يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىسى كېكەچ ئاتا-ئا
بالىڭىزغا «يىڭناسقۇ
بالىلارنى نابۇت قىلى
يېمەكلىك ئارقىلىق با
سەرگەردان بالىلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇش ئۆز ئارا ‹‹قول تۇتۇشۇش›› قا باغلىق
سەرگەردانلار جەمئىيەتتىكى ئاجىزلار توپى بولۇپ، ئۇلار كوچا دوقمۇشلىرىدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتى تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. ئۇلار ئاسانلا يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ئېزىقتۇرىدىغان ۋە پايدىلىنىدىغان نىشانىغا ئايلىنىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىپ، دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئامان بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلار خىزمىتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.
2003 – يىلى 1 – ئاۋغۇست گوۋۇيۈەن ‹‹شەھەردىكى پاناھسىز سەرگەردان، تىلەمچىلەرنى پاناھلاندۇرۇش، باشقۇرۇش چارىسى›› نى يولغا قويغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشكىللىشى، رەھبەرلىك قىلىشى ۋە زىچ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاناھلاندۇرۇش، باشقۇرۇش خىزمىتى پەيدىنپەي قېلىپلاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پاناھلاندۇرۇش، قوغداش ئاپپاراتلىرىمۇ سەرگەردان بالىلارنى ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، پاناھلاندۇرۇلغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تۇرمۇش، بىلىم ئېلىش، باشقۇرۇلۇش، يۇرتىغا قايتۇرۇلۇش ۋە ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، مەدەنىيەت بىلىملىرى تەربىيەسى بېرىشكە، كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى. 2011 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان ‹‹ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىش›› ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇپ باشقۇرۇش پونكىتى ئۆلكە – شەھەرلەر بىلەن ماسلىشىپ، شۇ يەردىكى بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارغا قارىتا ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
مانا مۇشۇنداق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتقان چاغدا، بۇ يىل 31 – ماي، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئون تارماق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سەرگەردان بولۇش، تىلەمچىلىك قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش ئۈچۈن ‹‹بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىش›› باش تېما قىلىنغان ‹‹سەرگەردان بالىلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش›› مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى.
بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى مۇنداق دېدى: بىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، جايلاردىن سەرگەردان بالىلارنى تەربىيە ئارقىلىق تۈزەش ۋە مەنبەدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپ قوينىغا ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلىپ، جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئىشلەۋاتىمىز. بۇ خىزمەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى قۇرامىغا يەتمىگەن ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە قايتىپ قايتا ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش، مائارىپ خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، ئەخلاق، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، توغرا كىشىلىك دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش جەھەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلار خىزمىتى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك، پاراۋانلىق ۋە باشقۇرۇش خاراكتېرلىك خىزمەت بولۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىقى، سىياسەتچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك. شۇڭا قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئالاقىدار قانۇن، قائىدە – نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق تۇتۇپ بىرلىكتە باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قايتىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىش زۆرۈر.
ئاپتونوم رايونلۇق پاناھلاندۇرۇپ باشقۇرۇش پونكىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بارى ھوشۇر مۇنداق دېدى: قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلار خىزمىتى چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مۇرەككەپ خىزمەت. سەرگەردانلار بالىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئۆيىدىن ئايرىلىپ قېلىش سەۋەبلىرى تۈرلۈك بولىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرىمىز. 2005 – يىلى، 2006 – يىللىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يىلىغا 5000 دىن 6000غىچە شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كەلدۇق. تەربىيەلىنىشى زۆرۈر بولغان بالىلارنى شىنجاڭ ئىشلەپ ئوقۇش مەكتىپىگە ئىككى يىللىق تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتۇق. نوپۇسى ئۈرۈمچىدە بولمىغان، ئىگە – چاقىسىز، ئاجىز بالىلارنى شىخەنزىدىكى ئۆسمۈر بالىلار ساناتورىيەسىگە ئەۋەتتۇق. يۇرتىغا قايتقان بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئۇزاق ئۆتمەي، يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېتىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلدى. يېزىلاردىكى ياقا يۇرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنىڭ نىسبىتى %2تىن ئېشىپ كەتسە، شۇ يېزىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىدە لاياقەتسىز باھالاش شەكلىنى قوللاندۇق.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىكى بىر خادىم مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىللاردىن بۇيان ھەر مىللەت ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ھالدا ياش – ئۆسمۈرلەر كوللېكتىپىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى. بۇ ھازىرقى ‹‹ئەل رازى قۇرۇلۇشى››، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ‹‹ئۈمىد قۇرۇلۇشى›› ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ كونكرېت ناماياندىسى، شۇنداقلا ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئاساسى. شۇڭا بۇ خىزمەتنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە جىددىيلىكىنى تونۇپ، ماسلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق، نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تىرىشىمىز.
سەرگەردان بالىلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇش خىزمىتى ھەم شەرەپلىك ھەم جاپالىق خىزمەت. سەرگەردان بالىلار ئوخشاش بولمىغان ياشلاردا بولۇپ، كىچىكلىرى ئالتە ياش ئەتراپىدىكى سەبىيلەردۇر. ئاق – قارىنى تولۇق تونۇپ يېتەلمىگەن، سەبىيلىكى، نادانلىقى ۋە ئائىلىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى يۇرتىدىن ئايرىلىپ، باشقا يۇرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بۇ بالىلارنى ھالاكەت يولىدىن قۇتقۇزۇش، ئۇلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ، كەلگۈسىگە يېشىل چىراغ يېقىش تولىمۇ زۆرۈر. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇنىڭغا تەڭ ئاۋاز قوشۇپ، تەڭ كۈچ چىقارغاندا بۇ خىزمەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.