كورىيىدە مائارىپ غەلىبە قىلغان بولسىمۇ كىشىلەر خۇشال ئەمەسكەن
ئۇيغۇرمەن تەرجىمىسى

كورىيىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىزچىل ھالدا ماختاشقا ئېرىشىپ كەلدى.ئەمما،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن بولۇپ.نۇرغۇن كىشىلەر كورىيىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان بولۇپ،بۇ بىر تەرەپتىن كىشىلەرنى خۇشال قىلسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن قايغۇغا سالىدىكەن.
كورىيىلىك ئوقۇغۇچىلار پەن–تېخنىكا ۋە ماتېماتىكا سىناقلىرىدا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەندە قىلالايدىكەن.2011-يىلى،كورىيىدىكى25-34 ياشلاردىكى كىشىلەر نوپۇسىدا،64% كىشى ئالىي مەكتەپ ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ،oecd دۆلەتلىرىنىڭ 39% لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى ئىكەن.
بىزكورىيىلىكلەرنىڭ مائارىپقا بولغان قىزغىنلىقىنى”سەۋدايىلىق”دەپ شەرھىلىسەكمۇ بولىدۇ.بۇ خىلدىكى مائارىپ نەتىجىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرىنىڭ ھەم قايىللىقىنى قوزغىشى ھەم ھەسەتخورلىقىنىمۇ قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.ئامېرىكا:time(دەۋر)ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا دېيىلگىنىدەك:ئەگەر مائارىپقا بۇنداق ئىشتىياق باغلىمىغان بولسا،كورىيە بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغان بولاتتى.1962-يىلىدىن بېرى،كورىيە ھۆكۈمىتى ئاددىي ئاۋام پۇقرالارنىڭ ساۋاتسىزلىقتىن تارتىپ خەت تونۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىسبىتىنى 98%گە يەتكۈزگەن.GDPمۇ 4000 ھەسسە ئاشقان بولۇپ،دۇنيادىكى 13-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ،ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيىسىدىنمۇ يۇقىرى بولغان.
مائارىپ-كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئامىل بولۇپ،كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىقتىسادىي سۈرئىتىنى غايەت زور بولغان مائارىپقا مەبلەغ سېلىشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.كورىيىدە 6-16 ياشلاردىكى بالىلار ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.2010-يىلى كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلەغ نىسبىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 7.6%نى ئىگىەللىگەن.
ئەمما كورىيە مائارىپى تالانتلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ،بىزدە تېخى نوبېل مۇكاپاتى ساھىپقىرانلىرى يوق،ئەمما بىزنىڭ نۇرغۇن سامسۇڭ ئوتتۇرا قاتلام دىرېكتورلىرى بار دەپ كورىيە “كورىيان كۈندىلىك گېزىتى”گە خەۋەر يازغۇچى كىم سۇ ئەپەندى ئەنگلىيە"كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى”گېزىت مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى سۆزلەرنى دېگەن بولۇپ.ئۇ يەنە”نەتىجە ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىشتەك مائارىپ ئەندىزىسى كورىيە ئوقۇغۇچىلىرىنى خەلقئارا ئىمتىھانلاردا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى رەت تەرتىپىگە ئېرىشتۈرەلىسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قارا كۆلەڭگىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ"دەيدۇ.
سېئۇلدىكى زەردارلار رايونىدىكى ئەڭ قىممەت تەكرارلاش سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىزچاق”نېۋيورك ۋاقىت گېزىتى”:مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئانام يوقاپ كەتكەن بولسا مەن ئىنتايىن خۇشال بۇلاتتىم،چۈنكى ئانام پەقەت كوتۇلداشنىلا بىلىدۇ،پەقەت ئۆگىنىش نەتىجەمگىلا كۆڭۈل بولىدۇ.يەنە بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى تۈپەيلىدىن چاچلىرى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى،ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتقان.
يەنە ئادەمنى ئىنتايىن ئەنسىرىتىدىغان بىر ئىش شۇكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆز قەدىر قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر مەنبەسى دەپ قاراش خاھىشلىرىمۇ بار ئىكەن.
2010-يىلى،ئۆزىنى ئولتۇرۇۋالغان 13-19 ياشلاردىكى ياش–گۆدەكلەر بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 53% ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىكى نېگىزلىك سەۋەب بولسا دەل ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىدىن ئىكەن كورىيە مائارىپ،پەن-تېخنىكا مىنىستىرى جوۋخاۋ”ئامېرىكا”time(دەۋر)”ژۇرنىلى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: .سىلەر ئامېرىكىلىقلار كورىيە مائارىپ سىستېمىسىدىكى پەقەت نۇرانە تەرەپلەرنىلا كۆرەلىدىڭلار،ئەمما كورىيىلىكلەر بۇنىڭدىن خۇشال ئەمەس.
مەنبە:گۈزەل شىنجاڭ ئەسەرلەر جەۋھىرى ژۇرنىلى 2014-يىل،11-سان