گۈلمىرە تۇرسۇن
مۇئەللىم، سىز بىزنى ‹‹ماشىنا ئادەم›› قاتارىدا كۆرمىسىڭىز ھەم ئۆزىڭىزمۇ ‹‹ماشىنا ئادەم›› بولۇپ قالمىسىڭىز، ئېسىڭىزدىمۇ، بىر نەچچە قېتىم سىز سىنىپتا بىزگە دەرس سۆزلەپ بولۇپ، ئارقىدىن ‹‹دەرسنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ چۈشەنمىگەن سوئاللار بولسا سوراڭلار›› دېگىنىڭىزدە، بىر قانچە ساۋاقداش بەزى ئاددىي مەسىلىلەرنى سورىدى، سىز ‹‹بولدى قىلىڭلار، شۇنداق ئاددىي نەرسىلەرنىمۇ بىلمەمسىلەر؟ مەن ھازىر سۆزلىگەن دەرس مەزمۇنىنى بىلسەڭلارلا بولدى، باشقا ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارنى سوراپ نېمە قىلىسىلەر›› دېگىنىڭىزدە بىز سىزدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىپ، روھىمىز چۈشۈپ كەتكەنىدى. بىلسىڭىز بىزنىڭ ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارنى سوراپ بىلىۋېلىشىمىز دەرسىڭىزنى ئەتراپلىق چۈشىنىشىمىزنىڭ ئاساسى. بىز سىزنى نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىدۇ دەپ قارايمىز ھەم شۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىۋېلىشقا ئالدىرايمىز.
مۇئەللىم، سىز بىزگە ئىشىنىڭ، بىزمۇ چوقۇم مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق جان كۆيدۈرۈپ يېتەكلىشى بىلەن كەلگۈسىدە ياراملىق كىشىلەردىن بولالايمىز. شۇ چاغدا سىز بىزنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشىڭىز ياكى ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ، بىزگە ئىشەنمىگەنلىكىڭىزدىن خىجىللىق ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن.
مۇئەللىم، سىز بىزنى قارىغۇلارچە ‹‹بىر پارچە ئاق قەغەز›› قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭغا نېمىنى يازسا بولىدۇ دەپ قارىمىسىڭىز. ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىڭىزنى زورلاپ تاڭمىسىڭىز. بىز ھازىر ھەقىقەتەن ‹‹بىر پارچە ئاق قەغەز››، بىراق بۇ ئاق قەغەزگە چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىشىپ ئەڭ توغرا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزگەرمەيدىغان قانۇنىيەتلىك مەسىلىلەرنىلا يازسىڭىز. بۈگۈن بىر نېمە دەپ يېزىپ، ئەتىسى يەنە باشقا بىر نېمە دەپ ئۆزگەرتسىڭىز، بۇ ئاق قەغەز ئاخىر چۈشىنىكسىز نەرسىلەر جىجالغان ئەخلەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
مۇئەللىم، سىز بىزنىڭ ئۆگىنىشتىكى نەتىجىمىزگە قارىغۇلارچە ھۆكۈم قىلماي، ئۆگىنىشتىكى تىرىشچانلىقىمىزغىمۇ قارىسىڭىز. سىزدىن شۇنى سوراپ باققۇمىز كېلىدۇ: سىزمۇ بۇنىڭدىن نەچچە يىل ئىلگىرى بىزگە ئوخشاش ئوقۇغۇچى ئىدىڭىز، شۇ چاغدا سىزمۇ بىزگە ئوخشاش جاپالىق، ئەگرى – توقاي ئۆگىنىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن بولغىيتىڭىز، سىزنىڭمۇ ئۆگىنىشتە مەغلۇپ بولغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغان بولغىيتى؟
مۇئەللىم، بىزنى سىز ئۆتكەن دەرسنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇپ، ئەڭ يېڭى، ئەڭ قايىل قىلارلىق ئوقۇتۇش مېتودىڭىز ئارقىلىق، تەبىئىي ھالدا ئۆگىنىشكە جەلپ قىلىۋېلىڭ. چۈنكى بىز يەنە مۇزىكا چېلىشنى، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە باشقا دەرسلەرنىمۇ ئۆگىنىشكە ئالاھىدە قىزىقىمىز.
مۇئەللىم، سىز بىزنىڭ مەسىلىلەرنى قانۇنىيىتىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە ھەل قىلىشىمىزغىمۇ ياردەم بەرسىڭىز. ئۆزىڭىزمۇ دەرسنى پۇختا تەييارلىق قىلىپ ئاندىن سۆزلىسىڭىز، بولمىسا دەرسخانىدا تولا كىتاب ۋاراقلاپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋېتىدىكەنسىز.
مۇئەللىم، سىز دەرسخانىدا بىز سورىغان مەسىلىلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاخىرغىچە ئاڭلىسىڭىز، بىزمۇ سىزنىڭ ئۆتكەن دەرسىڭىزنى ئەستايدىل ئاڭلايمىز.
مۇئەللىم، سىز بىزگە ئوقۇتۇشتا تەلەپنى ئاددىيلىقتىن تەدرىجىي مۇرەككەپلىككە قاراپ چىڭ قويسىڭىز، شۇنداقلا ئۆزىڭىزگىمۇ قاتتىق تەلەپ قويسىڭىز، بولمىسا بىز ئۆگىنىشتە تېڭىرقاپ قالىدىكەنمىز ھەم زامانغا خاس يېڭى بىلىم ئالالمايدىكەنمىز.
مۇئەللىم، بىز بىرەر ئىشتا سىز دېگەن يەردىن چىقالمىساق، بىزنى كۆپچىلىك ئالدىدا بولمىغۇر گەپ – سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىمىسىڭىز. ئويلاپ بېقىڭ، سىزمۇ ئىلگىرى بىزگە ئوخشاش ئوقۇغۇچى ئىدىڭىز، شۇ چاغدا سىزمۇ خاتالىق سادىر قىلغان بولغىيتىڭىز.
مۇئەللىم، سىز گېپىڭىزنى ياخشى ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىنى ئۆگىنىش ئۈلگىمىز قىلىپ قويمىسىڭىز، بولمىسا بىز ئۇنى ئۆچ كۆرۈپ قالىدىكەنمىز.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]