ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىسى كېكەچ ئاتا-ئا بالىڭىزغا «يىڭناسقۇ بالىلارنى نابۇت قىلى يېمەكلىك ئارقىلىق با

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > ساۋات > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنى نابۇت قىلىش خەۋپى بار نەرسىلەرنى تونۇۋېلىڭ

ۋاقىت : 2015-04-09 14:40 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
بالىلارنى نابۇت قىلىش خەۋپى بار نەرسىلەرنى تونۇۋېلىڭ

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە نىسبەتەن خەتىرى يوق كۆرۈنىدىغان نەرسىلەر بالىلارغا نىسبەتەن خېيىم-خەتەر ئىلىپ كېلىشى، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. مەسىلەن، پوسمىلىق مايكا، ئۇزۇن شارپا، لازېر نۇرلۇق قەلەم، ئېلاستىكلىق سەكرەش كارىۋىتى، مېۋە ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلار.
بۇ نەرسىلەرنىڭ خەتىرى زادى قەيەردە؟ تۆۋەندە ئۇلار بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

پوسمىلىق مايكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يىپتىن ھەزەر ئەيلەڭ
)$K4DTO)3P9}]T5Y_VBD51C.png
 
 

پوسمىلىق مايكىنى ھەممە بالىلار كىيىپ باققان، ئۇنىڭ خەتىرى زادى قەيەردە؟ پوسمىلىق مايكىنىڭ خەتىرى دەل ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تارتما يىپىدا.
ئامېرىكا قانۇنىدا، ئىككى ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۈستى كىيمىدە ھەرگىز تارتما يىپ بولماسلىق دەپ بەلگىلەنگەن. چۈنكى تارتما يىپ بالىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئىلىپ كېلىدىكەن، تارتما يىپ بىرەر نەرسىگە قىسىلىپ قالسا، بالىلارنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.
2011 - يىلى، جياڭشى ئۆلكىسىدىكى ئۈچ ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ پوسمىلىق مايكىسىدىكى تارتما يىپىنىڭ بىر تەرىپى سىيرىلغۇچقا قىسىلىپ قېلىپ، يەنە بىر تەرىپى بالىنىڭ بوينىنى قىسىپ ئۇنىڭ نەق مەيداندا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان.
2013 - يىلى 9 - ئايدا، خېنەن تەيكاڭ ناھىيەسىدىكى ئۈچ ياشلىق ئوغۇل، بالىلار باغچىسىدا سىيرىلغۇچ ئويناۋېتىپ ئۆلۈپ قالغان، سەۋەبچىسى يەنىلا شۇ تارتما يىپ...
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1.        بالىلارغا تارتما يىپى بار كىيىملەرنى ئېلىپ بەرمەسلىك، ئەگەردە ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز، يىپنىڭ سىرتقا چىقىپ تۇرىدىغان يېرى 14 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
2.         بالىلار كىيىمدىكى تارتما يىپنى مۇقىم قىلىپ قويۇشى، ھەممىسىنى تارتىپ چىقىرالايدىغان قىلىپ قويماسلىقى كېرەك. بالىلار كىيىمى سىرتىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق يىپلارنى چىگىپ قويماسلىقى، ئېلاستىكلىققا ئىگە يىپ ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. بىر تەرىپىدە چىقىپ تۇرىدىغان ئۇزۇنلۇق 7. 5 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئىسسىقلىق ساقلايدىغان نەرسىلەرنىڭ قىسقا، كىچىك، يەڭگىل بولغان نۇسخىسىنى تاللاڭ
LYVDA{6K1EOUOVVB_$U7BW7.png
 
 

ھاۋا سوۋۇغان ۋاقىتلاردا بالىلارغا شارپا تاقاپ سىرتقا چىقىرىمىز. چىيەنجىياڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىر بالا موتورلۇق ۋېلىسپىتقا ئولتۇرغان ۋاقىتتا، شارپا ئۇزۇن بولغانلىقتىن موتورلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ چاقىغا ئورۇلۇپ قېلىپ، بوينى سۇنۇپ، پۈتۈن بەدىنى مېيىپ بولغان.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1.        شارپا قاتارلىق ئىسسىق ساقلايدىغان نەرسىلەرنى تاللىغان ۋاقىتتا، ئاۋۋال قىسقا، كىچىك، يەڭگىل بولغانلىرىنى تاللاش، شارپا تاقىغان ۋاقىتتا ئىككى تەرىپىنى چاپاننىڭ ئىچىگە تىقىۋېتىش ياكى مۇقۇملاشتۇرۇۋېتىش كېرەك. ئەگەر شارپا بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، بىر نەچچىنى ئارتۇق ئوراپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
2.        يول يۈرگەندە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى سىيرىلما لېفىتقا چىققاندا شارپىنىڭ چاققا يۆگىلىپ قېلىشىنىڭ ياكى ئارىلىقىغا قىسىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش.
3.        ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بەك ئۇزۇن شارپا تاقاپ قويماسلىقى، بالىلار سىيرىلغۇچ ئوينىغان، لېفىتقا چىققان ياكى ۋېلىسىپىتكە ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا شارپىسىنى چاپاننىڭ ئىچىگە تىقىپ، قولتۇقىنىڭ ئاستىغىچە ئاپىرىپ مۇقۇملاشتۇرۇۋېتىشى كېرەك ئىكەن.

لازېر نۇرلۇق قەلەمنى ھەرگىز كۆزىگە قارىتىپ قالماڭ، بولمىسا قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ
%3I%N]MPERS4D_VK@}EY%9R.png
 

تاراتقۇلار خەۋەر قىلىشىچە، جېجياڭ شاۋشىننىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى كىچىك بىر ئوغۇل بالىنىڭ كۆزىگە ساۋاقدىشى يېڭى ئالغان لازېر نۇرلۇق قەلىمىنى 20 سېكۇنت ئەتراپىدا ياققان. بىر نەچچە كۈن مابەينىدە ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، نەرسىلەرنى تۇتۇق كۆرىدىغان بولۇپ قالغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بالىنىڭ ئوڭ كۆزىنىڭ سېرىق داغ رايونى كۆيۈپ جاراھەتلەنگەنلىكىنى بايقىغان، ئوڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 0. 1 گە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، سول كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى نورمال بولۇپ، 1. 0 ئىكەن.
ئادەتتىكى چىراغ ۋە قول چىراغ نۇرىنىڭ كۈچى ئوخشاش بولمايدۇ، لازېر نۇرلۇق قەلەمنىڭ نۇرى پاراللېل بولۇپ، يىراققا چۈشۈرگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا چېچىلىشى ئاز، بۇنىڭدىن بىر بىرلىك يۈزى ئىچىدىكى ئېنېرگىيە ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
سېرىق داغ رايونى كۆرۈش تور پەردىسى پىگمېنتىنىڭ توپلاشقان رايونى بولۇپ، لازېر نۇرنى ناھايىتى ئاسان سۈمۈرىدۇ. سېرىق داغ كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆرۈش ئىقتىدارى ئەڭ سەزگۈر رايون بولۇپ، كۆرۈش سەزگۈسى بىلەن رەڭ سەزگۈسى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كۆرۈش پىرامىدا ھۈجەيرىسى دەل مۇشۇ رايونغا تارقالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، سېرىق داغ رايونىغا بىرەر كېلىشمەسلىك بولغان ھامان مەركىزى كۆرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، نەرسىلەرنى تۇتۇق كۆرىدۇ ۋە شەكلىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ .

مەملىكەتلىك باش ئىدارىسى «لازېر نۇرلۇق قەلەم، ئويۇنچۇق تاپانچا قاتارلىق مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك خېيىم-خەتەر ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ئىستېمال كۆرسەتمىسى» نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا بالىلارنىڭ لازېر نۇرلۇق قەلەمنى ئويۇنچۇق تاپانچا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئىستېمالچىلارنىڭ لازېر نۇرلۇق قەلەمنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا نۇرىنى كۆز، تېرە ۋە كىيىم-كېچەككە چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1.        مۇتەخەسسىسلەر ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى توغرا يېتەكلەپ، لازېر نۇرلۇق قەلەمنىڭ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن يوشۇرۇن تەھدىت ئىكەنلىكىنى تونۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
2.        ئىشخانىدا ياكى ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان لازېر نۇرلۇق قەلەمنى بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەرگە قويۇش لازىم.

بالىلارغا ئېلاستىكلىق سەكرەش كارۋېتىنى ئويناتماڭ، بۇنىڭدا بالىلارنىڭ يارىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى
ZL}$%T1F34AKL~C)Z2L6`AG.png 
 
 
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى ھەر يىللىق جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنغان كېسەل تارىخىدا ئېلاستىكىلىق سەكرەش كارۋىتىدا زەخىملەنگەن بالىلارنىڭ سانى 92 مىڭغا يەتكەن.     
2012 - يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، چۇڭچىڭ ۋاقىتلىق گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۆت ياشلىق بالا ئېلاستىكلىق سەكرەش كارۋىتىدا سەكرەپ بولغاندىن كېيىنلا «پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى» دەپ ۋارقىراپ كەتكەن، دوختۇر تەكشۈرۈپ ئۇ بالىنىڭ تىزىنىڭ ئاستىدىكى سۆڭەك زەخمىلەنگەنلىكىنى ئېيتقان.
2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەيشىيا باشلامچى گېزىتىدىن خەۋەر قىلىنىشىچە، باغچىدىكى ئېلاستىكلىق سەكرەش كارۋىتىدا ئويناۋېتىپ قولىنى سۇندۇرۇۋالغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى، بالىسىنىڭ قولىنى باشقا بالىلار دەسسەپ سۇندۇرۇۋەتكەن دەپ گۇمان قىلغان.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
مۇتەخەسسىسلەر ئېلاستىكلىق سەكرەش كارىۋىتىنىڭ بالىلارنىڭ زەخىملىنىشىگە يوشۇرۇن خەۋپى بار، بولۇپمۇ بالىنىڭ بىلەك، پۇت، بويۇن قىسىملىرى زەخىملىنىشى، ھەتتا بوينى زەخىملىنىپ پالەچ بولۇپ قېلىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى.
ئېلاستىكلىق سەكرەش كارىۋىتىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە قوغداش تورى بولسىمۇ، خەتەرنى كىچىكلىتەلمەيدۇ. گىمناستىكا تەنھەركەتچىلىرى ۋە غەۋۋاسلار پەقەت ترېنېرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا مەشىق قىلىدۇ، ۋە شۇ ئارقىلىق خەتەرنى ئازايتىدۇ.

بالىلارغا مېۋە ئۇيۇتمىسى بەرمەڭ، بۇ بىر ئاددىي ساۋات
{EBP$R%OJQ~U]2@Q}KQ2326.png
 

مېۋە ئۇيۇتمىسىنى ھەممە كىچىك بالىلار ياخشى كۆرىدۇ، بىراق بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسىنى يەۋاتقان ۋاقىتتا گېلىغا تۇرۇپ قېلىپ، مېڭىسىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي ھوشىدىن كېتىدىغان ئەھۋاللارنى جىق كۆردۇق.
2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى ياشلىق ئوغۇل بالا مېۋە ئۇيۇتمىسى يەۋاتقاندا گېلىغا تۇرۇپ قالغان ۋە بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئايروپىلان جىددىي يەرگە قونغان.
2015 - يىلى 3 - ئايدا، نەننىڭ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توققۇز ياشلىق ئوغۇل بالا مېۋە ئۇيۇتمىسى گېلىغا قاپلىشىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
مۇتەخەسسىسلەر بالىلار يۇتقۇنچاق قىسىمىنىڭ تولۇق تەرەققىي قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك مېۋە ئۇيۇتمىسىنى يېگەن ۋاقىتتا ئاسانلا قاپلىشىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
1.        بالىلار ئامال بار مېۋە ئۇيۇتمىسىنى يېمەسلىك، ئەگەر ئاتا-ئانىلار چوقۇم بەرمىسەك بولمايدۇ دېسە، ئۇنى ئېزىپ بېرىش، ئۆزى يالغۇز ئىستېمال قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك .
2.        بالىنىڭ گېلىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالسا، تېخى ھوشىدىن كەتمىگەن ۋاقىتتا، بالىنى ئۆرۈپ، بېشىنى تۆۋەنگە قىلىپ تىزىمىزغا قويۇپ، گېلىنى كوچىلاپ تۇرۇپ قالغان نەرسىنى قۇسۇپ چىقىرىشقا ياردەم قىلىش ياكى ئۇنىڭ كەينىدىن قورسىقىنى تۇتۇپ چىڭ قۇچاقلاپ، بىر قولىمىزنىڭ مۇشتىنى تۈرۈپ، مۇشتىمىز ئارقىلىق كىندىكى بىلەن قوۋۇرغىسى ئارىسىنى باسىمىز. يەنە بىر قولىمىز بىلەن مۇشتىمىزنىڭ ئۈستىنى تۇتۇپ، ئىچىگە ۋە ئۈستىگە قاراپ چىڭ سىقىمىز ، تاكى ئۇ گېلىدە تۇرۇپ قالغان نەرسىنى قۇسۇپ چىقارغۇچە شۇنداق داۋاملاشتۇرىمىز.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار