ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : گومۇش شاھزادە بىلەن يۇلتۇز قىز (بالىلار چ ئىسىمدىكى ھېكمەتلەر باغۋەن بوۋاي

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > چۆچەك > تولۇق مەزمۇنى

گومۇش شاھزادە بىلەن چىچەن قىز

ۋاقىت : 2015-08-19 13:15 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
گومۇش شاھزادە بىلەن چىچەن قىز

بىر بار ئىكەن بىر يوق ئىكەن بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئوغلى گومۇش ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئوۋغا چىقىپتۇ، قايتىشىدا بۇران چىقىپ كىتىپ،پادىشاھنىڭ ئالدىدىن بىر قامغاقنى شامال ئۇچۇرۇپ كىتىپتۇ.پادىشاھ ئوغلىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ؛
ئوغلۇم بېرىپ قامغاقتىن ئۇچۇشۇڭ نىمە تۇرۇشۇڭ قەيەر دەپ سوراپ باققىن دەپتۇ.
پادىشاھنىڭ ئوغلى ئات سېلىپ قامغاقنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ كىتىپتۇ،قامغاققا يىتىشىپ؛
ئەي قامغاق ئۇچۇشۇڭ نىمە تۇرۇشۇڭ قەيەر دەپ سوراپتۇ.
قامغاق جاۋاپ بەرمەستىن موللاق ئىتىپ كىتىۋىرىپتۇ، شاھزادە ئۇنىڭدىن ئۇچۇشۇڭ نىمە تۇرۇشۇڭ قەيەر دەپ سوراپ قوغلاۋىرىپتۇ، قوغلا-قوغلا بىر دىھقاننىڭ ھويلىسنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپتۇ.
دېھقاننىڭ بىر قىزى بار ئىكەن ئۇ ئوگزىئدىن ئىشەككە بىدە تاشلاۋاتسا، چىرايلىق كىيىنگەن بىر يىگىت شامال ئۇچۇرۇپ كېتىۋاتقان قامغاقنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرگۈدەك .
قىز يىگىتنىڭ قىلىقىغا ھەيران بولۇپ ؛
ھەي يىگىت قامغاقنىڭ كەينىئدىن نىم دەپ كىتىپ بارىسەن دەپ سوراپتۇ.
دادام قامغاقتىن ئۇچۇشۇڭ نىمە تۇرۇشۇڭ قەيەر دەپ سوراپ كەلگىن دىگەن ئىدى قامغاق دەپ بەرمەيۋاتىدۇ دەپ يىغلاپتۇ شاھزادە، قىز چوپچوڭ يىگىتنىڭ يىغلىغىنىنى كورۈپ زاڭلىق قىلىپ.
ھەي ئەخمەق بېرىپ داداڭغا ئېيتقىن قامغاقنىڭ ئۇچۇشى شامال تۇرۇشى ئازگال دەپتۇ ، شاھزادە قىزغا كوپ ردھمدت ئېيتىپ شەھەرگە قايتىپ كەپتۇ
قامغاق نىم دەپ جاۋاپ بەردى دەپ سوراپتۇ  پادىشاھ.
ئۇچۇشۇم شامال تۇرۇشۇم ئازگال دەپ جاۋاپ بەردى دەپتۇ شاھزادە .
بۇنى ساڭا كىم ئېيتىپ بەردى دەپ سوراپتۇ پادىشاھ .
قامغاق دەپتۇ شاھزادە.
ھەي ئەخمەق دەپتۇ پادىشاھ ئاچچىقى كىلىپ  قامغاقمۇ گەپ قىلامدىكەن .
شاھزادە ئىشنىڭ ئەپلەشمىگىنىنى كورۈپ بىر دىھقان قىزىنىڭ دەپ بەرگەن لىكىنى ئېيتىپتۇ ، پادىشاھ ئوغلىغا مىنى باشلاپ بارغىن دەپتۇ ۋە ساراي ئەمەلدارلىرىغا بىر بۇقۇنى يىتىلىتىپ ھېلىقى قىزنىڭ ئويىگە كەپتۇ.
قىزنىڭ دادىسى پادىشاھنى مىڭ تەزىم بىلەن قارشى ئەپتۇ.
ساڭا بىر بۇقا ئەپ كەلدىم دەپتۇ پادىشاھ ، ئەگەر بۇقىنى 40 كۈندە تۇغدۇرۇپ موزىيى بىلەن بىرەلمىسەڭ سىنى جازالايمەن دەپتۇ پادىشاھ.
قۇدرەتلىك شاھىم بۇقىنى قانداق تۇغدىرىمەن دەپ يالۇرىپتۇ بوۋاي پادىشاھ بوۋاينىڭ يېلىنىشىغىمۇ قارىماي ئوز سوزىدە چىڭ تۇرىۋاپتۇ شۇ چاغدا قىز ئورنىدىن دەس تۇرۇپ؛
خوش پادىشاھ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىمىز دەپتۇ پادىشاھ قايتىپ كىتىپتۇ بوۋاي قىزى بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ، ئاغرىماس بېشىمغا ئالتە تاياق دەپ يوق بالانى تاپتىڭ قىزىم بۇقىمۇ تۇغامدۇ دەپتۇ بوۋاي .
قىلچە غەم قىلماڭ دەپتۇ قىز.
بۇ بىزگە كەلگەن رىزىق ھازىرلا چىقىپ بۇقىنى سويۇڭ قىشىچە سوقۇم قىلىپ يەيمىز.
بوۋاي؛
ئەقلىڭىزدىن ئازدىڭىزمۇ دەپتۇ قىزىغا جان پېنى چىقىپ، بۇقا ئۈچۈن پادىشاھقا نىم دەپ جاۋاپ قىلىسەن ، قاراپ تۇرۇپ مىنى بالاغا قويماقچىمۇ سەن .
ئورۇنسىز غەم قىلىدىكەن سىز دادا سويۇڭ  دىگەندىن سويۇڭ پادىشاھقا ئوزۈم جاۋاپ بىرىمەن دەپتۇ قىز.
ئۇ دىمەڭ بۇ دىمەڭ بىلەن بوۋاي بۇقىنى سويۇپتۇ، گوشىنى تۇزلاپ سوقۇم قىلىۋاپتۇ. قېرىق بىر كۈن بولغاندا قىز بوۋاينى چۈمكەپ ياتقۇزۇپ ئىشىك ئالدىغا كوشۈكنى تاشلاپ قويۇپ، ئوزى ئوگزىگە چىقىپ پادىشاھنىڭ يولىغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.
بىر چاغدا پادىشاھ نۇرغۇن ۋەزىر- ۋۇزىرالىرى بىلەن كىرىپ كەپتۇ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئىڭىشىپ سالام بىرىپتۇ قىز ، پادىشاھ ئىشىك ئالدىدىكى كوشەكنى كورۈپ قىزدىن سوراپتۇ.
بىرىنىڭ كوزى يۇرۇپ قالدىمۇ .
ھە ئويدە تۇغۇتلۇق بار ئىدى دەپتۇ قىز كوشەكنى تىپىۋېتىپ قىنى كىرىڭلار؛
پادىشاھ ئوڭ قول ۋەزىر بىلەن ئويگە كىرىپتۇ.
قىزىم كىمنىڭ كوزى يۇرۇپ قالدى دەپتۇ پادىشاھ.
تۈنۈگۈن  كىچە دادامنىڭ كوزى يۇرۇپ قالدى قىنى كورسىلە دەپتۇ - پادىشاھ ھەيران بولۇپ ؛
ھوي قىزىم ئەر كىشىمۇ تۇغامدىكەن دەپتۇ.
ھوي پادىشاھ ئالىيلىرى سىلى پۇقرالارغا بۇقىنى تۇغدىرىڭلار دىگەندىن كىيىن ئەرلەرمۇ تۇغۇدىغان بوپ قاپتۇ دىدى قىز قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىپ  .
كىچىككىنە قىزدىن گەپتە يېڭىلىپ قالغان پادىشاھ قاتتىق ئۇيۇلۇپتۇ، ئۇ بۇ قىزنىڭ زىرەكلىكىگە قول قويۇپ ، مۇشۇ قىز ماڭا كىلىنلىككە لايىق ئىكەن كىيىن تەخىتنى ئوغلۇمغا ئوتكۈزۈپ بەرسەممۇ تاتقۇزۇپ قويماي ئوغلۇمغا ئىش ئۇگۈتىدىكەن دەپ ئويلاپ ئويىگە قايتىپ كىلىپ ۋەزىرنى ئەلچىلىككە ئەۋەتىپتۇ قىز بىلەن بوۋاي رازى بوپتۇ.
پادىشاھ ناھايىتى چوڭ توي- تاماشا قىلىپ قىزنى ئوغلىغا ئەپ بىرىپتۇ........
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار