خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسدە ئويۇن شەكلى بىلەن دەرس ئۆتۈش

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-04-06 21:03


باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسدە ئويۇن شەكلى بىلەن دەرس ئۆتۈش
 
قەشقەر شەھەرلىك 18-باشلانغۇچ مەكتەپ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى
بىلال مۇھەمەتتۇرسۇن (ئىبراھىمى)


    باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى كىچىك ، ئۇلار ئويۇن ئارقىلىق خۇشاللىق تاپىدۇ ، ئويۇن ئارقىلىق دوستلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەيدۇ ، ئويۇن بىلەن ئۆزىنى ئەركىن – ئازادە ھېس قىلىشىدۇ . دېمەك بالىلاردا ئويۇن بولمايدىكەن ئۇلار ئۆزلىرىنى يالغۇز ھېس قىلىشىدۇ ، ھەممە نەرسىدىن ئاسان زېرىكىشىدۇ ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ ، قىلىدىغان ئىشنىمۇ تاپالماي قالىدۇ . شۇنداق بولغاچقا دەرسنى ئويۇن شەكلىدە ئېلىپ بېرىشنى ئاستا – ئاستا ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەر خىل ئۇسۇل – چارىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشنى تەتقىق قىلىشىمىز ، ئاز – ئازدىن سىناق تەرىقىسىدە دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ دەرس مەزمۇنىغا ماس كەلگەن ، ئۆز ئارا كىرىشكەن ، ماسلاشقان ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېجەزىگە لايىغىدا بولغان شەكىللەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ دەرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئويۇن شەكلىدە سىڭىپ كىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئويلىنىشىمىز ، ھەقىقىي تۈردە ئىزدىنىشىمىز ، ئويۇن ئارقىلىق ئۆتۈلگەن دەرىسكە خاتىرە تۇتۇپ، خاتىرىلەپ دەرىستىكى ئۆزگىرىش ، بالىلاردىكى ئۆزگىرىش ، دەرىسنىڭ ئۆزلىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھالقىلارنى سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك .
   ئەگەر بىر نەچچە سىنىپقا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بولسا دەرستىكى ئۆزگىرىشلەرنى قىسقا چۈشىنىشلىك ئاساستا خاتىرىنى قىسقارتىپ ، نېگىزلىك ھالدا خاتىرلەپ مېڭىشنى ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ ھەر بىر ھالقىلىق مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز ، ساقلانغان ۋە ياكى قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ، ئارتۇقچىلىق ، كەمچىلىكلەرنى كېيىنكى دەرىسلەردە قوللانسا بولمايدىغان تەرەپ ، ئۆزگىرىشلەرنى ياخشى ، تەرتىپلىك خاتىرلەپ مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز زۆرۈر .
    ئوقۇتۇشتىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى پەرىقلىق ھالدا روشەن گەۋدىلىنىپ كەتمەيدۇ . ئوقۇتۇشتىكى ئۆزگىرىش ئاستا ، خۇددى « قىلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس »  دېگەندەك ناھايىتى ۋاقىت تەلەپ قىلىپ نۇرغۇن مۇرەككەپ  جەريانلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بارلىققا كېلىدۇ . بۇ ئۆزگىرىش ئۈچ - تۆت يىلدىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە شەكىللىنىشى مۇمكىن ھەتتا ئالتە- يەتتە يىلدىن كېيىن ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن .  شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوقۇتقۇچىلار سەۋرىچانلىق بىلەن ئالدىرىماي ،  ئۈنۈمنى تىزلىكتە قوغلاشماي ، « مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش » تەك ناچار ئىددىيىلەردە بولماسلىقىمىز . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىر سۆز- ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە ئىتىبارىمىزنى بېرىپ تەمكىنلىك بىلەن بالىلارغا دىققەت قىلىشىمىز ، بالىلاردىكى ئىنتايىن كىچىك بولغان ئۆزگىرىشلەرنىمۇ سىزەلەيدىغان ھۇشيارلىق ئېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ ، ھەر كۈنى ، ھەر سائەتتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بولغاندىكى بالىلارنىڭ پائالىيەتتىكى شۇنداقلا دەرس ۋاقتىدىكى ئىش – ھەرىكەت ، يۈرۈش تۇرۇش ، سۆز – ئىبارىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت ئىتىبارىمىزنى بېرىپ تۇرشىمىز كېرەك .
بىر قىسىم بالىلار ئويۇن ئارقىلىق ئۆتۈلگەن دەرسنى پەقەت ئويۇن ئۈچۈنلا دەپ قىلىپ ئاساسىي دىققىتىنى ئويۇن ئويناشقىلا مەركەزلەشتۈرۈپ ، مۇھىم بولغان دەرس مەزمۇنىغا سەل قارايدىغان ، ئويۇن شەكلىنىلا ئېسىدە چىڭ ساقلاپ دەرستىكى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بولغان تەرەپلەرنى پەقەتلا ئۆز ئارا گىرەلەشتۈرەلمەيدىغان ، شەكىلگە قىززىقىپ مۇھىم ھالقىغا سەل قارايدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىشى تۇرغانلا گەپ . بۇنداق چاغلاردا ئوقۇتقۇچى ئىنتىزام توغرىسىدا سىڭىشلىك قىلىپ « بىر بىرىنى ھۆرمەتلەش ، بىر بىرىگە ياردەم بېرىش » مۇشۇ سىنىپىمىزدا ئەمەلگە ئاشىدۇ . مەسىلەن : « سىز سىنىپنىڭ ئىنتىزامىنى بۇزسىڭىز سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلىرىڭىزنى ھۆرمەتلىمىگەن ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇزغان بولىسىز...»  دېگەنگە ئوخشاش ئاددىي سۆز ئىبارىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايىللىقىنى ئۆستۈرۈپ ، ئۇلاردا دەرس ئىنتىزامىنى بۇزسا پەقەت دەرس ئىنتىزامىنى بۇزغانلا بولماستىن بەلكى باشقا ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىسىنى ھۆرمەتلىمىگەن بولىدىغانلىغىنى بالىلارغا ھېس قىلدۇرىشىمىز لازىم .
    ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ۋاقتىدىكى ئومومىي ئىنتىزام كەيپىياتىغا ھۆرمەت قىلىش لازىملىغىنى تۈرلۈك ئۇسۇل – چارىلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ، كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان ھېكايە ، كىنو قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ دەرس ئىنتىزامىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنى سۆزلەش ياكى كۆرسىتىش ئارقىلىق بالىلاردا ئاددىي بولغان ئومومىي كەيپىياتنى بۇزماسلىقتەك ئېسىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن سەۋرى –تاقەتلىك بىلەن بالىلارغا بۇ ئىددىيىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك .
    ئوقۇغۇچىلارغا بوش سۆزلەش ، قالايمىقان ھەرىكەت قىلماسلىق ، ئۆز ئارا دەرس ئۈستىدە مۇنازىرىنى بوش ئاۋازدا ، باشقىلارغا دەخلى قىلمىغان ئاساستا قىلىش ، ھەرىكەت قىلغاندا ياكى سۆز قىلغاندا ئومومىي كەيپىياتنى ، ساۋاقداشلىرىنىڭ دىققىتىنى بۇزمىغان ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى بۆلمىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىز ئوقۇتقۇچىلار ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بوش ۋاقىتلاردا پىكىرلىشىپ ، سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ، ساقلانغان مەسىلە ، بايقالغان ئەھۋاللارنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزۈتۈشكە ئاساس سېلىشىمىز لازىم . كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار بۇ يېڭى ئېلىپ بېرىلغان ئەركىن – ئازادە ئۆتۈلگەن دەرسىمىزگە نىسبەتەن گۇمانىي پوزىتسىيىدە بولۇپ قىلىشى مۇمكىن . بۇنداق ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچى بالىلارغا ئىددىيە جەھەتتە ئەركىن ئازادە بولۇش ، ئويلىغان ، تەسەۋۋۇر قىلغانلىرىنى ئوچۇق – يورۇق ، قورۇقماي ، دادىل سۆزلەشكە بولىدىغانلىغىنى لېكىن ئومومىي ئىنتىزام ، ئومومىي كەيپىياتقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش . دەرس ۋاقتىدىكى كەيپىياتنى بۇزمىغان ھالدا تەسەۋۋۇر كۈچىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ ، ساغلام بولغان ئىددىيە ئەركىنلىگىنى قانداق ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىغىنى ئوقۇتقۇچىلار ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۇرۇپ ، ھەر سائەتتىكى دەرسنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئەركىن – ئازادە سىڭىپ مېڭىشىنى قولغا كەلتۈرىشىمىز كېرەك .
     ئويۇن ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈش نەزەرىيە جەھەتتىن ناھايىتى ئاسان ئىشتەك بىلىنىدۇ . لېكىن بۇ ئىشنى باشلىغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان بىز ئويلاپ باقمىغان مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولىشى بىزنى گاڭگىرتىپ قويىدۇ . بىز شۇ ۋاقىتتا تەمكىنلىك بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىددىيىسىدىكى قاتماللىق ، كونا كۆز قاراشلار ئارقىلىق  خۇلاسە چىقارماي ، تەمتىرمەستىن بولغان ئەھۋاللارنىڭ جەريانى ، كېيىنكى پايدا – زىيىنى ، ئومومىي كەيپىياتقا بولغان ئۆزگىرىشلىرىنى سوغۇق قانلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆزىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ئېلىپ بېرىلغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزمىگەن شارائىت ئاستىدا ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم . بۇ جەرياندا بىز بەزى بىر قىسىم كىچىك ئىشلارغا سەل قاراپ قىلىشىمىز مۇمكىن . ئەشۇ كىچىك دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات باسقۇچىدا ناچار تەرەپلەرنى شەكىللەندۈرۈپ قويماسلىقى ئۈچۈن ھەل قىلىش چارىلىرىنى دادىللىق بىلەن ، ئۈنۈم شەكىللەندۈرەلەيدىغان ئۇسۇلدا ھەل قىلىشىمىز ، جانلىق ، تېتىك ، جەڭگىۋار ھالەتنى چوقۇم بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئوچۇق – يورۇق ، ئىجادكارلىققا ئىگە ، ھۆرمەت ، ئىززەت ئىكرامدا ئالدىدا ماڭىدىغان ، ئومومىيلىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تۈركۈم ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەپ چىقىشقا ئۇل سېلىشىمىز كېرەك .
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار