يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىسى كېكەچ ئاتا-ئا
بالىڭىزغا «يىڭناسقۇ
بالىلارنى نابۇت قىلى
يېمەكلىك ئارقىلىق با
قورساق ئاغرىش بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، ئەمما ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس ۋالكىر مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ خىل بالىلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن تەشۋىشلىنىش ياكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ، بالىلىقىدا قورسىقى كۆپ ئاغرىيدىغان 20 ياشلاردىكى 332 بالىنى ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاساسەن ئاغرىمايدىغان تەڭتۈشلىرىگە قارىغاندا، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ %51 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى›› .
پىروفېسسور ۋالكىر يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹ ئوقۇش بېسىمى، دوستلار ئارا مۇناسىۋەت، رىقابەت ۋە جىددىيچىلىك بالىلاردا قورساق ئاغرىقىنى پەيدا قىلىپ، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇڭا ئىجتىمائىي ئالاقىدە تەشۋىشلىنىدىغان ۋە قورساق ئاغرىقى تەكرار قوزغىلىدىغان بالىلار پىسخىكىلىق داۋالىنىشى كېرەك›› .