ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلاردىكى يۆتەلنى بالىسى كېكەچ ئاتا-ئا بالىڭىزغا «يىڭناسقۇ بالىلارنى نابۇت قىلى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > ساۋات > تولۇق مەزمۇنى

بالىسى كېكەچ ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىش كېرەك

ۋاقىت : 2015-08-12 13:19 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىسى كېكەچ ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىش كېرەك
نوبېل مائارىپى تەرجىمە ئەسەرلىرى

بالىسى كېكەچ ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىش كېرەك
 
 
كېكەچلىك بولسا بىر خىل سۆز رېتىمىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى بولۇپ، گەپ قىلغان ۋاقىتتا ئاۋازى ئىختىيارىغا كۆنمەي، ئۇزۇن ۋاقىت قايتىلىنىپ ياكى توختاپ- توختاپ سۆزلەپ گېپى راۋان بولماسلىق قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئوغۇللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى %1~%2 بولىدۇ. كىلىنىكىدا ئىپادىلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1.        يېتىلىش خاراكتېرىلىك كېكەچلىك
ئادەتتە، بالىلار 2~4 ياشلىق بالىلار گەپ قىلغان ۋاقىتتا، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلمىگەنلىكى، بىلىدىغان سۆزلۈكلىرىنىڭ سانىنىڭ چەكلىكلىكى، ئىشتىكلا قايسى سۆزنى ئىشلىتىشنى بىلەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن سۆزلەرنى ئۇلاپ، راۋان سۆزلەشكە ماھىر بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم بىر ھەرپ ياكى قىسقا جۈملىلەر ئارىسىدىكى بىرىنچى سۆزنى قايتىلاپ ياكى سوزۇپ سۆزلەش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بۇ تىلنىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى نورمال ئەھۋال. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
بىراق، ئەگەر ئاتا-ئانىلار ياكى بالىلار باغچىسىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى كېكەچ دەپ قاراپ، دائىم تەنبىھ بېرىپ ۋە گېپىنى توغرىلىسا، ھەتتا بەزىدە قاتتىق ئەيىبلەپ ياكى دوراپ، تەنە قىلسا، بۇ قىلمىشلار نەتىجىدە بالىغا كۈچەيتىش رولىنى ئويناپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا ئۆزىنىڭ راۋان سۆزلىيەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنسىرى كېكەچلەپ سۆزلەپ، ئاستا-ئاستا راستتىنلا كېكەچ بولۇپ قالىدۇ.
2.        پاتالوگىيە (كېسەللىك) خاراكتېرلىك كېكەچلىك
 
بۇ نىسبەتەن ئېغىر، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان كېكەچلىكنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى  ئىرسىيەت بىلەن ياكى چوڭ مېڭە ئىككى يېرىم شارىنىڭ ئىقتىدارىدىكى ماسلىشىشنىڭ ياكى مېڭىنىڭ مەلۇم  ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پىسخىكىلىق ئىجتىمائىي ئامىللار كېكەچ بولۇپ قېلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇنى ھەممە ئېتىراپ قىلغان. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نېرۋىغا بىرەر نەرسە تەسىر قىلغانلىق سەۋەبىدىن قورقۇتۇپ پەيدا بولۇش (مەسىلەن ئائىلىنىڭ ئىناقسىزلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى، كۈچلۈك قورقۇنۇچقا ئۇچراش ياكى ئۆگىنىش بېسىمى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلار)، ئەندىشە، غەزەپ قاتارلىق كەيپىياتتىكى جىددىيچىلىكنىڭ نەتىجىسى.  ئاتا-ئانىلارنىڭ مەلۇم خىل پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىمۇ بالىغا تەسىر قىلىدۇ، مەسىلەن، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەم بولۇش، ھازىرقى ھالىتىدىن رازى بولماسلىق، زىددىيەتلىك كەيپىيات، ئۆزىنى زىيادە قوغداش ياكى كونترول قىلىش، ئىش قىلىشتا زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش قاتارلىقلار.  ئۇنىڭدىن سىرت، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويۇشى، قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشى، بالىسى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، دوستانە پاراڭلارنىڭ بەك ئاز بولۇشىمۇ بالىدا كېكەچلىك پەيدا قىلىدۇ.
بۇخىل كېكەچلىك ئالامەتلىرىدە گەپ-سۆزنى قايتىلاش ياكى بىر قىسىم ھەرپلەرنى سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىشتىن سىرت، يەنە ھاياجانلىنىش، كۆزىنى چىمچىقلىتىش، كالپۇكىنى چىشلەش، پۇتىنى يەرگە ئۇرۇش، قولىنى پاچىقىغا ئۇرۇش قاتارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى بار. بۇ خىل ئالامەتلەر ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ  نورمال ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشىغا تەسىر قىلىدۇ، ئۇلار كۆپچىلىكتىن قېچىش، ئاز سۆزلەش، ئىزا تارتىش، قورقۇش، ئەيمىنىش، ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بەزىدە ئۇلار ئاسانلا ھاياجانلىنىدۇ، ئەندىشە قىلىدۇ، قورقىدۇ، زىيادە سېزىمچان بولىدۇ، ھەتتا قارشى چىقىدۇ، باشقىلارغا ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىشمۇ مۇمكىن؛  ئۇنىڭدىن سىرت ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق ياكى ئىشتىھاسى نورمال بولماسلىق سەۋەبلەردىن ئۆگىنىشتە قىينىلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. ئەمما، بۇنداق بالىلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، ئويۇنچۇقلار  ياكى ھايۋانلارغا گەپ قىلغان چاغدا، ياكى تۆۋەن ئاۋازدا پىچىرلىغان، ناخشا ئېيتقان، باشقىلارنىڭ سۆزىنى قايتىلىغان چاغلاردا، بەلكىم روھىي جەھەتتىن جىددىيلىكى بولماسلىق سەۋەبلىك كېكەچلىك ئالامىتى يۈز بەرمىگەن. بۇ ئالامەتلەر بىزنىڭ كېكەچلىكنى داۋالاشتا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى. تۆۋەندە كېكەچلىكنى داۋالاشقا ئالاقىدار بىر نەچچە ئۇسۇلنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:
1)        ئالدى بىلەن بالىنىڭ  كېكەچلەپ سۆزلەش سەۋەبلىك پەيدا بولغان ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش پىسخىكىسى ۋە  سۆز قىلغاندا جىددىيلىشىش كەيپىياتىنى يوقىتىش لازىم. شۇنداقلا، ئۇنى ئۆزىنى بېسىۋىلىپ، ئالدىرىماي سۆزلەشكە ئۈندەش، ھەم بارا-بارا راۋان سۆزلەش ئۇسۇلىنى ئىگەللىتىش لازىم.
2)        كېكەچ بالىلارغا توغرا كۆز قاراشتا بولۇش، بەك زورلاپ تۈزىتىشكە ئۇرۇنماسلىق، جازالاش ياكى پەس كۆرۈش قاتارلىق قىلمىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم، بولمىسا بالىدا قورقۇنچاقلىق پىسخىكىسى يېتىلىپ قالىدۇدە، كېكەچلىك تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
3)        ۋاقتىدا توغرا بولغان تۈزىتىش مەشىقى ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىش، بالىنى كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ۋە شۇ ئارقىلىق كېكەچلىكىنى توغرىلىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش.
4)        كېكەچلىك بەك ئېغىر بولسا كۈندە ئاز مىقداردا گالوپېرىدول (氟哌啶醇) دورىسىنى ئىستېمال قىلىپ (كۈندە 2~0.5 مىللىگىرام، كۈندە 3-2 قېتىمغا بۆلۈپ ئىستېمال قىلىنىدۇ) داۋالاش. ياكى تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش لازىم. ئەمما چوقۇم روھىي كېسەللىك دوختۇرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىش كېرەك.
 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار