ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىسى كېكەچ ئاتا-ئا بالىڭىزغا «يىڭناسقۇ بالىلارنى نابۇت قىلى يېمەكلىك ئارقىلىق با

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > ساۋات > تولۇق مەزمۇنى

يېمەكلىك ئارقىلىق بالىلارنىڭ چىشىنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى

ۋاقىت : 2015-04-04 17:01 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم

يېمەكلىك ئارقىلىق بالىلارنىڭ چىشىنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى
 
يېمەكلىك ئارقىلىق بالىلارنىڭ چىشىنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى

    ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم تۆت ياشتىن 7-8 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ چىشلىرىنىڭ رەتسىز چىققانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ چىشلىرىنىڭ قارىداپ كەتكەنلىكىنى، يەنە بەزىلىرىنىڭ قۇرۇت يەپ كاۋاكلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز، بۇ پەرۋىشكە موھتاج. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىدىكى ئادالەت دوختۇردىن ئىگىلىشىچە، چىشىنىڭ ساغلاملىقى ئەمەلىيەتتە بوۋاقلىقىدىكى سۈت چىشى چىقىشتىن باشلىنىدىكەن. بىزگە مەلۇم بولغىندەك، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ چىش چوتكىلاشقا، ئېغىز چايقاشقا ئادەتلەندۈرۈشتىن باشقا، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپرىپ چىشىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ئۇلارنىڭ ساغلام، رەتلىك چىش ئىگىسى بولۇشىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان نۇقتىلار ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ بېرىشمۇ بالىلارنىڭ ساغلام چىش ئىگىسى بولۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا سۈت، قېتىق بەرسە چىش چۈرۈكلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى؛ كەرەپشە، سەۋزە قاتارلىق كۆكتاتلارنى بەرسە چىش ئارىسىغا كىرىۋالغان يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى تازىلىغىلى؛ ھەر خىل مېغىز، يېشىل كۆكتاتلار، سامساق، زەنجىۋىل، پىياز ئارقىلىق چىش ئارىلىرىدىكى باكتېرىيەلەرنى يوقاتقىلى؛ ئالىقات، چوڭ چىلان، ھايۋانات بېغىرىنى بەرسە چىشنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ئاشۇرغىلى؛ كۈنجۈت، ئۆسۈملۈك يېغى ئارقىلىق چىشنى چىڭىتقىلى بولىدىكەن.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار