مەركەز مالىيەسى يەسلى مائارىپى مەبلىغىدە نامرات جايلارغا ئېتىبار بېرىدۇ
مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئىككى تارماق بىرلىشىپ تۈزگەن «مەركەز مالىيەسىنىڭ يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ بۇ يىل 1-ئاۋغۇستتىن تارتىپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ مەبلەغدە ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي رايوندىكى نامرات ئۆلكىلەرگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىش، يېزىلار، چەت-يىراق جايلار، نامرات جايلار، مىللىي رايونلارغا ئېتىبار بېرىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئىككى تارماق مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: يەسلى مائارىپى تەرەققىيات مەبلىغىنىڭ قوللاش دائىرىسى-ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەز بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئايرىم پىلان يولغا قويۇلىدىغان شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بولىدۇ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي رايوندىكى نامرات ئۆلكىلەرگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدۇ ھەم يېزىلار، چەت-يىراق جايلار، نامرات جايلار، مىللىي رايونلارغا ئېتىبار بېرىلىدۇ. بۇ مەبلەغنى يەرلىكنىڭ قەرز قايتۇرۇش ۋە خامچوتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىغا ئىشلىتىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. يەسلى مائارىپى تەرەققىيات مەبلىغىنى تۇتۇپ قالغان، قىسىپ قالغان، ئىگىلىۋالغان، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغانلار ھەم باشقۇرۇشى چېچىلاڭغۇ بولغانلار «مالىيە قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.