تۆۋەنگە چۈشۈش »،«بوشىتىش»،« سەكرەش» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ كونا شەرق ئون ئىككى  مۇقاملار سىستېمىسدىكى بىر شۆبىنىڭ نامى بولغان ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇقامىدا ئالتىنچى مۇقامنىڭ نامى .

     2)ئۆزھال-ئۇز زال-«ئەۋج» ئىبارىسىنىڭ ئەكسىچە تاۋۇش ھەرىكىتىنىڭ بىردىن پەسىيىپ سوزۇلۇشى،يېيىلىشى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

     3)ئۆزھال- قەدىمكى مۇقام تېكىستلىردە «ئۆزخال» دەپ يېزىلغان بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۇز ‹گۈزەل› »سۆزى بىلەن ئەرەب پارس تىلىدىكى «ھال – ھال‹ كەيپىيات ،ھالەت›» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ بىر مۇقام سۈپىتىدە« گۈزەل كەيپىياتلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاتالغۇ دولان ۋە قومۇل مۇقاملىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ.

      ئەجەم aedzaem بۇ ئاتالغۇ ئەرەبچە بولۇپ «ئەرەبلەردىن تاشقىرى ‹باشقا› خەلقلەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «ئوكيانۇس. تۈركچە سۆزلۈك »ناملىق كىتابنىڭ 6- بېتىدە ئەجەمنىڭ« ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمانلارنى، خۇسۇسەن تۈركىي رايون ۋە خەلقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان». شۇنداقلا يەنە مۇزىكىدا E«مى» گامماسىدىن باشلىندىغان جۇشقۇن تۈركىي مۇقام ئىكەنلىكى يېزىلغان بۇ مۇقام «غىياسۇل لۇغەت » تە تىلغا ئېلىنغان. ئەلىشىر نەۋائى، بابارەھىم مەشرەپنىڭ شېئىرلىرى «تەۋارىخىي مۇسقىيۇن»؛ كىلاسسىك ئون ئىككى  مۇقامدا تىلغا ئېلىنغان ئاساسلىق مۇقاملارنىڭ بىرى، شەش مۇقامىدا بولسا سىگاھ مۇقامنىڭ بىر شۆبىسى. ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇقامىدا بولسا يەتتىنچى مۇقامنى كۆرسىتىدۇ.  

      ئۇششاق - بۇئاتالغۇ ئەرەبچە بولۇپ، «ئاشىقلار» دېگەن مەنىدىكى سۆز، مۇزىكىدا لىرىك كۈيلەرگە قارىتىلغان. شەرق مۇزىكا ئالىملىرى «ئۇششاق» نى ئەڭ قەدىمكى، بەلكى دەسلەپكى لىرىك مىلودىك تۈركۈم بولىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇنى بەزىلەر «مۇقاملارنىڭ ئانىسى» دەپمۇ ھېسابلىشىدۇ.ئىسھاق رەجەبوۋ «مۇقاملار مەسىلىسىگە دائىر» ناملىق كىتابىنىڭ 119-،130- بەتلىرىدە ئۇششاق مۇقامىنى «راست» مۇقامىغا يېقىن، ھەتتا ماس كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

     ئۇششاق مۇقامنىڭ كۈيلىرىنى نوقۇل سوپىزملىق «ئىشقى- ئىلاھىيە» ۋەرەقىسى- ساماغا باغلاپ ئىزاھلاش، ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مۇھەببەت، ئىستەك، قىزغىنلىق روھىيىتى ۋە ئىشقى- لىرىك قوشاق ۋە نەغمە ئۇسسۇللىرىدىن ئايرىپ قارىغانلىق بولىدۇ.  «ئۇششاق» مۇقاملىرى ھەرقايسى مۇقام تىپلىرىدا بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن روشەن. ئىشقى تېكىستلىرى مەنىسىدە سۆزلەشكە توغرا كەلسە، خەلق مەشرەپ مۇقاملىرى ئاساسەن ئىشقى لىرىكىلىققا تىپىك ئۈلگە بولالايدۇ. «ئۇششاق»- كونا ئون ئىككى مۇقاملار سىستېمىسىدىكى بىرىنچى مۇقامنىڭ نامى. «شەش مۇقامى» دا بولسا، «راست» مۇقامىنىڭ بىر شۆبىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇقامىدا سەككىزىنچى مۇقامنىڭ نامى «تۇرپان مۇقامى» دا ئالتىنچى مۇقام نامى.

      بايات –(بيات)bajat– بايات ئۇيغۇرچە يازما مەنبەلەردە، جۈملىدىن «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»،« ئەتەبەتۇل ھەقايىق» قاتارلىق كىتابلاردا مۇنداق ئىككى مەنىدە ئىشلىتىلگەن.«بايات»-تەڭرى ۋە ئوغۇزلارنىڭ بىر قەبىلىسى نامىدا تىلغا ئېلىنغان.«قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى»دە بولسا«بايات»نى:ئوغۇزلارنىڭ ئارغۇ قەبىلىسىنىڭ ئىلاھىيەتنى ئاتاش نامى دەپ كۆرسەتكەن.«بايات مۇقامى»-ئوغۇز،ئارغۇ قەبىلىسىنىڭ نامىغا نىسبەتەن قىلىنغان بولۇپ،يەرلىك مۇزىكىلىق ئەنئەنە ئاساسىدا سىستېمىلاشتۇرۇلغان.

     «بايات مۇقامى»-ئۇيغۇر خەلق مۇقاملىرىدىن دولان،تۇرپان مۇقاملىرى،كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقام تىزىملىكى،ئەلىشىر نەۋائى ۋە بابا رەھىم مەشرەپ غەزەللىرىدە ئۇچرايدۇ.مۆجىزىنىڭ«تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن»كىتابىدىمۇ بۇ ئاتالغۇ ئۇچرايدۇ.«شەش مۇقامى»دا«نەۋا»مۇقامىنىڭ بىر شۆبىسى تەرىزىدە ئۇچرايدۇ.پەرغانە شەش مۇقامىنىڭ بىرىنچى مۇقامى.ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇقاملار تىزىملىكىدە بولسا توققۇزىنچى مۇقامنىڭ نامى.

     نەۋا(نوا)naewa–بۇ ئاتالغۇ پارسچە بولۇپ، «ناخشا»، «كۈي»،«ئاھاڭ»،«مۇزىكا»،«مۇڭلۇق كۈي»،«رىتىملىق مىلودىيە»دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.«نەۋا»-تۆمۈرلەر دەۋرى(1370-1507)ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رىسالىلەردە،«غىياسۇل لۇغەت»،ئەلىشىر نەۋائى،بابا رەھىم مەشرەپنىڭ غەزەللىرى،مۆجىزىنىڭ ئەسىرى،تۇرپان خەلق مەشرەپ مۇقاملىرى؛كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقام،شەش،ئەزەربەيجان،ئىرانمۇقاملىرىتەركىبىدە تىلغا ئېلىنغان.

     «نەۋا» ئاتالغۇسى ماۋرائۇننەھردىكى سوغدىلار ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ ئۆزلەشكەن ئاتالغۇ بولۇپ،قاراخانىيلار،چاغاتاي خانلىقى دەۋرلىرىدە ئىستېمالغا كىرگەن بولۇشى مۇمكىن.«نەۋا مۇقامى» كونا«ئون ئىككى مۇقام»دا ئىككىنچى مۇقام،«شەش مۇقامى» دا ئۈچىنچى مۇقام،ئۇيغۇر كىلاسسىك«ئون ئىككى مۇقامى»دا بولسا ئونىنچى مۇقامنىڭ نامى.

مۇشاۋەرەك(مشاويرك)-بۇ ئاتالغۇ ئەرەبچە بولۇپ،بۇ ئاتالغۇنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ۋە لۇغەت مەنىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قاراشلار مەۋجۇت

1)«مۇشاۋەرەك»ئەرەبچە سۆز بولۇپ ،«كېڭىشىش» ،«مەسلىھەتلىشىش»،«مەسلىھەتچى»دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

2)«مۇشاۋەرەك»-ئىبارىسىدە يەنىلا«رەك»(راك)ئاساسىي ھالقا بولۇپ،«مۇشاۋى»،«مۇشەۋۇي»ئىبارىسىنى بۇزۇلمىغان ئەينەن ئەرەب-پارسچە سۆز بىلىپ،ئۇنى«مۇشاۋۇر»(مەسلىھەتچى)،«مۇشاھىد»(كەڭلىك)،«مۇشابىھ»(ئوخشاشلىق)قاتارلىق مەنىلەر بىلەن ئىزاھلاش ئىلمى بولماي قالىدۇ.بۇ«مۇشاۋرەك»ئىبارىسىدە«رەك»تىن ئىلگىرىكى فونېما بۇزۇلغان بولۇشى ئېھتىمال.«مۇشاۋرەك»راكنى چۆرىدىگەن بىر تەقلىدىي لاد تىزمىسىغا قارىتىلغان بولۇشى ئېھتىمال.

3)«مۇشاۋەرەك »-مەزكۇر مۇقامنىڭ نامى بىرئاز مۇرەككەپ بولۇپ،بۇ مۇقامنىڭ ئەسلىي نامى-«مۇش+ئاب+راك»دىگەن ئۈچ سۆزدىن تەركىب تاپقان ئاتالغۇبولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى«مۇش»پارسچە ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى«نۇش»(ئىچىش)نىڭ ئېغىز تىلىدىكى ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن،«ئاب»پارسچە ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى«سۇ»پوئىتىك-شېئىرىي مەنىدە«شاراب» ،«مەي»دىمەكتۇر.«راك»يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك،«ئاھاڭ»،«كۈي» مەنىسىدە بولۇپ،«مۇشاۋەرەك»ئاتالغۇسى«نۇش+ئاب+راك»تەركىبلىرىدىن تەشكىل تاپقان.«مەي-شاراب ئىچىش كۈيى»دېگەن مەنىگە ئىگە.

4)«پەنجىگاھ»مۇقامىنىڭ5-داستانىدىكى:

بۇ بەزىم ئەھلىگە غەفلەت لەشكەرى يەغما تەرەننۇمدۇر،

كەرەك«نەشئاۋەرەك»تىغى بىلەن جەۋلانى مەردانە.

يەشمىسى:

بۇ بەزمىدىكىلەرگە غەپلەت لەشكىرى ھۇجۇم قىلسا،

«نەشئاۋەرەك»(مۇشاۋەرەك)تىغىنى كۆتۈرۈپ،مەردانە جەۋلان قىلىش كېرەك،دېگەن بۇ 8-بېيىتنىڭ ئىزاھلىنىشى بويىچە ئېيتقاندا،بۈگۈن بىز«مۇشاۋەرەك»دەپ ئىشلىتىۋاتقان مۇقامنىڭ ئىسمى ئەسلىدە ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان«نىشئەۋرك»(نەشئەۋەرەك،نەشئاۋەرەك)كەلىمىسى بولۇپ،ئۇنىڭ مەنىسى«خاتىمە قىسمىدىكى ھاياجان،ئاخىرقى شادلىق،تۈگۈنچە قىسمىدىكى خۇشاللىق»دېگەن بولىدۇ.

«مۇشاۋەرەك»مۇقامىنىڭ نامى پەقەت ئۇيغۇر خەلق مەشرەپ مۇقاملىرى ۋە كىلاسسىك«ئون ئىككى مۇقام»لاردا ئىزچىل ساقلانغان.بۇ مۇقامنىڭ نامى باشقا تۈركىي،پارس مۇقاملار تىزىملىكىدە پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان.مەشرەپ:«ئارالاپ چالسام ئۇششاقنى،غەزەلنى راكقا يەتكۈزسەم،شەبىستانۇ سەھەرلەردە مۇشاۋەرەك،پەنجىگاھ چالسام»دەپ تىلغا ئالغان.

ئىراق(غراق)iraq-بۇ مۇقامنىڭ نامى تۇرپان،قومۇل مۇقامىدا،كىلاسسىك«ئون ئىككى مۇقام»،«غىياسۇل لۇغەت»ۋە مۇقام ھەققىدىكى رىسالىلەر ئەلىشىر نەۋائىنىڭ غەزەللىرىدە،«شەش مۇقامى»دا بىردەك تىلغا ئېلىنغان.بۇ يەردىكى«ئىراق»-ئىراق دىيارىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ،ئۇ ھېچقاچان مېلودىك كۈي شەكلى ئىراق-ئەرەپ كۈيى دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ.ئىسھاق رەجەبوۋ «مۇقاملار مەسىلىسىگە دائىر» ناملىق كىتابىنىڭ 273-بېتىدە: «چۆل ئىراق»خۇددى«مۈشكۈلات»،«ئەشۋاي» كۈيلىرىدەك مۇقام ئۆلچىمىگە ئىگە پارچە ئەلنەغمىلەر دەپ،«ئىراق مۇقامى»دىن پەرقلەندۈرىدۇ. چۈنكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە يەرلىك مۇقاملىرى شۇ مىللەت ۋە شۇ يەرنىڭ خەلق مۇزىكا شېۋىسىنى ئاساسىي كۈي ۋە بىردىنبىر مەنبە قىلىش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.بۇ مۇقاملارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا، «ئىراق»نىڭ ۋە باشقا مۇقاملارنىڭ شەكىللىنىشىدە بۇ شەرتنى زادىلا ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك،يىپەك يولى بويىدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئۆزئارا ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش بىر ئورتاق قانۇنىيەت.«ئىراق» شەش مۇقام سىستېمىسىدا ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامىدا ئون ئىككىنچى مۇقامنىڭ نامى«قومۇل مۇقامى»دا ئون بىرىنچى مۇقام،«تۇرپان مۇقامى»دا توققۇزىنچى مۇقام.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار