ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : دېۋىلەر ۋە ئالتىنچى قۇم ئاستىدا قالغان گومۇش شاھزادە بىلەن يۇلتۇز قىز (بالىلار چ

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > چۆچەك > تولۇق مەزمۇنى

يۇلتۇز قىز (بالىلار چۆچىكى)

ۋاقىت : 2015-08-19 13:14 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم



يۇلتۇز قىز
 
(بالىلار چۆچىگى)
 
ئەخمەتجان ئابدۇللا
 
مەھەللىمىزدىكى بەھرام ئۆستىڭى بۇيىدا ئولتۇرۇشلۇق تۈگمەنچى قوشنىمىز ھاشىم بوۋاينىڭ چولپان ئىسىملىك ناھايىتى شوخ، چىچەن بىر قىزى بار ئىدى.ئۇ نېمە بولدىكىن-تاڭ مۇشۇ كۈنلەردە «يۇلتۇزلارغا سۆز»دېگەن ناخشىنى تۇلا ئوقۇيدىغان بۇلۇپ قالدى.ئۇ ئېتىز-باغلارغا بېدە تەرگىلى چىققاندىمۇ مۇشۇ ناخشىنى ئوقۇيتتى.بىكار قالسىلا دۇم يېتىپ مەشىق دەپتىرىگە مايماق-سايناق يۇلتۇزلارنى سىزاتتى.قىزىدا تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ قالغان بۇ غەلىتە ئەھۋالنى سەزگەن ھەجەرخان موماي بەزىدە ھاشىم بوۋايغا « قىزىمىزغا يۇلتۇز جىن چاپلىشىۋالغان ئوخشايدۇ » دەپ غۇدۇڭشۇپ قىزىدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتى.
 بۈگۈن كەچمۇ چولپان قىز كۈندىكىدەك تاپشۇرۇقلىرىنى ئالدىراپ ئىشلىدى -دە، تېلىۋىزورمۇ كۆرمەستىن ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ يالغۇز يېتىپ يەنە شۇ ناخشىنى غىڭشىشقا باشلىدى.
چىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار،
كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە.
ئۇلار تۈننىڭ زىننىتى،
بوۋىلارنىڭ سۈزىچە.
 
ساناپ باقسام ئۇلارنى،
سانلىرىنىڭ چېكى يوق.
ئاداش بۇلاي دېسەم مەن،
كۆز قىسىدۇ گېپى يوق.
 
گەپ قىلساڭچۇ يۇلتۇزلار،
مەن دوستلۇققا يارامدىم.
ھەممىڭلارنىڭ قېشىغا،
مېھمان بۇلۇپ بارامدىم.
........
چولپان قىز ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ دەرىزىدىن سىرتقا قارىدى.بايىقى ناخشىدا ئېيتىلغاندەك ھەممە يۇلتۇز ئۇنىڭغا كۆز قىسىپ قاراپ تۇراتتى.«ئۇلار مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم»دەپ ئويلايتتى چولپان قىز يۇلتۇزلارنى ئۆزىچە.چولپان قىزنىڭ ئۇماق، ئويچان كۆزلىرى تۈن باغرىغا تىكىلدى.ھەر كۈنى مۇشۇ ۋاقىتتا چولپان قىز يۇلتۇزلاردىن، يۇلتۇزلار چولپان قىزدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايتتى،ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئېيتىدىغان بىر مۇنچە يۈرەك سۆزلىرى باردەك قىلاتتى. لېكىن ئامال قانچە، يۇلتۇزلارنىڭ چولپان قىزغا ئاندا-ساندا كۆز قىسىپ چېمىرلاپ قويغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ھېچ نېمە دىيىشەلمەيتتى.
ساناپ باقسام ئۇلارنى،
سانلىرىنىڭ چېكى يوق.
.....
توغرا، دوستلىرىمنى ساناپ باقايچۇ، ناۋادا باشقىلار نەچچە دوستۇڭ بار دەپ سۇراپ قالسا،... دەپ ئويلىدى چولپان قىز.
ماڭا قاراپ دوستلىرىم،
كۆز قىسىشار چىم-چىم.
دوستلىرىنىڭ سانىنى،
بىلەلمەيدۇ كىم.
 
بىر،ئىككى،ئۈچ...
ئۇخلاپ قالاي جىم.
ھېرىپ كەتتىم بىردەمدە،
ساناقسىزكەن،ھىم.
 
دوستلىرىمنى ساناشقا،
ئاجىزكەن تىلىم.
ۋاي بولدىلا،بولدىلا،
ئۈگىنەي بىلىم.
چولپان قىز ئاستا كارۋىتىغا چىقىپ ئۇخلاپ قالدى.ئۇنى ئۇخلىدى دېگەندىن كۆرە يەنە شۇ يۇلتۇزلارنى ئويلاپ ياتتى دېگەن مۇۋاپىق ئىدى. كونىلار:«تىلىسەڭ تاپارسەن»دېگەندەك ئۇ يۇلتۇزلار شەھرىگە بېرىپ چۈش كۆردى.
(1)
تۇيۇقسىز بايىلا چولپان قىز ئۆز قۇلى بىلەن تاقاپ قويغان دەرىزە قاپقىقى ئۆزلىكىدىن ئاستا ئېچىلىپ ئىككى يۇلتۇز كىرىپتۇ.ئۇلار چولپان قىزغا ئىللىق سالام قىلىپ ئۆزلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ:
چولپان قىز،چولپان قىز.
تەييار بۇلۇڭ تېز.
دوست بۇلۇشنى بىز بىلەن،
ئويلىغانغۇ سىز.
 
تەكلىپ قىلىپ ئۇياققا،
كەلدۇق مانا بىز.
ئورناپ كەتسۇن دوستلۇقتىن،
يۈرەكلەرگە ئىز.
...
 دەپتۇ-دە، چولپان قىزنى چىرايلىق ياسىنىپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە مېڭىشقا دەۋەت قىلىپتۇ.
-ئانامغا ئېيتپ قۇيايلىمىكىن، ھېچ شەپىسىزلا كىتىپ قالساق،-چولپان قىز بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن ئەنسىرەپ ئاتۇقچە ئاۋارە بۇلۇپ قېلىشىنى ئويلىسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن تېخى بايىلا سۈرگەن شىرىن خىيالىنىڭ بۇنچە تىز ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن خۇشال بۇلۇپ ئاستا يۇلتۇزلارغا ئەگىشىپتۇ.
-بولدى، ۋاقتىمىز بەك قىس، شۇ تاپتا دوستلار سىزنى كۈتۈپ تاقىتى تاق بولغاندۇ،-ئاقكۆز يۇلتۇز دەرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ بىر ئىسقارتقان ئىكەن، بىر پارچە كىگىزدەك ئاق بۇلۇت دەرىزە تۈۋىدە يېيىلىپ يېتىپتۇ.
-تىز بۇلۇڭ، بۇلۇت مەپىگە چىقىڭ، سىزنى ھايال قىلمايلا ئەكىلىپ قۇيىمىز.كىچىكسەك يۇلتۇز بوۋام ئەنسىرەپ قالىدۇ،-كۆككۆز يۇلتۇز چولپان قىزنى كۈتۈرۈپلا بۇلۇت مەپىگە ساپتۇ.
-بۇلۇت مەپە،بۇلۇت مەپە.
ئۇچقىن سەن،چىقارماي شەپە.
ئاخىرقى بارار جايىڭ،
يۇلتۇز بوۋام تۇرار كەپە.
 بۇلۇت مەپە لىپ-لىپ قىلىپ كۆككە كۈتۈرلۈپ، شىپىر-شىپىر ئۇچۇشقا باشلاپتۇ.
-كۆككۆز ھەدە،بۇ نېمە؟
-بۇلۇت مەپە...
-نېمىدىن ياسالغان؟
-پاختىدەك ئاق بۇلۇتتىن.
چولپان قىز ئۆزىنى خۇددى چۆچەك كىتابىدا ئۇقۇغان ئۇچار گىلەمدە ئولتۇرغاندەك ھىس قىلىپتۇ.بىر چاغدا ئاقكۆز يۇلتۇز بۇلۇت مەپىگە توختاشقا بۇيرۇق بىرىپتۇ.
چولپان قىز بىر چاغلاردا دادىسىنىڭ جاڭگالغا ئۇتۇنغا بارغاندا يول بۇيىدىكى سۆگەتنىڭ سايىسىدا توختاپ ئات-مەپىسىنى ئارام ئالدۇرغىنىنى ئىسىگە ئېلىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ يەنە ماڭساق كىرەك دەپ ئويلاپتۇ-يۇ، ئىش ئۇ ئويلىغاندەك بولماپتۇ. بىر توپ يۇلتۇز خۇددى يىپقا تىزغان مارجاندەك رەتلىك تىزىلىپ،ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنى قارشى ئاپتۇ.
-شەھرىمىزگە خۇش كەپسىز...
-مەرھەمەت چولپان قىز...
چولپان قىز يۇلتۇزلار توپىدىكى بۇ كىچىك دوستلار بىلەن بىر– بىرلەپ قۇچاقلىشىپ كۈرۈشكەچ ئاجايىپ نەپىس بىزەلگەن بىر كەپىگە كىلىپ قاپتۇ. بۇ كەپە ئەسلىدە ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇز گىپىنى قىلغان ھېلىقى يۇلتۇز بوۋاينىڭ تۇرار جايى ئىكەن.
-بۇ قەيەر؟
-بىزنىڭ ئوردا.
-نېمە؟
...
ئاقكۆز يۇلتۇز چولپان قىزغا، ئوردىنى تۇنۇشتۇرۇپ:-بۇ يەردە پۈتۈن كائىناتتىكى يۇلتۇزلارنىڭ پادىشاھى بولغان يۇلتۇز بۇۋام ئولتۇرىدۇ.بۈگۈن ئۇنىڭ مىڭ ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈن مەرىكىسى ئىدى.بىز سىزنى ئاتايىن مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بىز بىلەن بىللە مەرىكە ئوينىسۇن دەپ ئېلىپ كەلدۇق.بۇ بوۋامنىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپى.بايام ئالدىراپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىن،-دەپتۇ.
-سىلەر شاھىڭلارغا ئانچە ھۆرمەت قىلمايدىكەنسىلەر.ئۇ شۇنچە ئۇلۇغ، كاتتا شاھ تۇرسا، چوڭ-كىچىك ھەممىڭلار بوۋام،بوۋام دەپ يېنىغا يېپىشىۋېلىپ...،- چولپان قىزنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرى چۈشكىچە كۆككۆز يۇلتۇز كۈلۈمسىرىگىنىچە:
-بىز پادىشاھىمىزنى ھۆرمەتلىگەچكە شۇڭا بوۋا دەپ چاقىرىمىز.پادىشاھ بولغۇچى شۇ قەۋىمنىڭ ئاتىسى بولغۇچىدۇر. ئاتا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتلىرىگە قانچە مېھرىبان، كۈيۈمچان بولسا پەرزەنتلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچە ئامراق بۇلىدۇ، ئۇنىڭغا يېپىشىدۇ.ئەگەر ئاتا پەرزەنتكە قەھرى- غەزەپ بىلەن باقسىچۇ ھەرقانچە كۆپ پەرزەنىتى بولسىمۇ ئۇ پەرزەنت مېھرىنى ھىس قىلالمايدۇ.بىزنىڭ شاھىمىز ئاجايىپ مېھرىبان،ھەممىمىز ئۇنى ئۆز ئاتىمىزدەك كۆرىمىز. شۇڭا ...ھوي،سىزنى ئوردىغا باشلىماي نېمىلەرنى دەپ كەتتىمەي، جۈرۈڭ بوۋام قېشىغا كىرەيلى،-دەپ چولپان قىزنى ئوردىغا باشلاپتۇ.
-توختاڭ،بىزنىڭ مەھەللىدە توغۇلغان كۈنگە سوۋغا ئېلىپ بارىدىغان قائىدە بار ئىدى، مەن ھېچ نېمە ئالماي...، بايام يا ئۆيدە دېمەپسىز، ھېچ بولمىغاندا قونچۇقۇمنى...
-بولدى تارتىنماڭ، بايام دېدىمغۇ بوۋىمىز ئاجايىپ ئىسىل،كەڭ قوساق، ئۇ سىزنى سوۋغىسىز كەپتۇ دەپ رەنجىمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇنداق قائىدە يۇق. جۈرۈڭ، بوۋىمىز بىلەن كۈرۈشۈڭ، ئۇ سىزنى كۈتۈپ تۇرغىلى نەۋاق...
چولپان قىز ئاقكۆز يۇلتۇزنىڭ باشلىشى بىلەن ئوردىغا كىرىپتۇ-دە، ئوردا ئىچىدىكى مۆجىزە- يېڭىلىقلارنى كۈرۈپ ھۇشىدىن كەتكىلى تاس قاپتۇ.
-كىلىڭ قىزىم،كىچىكىپ قالدىڭلارغۇ؟
-شۇ...مەن...،-چولپان قىز ئاران شۇنى دىيەلىپتۇ.
-مەن ھەر كۈنى سىزنىڭ بىز ھەققىدە ئېيتقان  ناخشا، پاراڭلىرىڭىزنى ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەن. دوستلاردىن ئاڭلىسام تۇلىمۇ ئوڭلۇق، چىچەن قىز ئىكەنسىز، ئاخىرقى ئۆمرۈمدە سىزنى مۇرادىغا يەتكۈزگەچ بىر كۈرۈشۈۋالاي دەپ بۇياققا تەكلىپ قىلدىم. خالامسىزكىن ؟ ،-يۇلتۇز بوۋاي چولپان قىزنىڭ بېشىنى سېلىغاچ شۇلارنى سۇراپتۇ.
-رەھمەت بوۋا، خالىمامدىغان. بۇ كۈنلەرنى كۈرەرمەن دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن، -دەپتۇ چولپان قىز تارتىنىپقىنا.
-كۆرىسىز قىزىم، كۆرىسىز.بۇ يەردە جىق مۆجىزە-يىڭىلىقلارنى كۆرىسىز. قاراڭ ئاۋۇ سىزگە قاراپ تۇرغىنى چۈمۈچ يۇلتۇز مومىڭىز. ئىسىڭىزدە بارمىكىن، سىز كىچىك چېغىڭىزدا ئانىڭىز بىلەن بازاردىن ياناردا كەچ قىلىپ يولدىن ئادىشىپ قالغاندا سىلەرنىڭ يۇلۇڭلارنى يۇرۇتۇپ بىرىپ ئۈيۈڭلارنى تېپىۋېلىشقا ياردەملەشكەن مومىڭىز شۇ.
-راست ئىسىمگە كەلدى.ئۇ كۈنى بىز ئۆيىمىزنى تاپالماي بەك قىيلىنىپ، ھېرىپ كەتكەن ئىدۇق.شۇ چاغدا ئانام كۆككە قاراپ مېڭىشىمىز كىرەكلىكىنى ئېيتتى.راست دېگەندەك ئۇزاق ماڭمايلا ئۆيگە كىلىپ قالدۇق.ئەسلىدە ئانامغا چۈمۈچ يۇلتۇز مومام يول كۆرسىتىپ بىرىپتىكەن-ھە!شەپقىتىڭىزگە كۆپ رەھمەت، شۇتاپ سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمنى بىچارە ئانام ئاڭلىسا خۇشاللىقتىن يىغلىۋەتكەن بۇلاتتى،-چولپان قىز چۈمۈچ يۇلتۇز موماي بىلەن قۇچاقلىشىپ كۈرۈشۈپتۇ.
-بۇياق تۇرغۇن يۇلتۇز تاغىڭىز، ئۇ بەكمۇ سەگەك، بىر ئىشقا بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ.سىزنىڭ بىزگە بولغان قىزىقىشىڭىز ھەققىدىكى سۆز- چۆچەكلەرنى بىزگە شۇ يەتكۈزگەن.
-رەھمەت تاغا، سىز بولمىغان بولسىڭىز مېنىڭ بۈگۈنكى شادلىقىم بولمىغان بۇلاتتىكەن.سىز مېنى مۇرادىمغا يەتكۈزدىڭىز.جۇغراپىيە دەرسلىكىدە ئۇقۇتقۇچىمىزمۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى تۇلا قىلىدىغان، -ھە، راست قىزىم، پاراڭ بىلەن بۇلۇپ ئىسمىڭىزنى سورىماپتىمەن. ئىسمىڭىز چولپانغۇ دەيمەن.
-ھەئە،ئىسمىم چولپان.ئىسمىمنى بىلىسىزكەنغۇ؟
-تۇرغۇن يۇلتۇز تاغىڭىز ئېيتىپ بەرگەن.
-ئاتا-ئانام مېنى چوڭ بولسا ناخشا چولپىنى بۇلىدۇ دەيدۇ.لېكىن مېنىڭ يازغۇچى بولغۇم بار.
-يازغۇچىلارغا ھەۋەس قىلىدىغان ئوخشىمامسىز؟
-ھەئە،يازغۇچى تاغىلىرىمغا بەك زوقۇم بار،ئۇلارنىڭ ئويناق تىللىق شېئىرى مىسرالىرىنى، قىزىقارلىق ھېكايە-چۆچەكلىرىنى ئۇقۇسام يۈرەكلىرىم ئويناقشىپ كىتىدۇ،بەزىدە مەنمۇ چوڭ بولسام شۇلاردەك يازغۇچى بۇلۇپ تەبىئەت كىتابىنى ئۇقۇپ، تەپەككۇر قەلىمىمدە ئۆزگىچە بولغان بالىلىق خاتىرىسىنى يېزىپ چىقسام دەيمەن.
يۇلتۇز بوۋاي چولپان قىزنىڭ ھاياجانلىق سۆزلىرىدىن مەمنۇن بۇلۇپ ئۇنىڭ ئېغىزىغا قاراپلا قاپتۇ.
-قانداق بوۋا،ئىسمىم چىرايلىقمىكەن؟ 
-بەك چىرايلىق ئىسىمكەن.لېكىن...
-بوۋا، ئىسمىم سىزگە ياقمىغان ئوخشىمامدۇ؟...
-ياقتى قىزىم ، ياقتى.لېكىن مەن سىزنى يۇلتۇز قىز دەپ چاقىرايلىمىكىن دېگەن.
-نېمىشقا بوۋا؟...
- شۇ، چىرايلىق بولسۇن دەپ...
-مەيلى ئەمىسە ئىختىيارىڭىز، سىز شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز مېنى يۇلتۇز قىز دەپ چاقىرىڭ.ئاناممۇ مېنى بەزىدە شۇنداق دەپ چاقىراتتى.ئوردىدىكى پاراڭ شۇنداق قىزغىن داۋاملىشىپ تاڭغا يېقىنلىشىپتۇ.
-قىزىم چارچىدىڭىزمۇ؟
-ياق، سىزچۇ بوۋا؟
-ياق، يېنىمدا سىزدەك بىر تاتلىق نەۋرەم تۇرسا نېمىشقا چارچاي.
-بولدى بوۋا ئەمدى ئارام ئېلىڭ، ئەتە يەنە ئەلنىڭ غېمىنى قىلمىسىڭىز بولماس.
 (2)
-ياخشى تۇرۇپسىزمۇ قىزىم؟
-ھەئە،سىزچۇ بوۋا؟
-ياخشى قىزىم، مەنمۇ كۈندىكىدىن روھلۇق، تىمەن تۇرغاندەك قىلىمەن. كەيپىياتىممۇ چاغ،جۈرۈڭ بىللە ناشتا قىلايلى.
يۇلتۇز قىز بىلەن يۇلتۇز بوۋاي ناشتا قىلىشقا ئولتۇرۇپتۇ. بىرنەچچە يۇلتۇز پەرىلەر مەخسۇس تەييارلانغان نازۇ-نىئمەت، شېرىن شەربەتلەرنى داستىخانغا تېزىپتۇ.يۇلتۇز شەكىللىك نان،يۇلتۇز رەڭلىك سۇغۇق ئىچىملىك، ھەممىسى پارقىراق يۇلتۇزغىلا ئوخشايتتى.يۇلتۇز قىز بۇنداق تاتلىق،ئىسىل يىمەكلىكلەر ھەققىدىكى پاراڭلارنى پەقەت چۆچەك كىتابىدىنلا ئۇقۇغاچقا كۆز ئالدىدىكى بۇ كارامەتتىن قاتتىق ھەيران قاپتۇ.يۇلتۇز قىز كىچىكىدىن مۇشۇنداق تاتلىق- تۈرۈملەرگە ئامراق بولغاچقا بۇ قېتىم ناشتىلىقنى ئاۋالقى كۈنلەردىكىدىن خېلىلا جىق يەۋاپتۇ.
-بۈگۈن سىزنى ئالدى بىلەن ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇز ماڭا ۋاكالىتەن يۇلتۇز كۆلنى ئايلاندۇرۇپ كەلسۇن، ئاندىن ھەممىمىز بىرلىكتە مەرۋايىت دەرياسىغا بېرىپ سۇغا چۈمۈلۈپ كىلەيلى.سۇغا چۈمۈلۈشنى ياقتۇرامسىز؟
-ھەئە،لېكىن...
-نىمەلېكىن، سۇغا چۈمۈلۈشنى خالىمىسىڭىز قومغا كۈمۈلەرسىز.
-ياقەي، سىزلەرنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم. ئاتا-ئانام ئەنسىرەپ قالمىسۇن. قايتايمىكىن دەپ..
-نەدىكىنى، كەلگىنىڭىزگە ئەمدى بىر كۈن بولغان تۇرسا، سىزنى شەھرىمىزدە ياخشىراق سەيلە-ساياھەت قىلدۇرمىساق بولماس، بىلىشىمچە ئۆزىڭىزنىڭمۇ خىيالى شۇغۇ دەيمەن.
-ئۇغۇ شۇ، لېكىن،-يۇلتۇز قىز لىۋىنى چىشلىگىنىچە يەرگە قارىۋاپتۇ.ئاڭغۇچە ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇز بۇلۇت مەپىنى تەييارلاپ يۇلتۇز بوۋاينىڭ ھۇزورىغا يىتىپ كەپتۇ.
-مېڭىڭلار ئەمىسە، ئاق يول بولسۇن،-يۇلتۇز بوۋاي ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇزغا يۇلتۇز قىزنى كۆڭۈللۈك ئوينىتىشنى تاپىلاپ يولغا ساپتۇ.ئۇلار بۇلۇت مەپىدە ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۇچۇپتۇ. ئۇچۇپتۇ...
-بۇنداق گۈزەل جايلارنى كۆرمىگەن بولغىيىتتىڭىز ھەقاچان.
-ھەئە، پەقەت چۆچەك كىتاپلاردىنلا ئۇقۇغان.
-ئاۋۇ كۆرۈنگىنى تۈنۈگۈن يۇلتۇز بوۋام سىزگە تەرىپىنى قىلغان تورغۇن يۇلتۇز تاغىمىزنىڭ ئۈيى.ماۋۇ مېنىڭ ئۈيۈم.
-ئۈيىڭىز بەك چىرايلىق جايدا ئىكەن، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى بەك ساپ، سالقىنكەن.
-رەھمەت، سىزنىڭ ئۈيىڭىزمۇ مۇشۇنداق گۈزەل جايدىدۇ؟-ئاقكۆز يۇلتۇز يۇلتۇز قىزغا يۇرتىنى ئىسىگە سېلىپ سۇراپتۇ.
-ياق،-دەپتۇ يۇرتىنى سېغىنغان يۇلتۇز قىز كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ:-مېنىڭ ئۆيۈم يىراق سەھرادا، تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ گىرۋىكىدە.تۆت ئەتراپىنى قۇم بارخانلىرى قورشاپ تۇرىدۇ. يەتتە كۈننىڭ بەشىدە تۇپا- چاڭ يېغىپ تۇپىغا كۈمۈلۈپلا كىتىمىز شۇ...
-مەھەللىڭىزدىن زىرىككەن بولسىڭىز شاققىدە بۇياققا كۈچۈپ كىلىۋالامسىز -يە؟
-ياق،گەرچە يۇرتۇم يىراق سەھرادا، چۆل باغرىدا بولسىمۇ، مېنىڭ كېندىك قېنىم شۇيەرگە تۈكۈلگەن. بىزدە «تاشمۇ چۈشكەن يىرىدە ئەزىز» دەيدىغان گەپ بار. مەن يۇرتۇمنى سۈيىمەن. ئاشۇ تۇپا-توپان بېسىپ تۇرغان ئانا يۇرتۇمنى، تەر پۇراپ تۇرغان ئىشچان، ساددا خەلقىمنى ياخشى كۈرىمەن. ئۇلاردىن ئايرىلىپ ياشاشنى خالىمايمەن.كەلگۈسىدە ياخشى ئۇقۇپ ئانا يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇيۇم بار، ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ قالسا...، -يۇلتۇز قىز ھاياجاندا كۆزىنى يىراق ئۇپۇققا تىكىپتۇ.
ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇز يۇلتۇز قىزنىڭ ئۆز يۇرتى ۋە خەلقىگە بولغان چەكسىز مېھرى- مۇھەببىتىگە ئاپرىن ئۇقۇشۇپتۇ.
-يۇلتۇز كۆل چىرايلىقمۇ؟-سوراپتۇ يۇلتۇز قىز.
-ئەلۋەتتە چىرايلىق،ھېلى كۆرىسىز،-كۆككۆز يۇلتۇز يۇلتۇز كۆلنىڭ تەبىئى ئەۋزەللىكلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرگەچ يۇلتۇز قىزدىن ياندۇرۇپ سۇراپتۇ.
-راست يۇلتۇز بوۋام چولپان قىز كەلسە ئۇنىڭغا يېڭى ئىسىم ھەدىيە قىلىمەن دېگەندەك قىلغان.تۈنۈگۈن ھاردۇقتا تازا زەن سالماپتىمەن، يېڭى ئىسمىڭىز...
-يۇلتۇز قىز.
-ئوھوي، مۇبارەك بولسۇن.بۇ بەك چىرايلىق ئىسىم ئىدى.يۇلتۇز بوۋام ئاخىرى دېگىنىدەك قىلپتۇ-دە.
-بۇرۇنقى ئىسمىممۇ خېلى چىرايلىق ئىدى.لېكىن تۈنۈگۈن يۇلتۇز بوۋام شۇنداق دەپ تۇرۇۋالغاچقا ئارتۇقچە تارتىشمايلا ماقۇل دەۋەتتىم...
-بەك ياخشى قىلىپسىز.
-يۇلتۇز بوۋام ئاخىرى مۇرادىغا يىتىپتۇ-دە،-ئاقكۆز يۇلتۇزنىڭ بۇ سۆزى يۇلتۇز قىزنى قىزىقتۇرۇپتۇ.
-نېمە دېمەكچى سىز.بۇ ئىشتىن سىلەرنىڭمۇ خەۋرىڭلار بار ئوخشىمامدۇ؟
-بۇ ئىش ھەممىگە ئايان تۇرسا. يۇلتۇز بوۋام سىزگە ئېيتمىغانمۇ؟...
-نېمىنى؟...
-بوۋامنى سىزگە ئېيتقان چېغى دەپتىمىز. بۇ مۇنداق ئىش،-ئاقكۆز يۇلتۇز ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپتۇ:
-بۇرۇن يۇلتۇز بوۋىمىزنىڭمۇ چولپان ئىسىملىك سىزدەك ئۇماق، چىچەن بىر قىز نەۋرىسى بۇلىدىغان.بۇۋىمىز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئامراق ئىدىكى، بىر قەدەممۇ يېنىدىن ئايرىمايتتى.ئۇ قىز نېمە دېسە يۇلتۇز بوۋىمىز شۇنى قىلىپ بىرىپ بەك ئەتىۋارلايتتى.نېمە ئامال دەيسىز، ئۆتكەن ئايدا بىچارە قىز يۈرەك كىسىلى بىلەن ئاغرىپ بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى.بوۋىمىز ئۇماق نەۋرىسىنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا تۈگۈشۈپلا كەتكەن ئىدى.كىيىن ئاڭلىساق تۇيغۇن تاغام يۇلتۇز بوۋىمىزغا سىزنىڭ خەۋىرىڭىزنى قىلىپتۇ.دېمىسىمۇ سىز يۇلتۇز بوۋىمىزنىڭ نەۋرىسىگە بەك ئوخشايدىكەنسىز.چىرايىڭىزغۇ ئوخشىسۇن، ئىسمىڭىزنىڭ ئوخشاشلىقى چۇ تېخى.شۇنىڭ بىلەن يۇلتۇز بوۋىمىز ھەر قېتىم نەۋرىسىنى سېغىنغاندا سىزنى ئۆز نەۋرىسىنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ سىزگە تويماي قارايدىغان بۇلۇپ قالدى.سىزمۇ بەلكىم دىققەت قىلغان بولغىتتىڭىز، سىز ھەر نۆۋەت ئۆيىڭىزنىڭ دەرىزىسىدىن بېشىڭىزنى چىقىرىپ يۇلتۇزلارغا قارىغاندا كۆزىڭىزگە ئەڭ بۇرۇن چېلىقىپ سىزگە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قارىغان چوڭ يۇلتۇز دەل يۇلتۇز بوۋىمىز شۇ.بىز تۈنۈگۈن ئۇنىڭ تەلىپى بۇيىچە سىزنى ئاتايىن بۇياققا ئېلىپ چىقىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇ.ئىسمىڭىزنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك يۇلتۇز بوۋىمىز ھېلىقى نەۋىسىنى ئەركىلىتىپ «يۇلتۇز قىز»دەپ چاقىرىدىغان. شۇڭا ئۇ سىزنىمۇ شۇنداق ئاتىغان ئوخشايدۇ. تۈنۈگۈن ئۇنىڭ پىكىرىنى رەت قىلماي بەك ياخشى قىلىپسىز.بولمىسا ئۇ بەك ئازاپلىنىپ كىتەتتى.
يۇلتۇز قىز يۇلتۇز بوۋاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە يېڭى ئىسىم ھەدىيە قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشۈنۈپتۇ.
-يۇلتۇز كۆلگە يىتىپ كەلدۇق. ئاستا، ئاۋايلاپ چۈشۈڭ...
-ۋاھ، ئاجايىپ چوڭ كۆل ئىكەنغۇ بۇ، سۇلىرى قاشتىشىدەك سۈزۈك.كۆل بۇيىنىڭ تەبىئى مەنزىرىسىمۇ بەك ئۇزكەن.
-قانداق بۇ كۆل بايام دېگىنىمدەك چىرايلىقمىكەن.
-چىرايلىقكەن، دېگىنىڭىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە چىرايلىقكەن.ئاھ، مەيىن شامال...-يۇلتۇز قىز توۋلىۋەتكىلى تاسلا قاپتۇ.
-سىز ھەر قېتىم ئاسمانغا قارىغىنىڭىزدا كۆزىڭىزگە كۆرۈنگەن كۆكلۈك دەل مۇشۇ يۇلتۇز كۆل.چوڭلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ كۆلنىڭ كۈلىمى بىلەن چوڭقۇرلىقىنى تاھازىرغىچە ھېچ كىشى بىلەلىگەن ئەمەسمىش، لېكىن بۇ كۆل توغرىسىدىكى تىلسىم رىۋايەتلەر ھامان ھەممىمىزنىڭ يادىدا...
چوڭلارنىڭ ئېغىزىدىن يۇرت تارىخى،ئەجداد يىلتىزى ھەققىدە گەپ چىقسىلا ئاخىرىنى ئاڭلاپ تۈگەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان يۇلتۇز قىز يۇلتۇز كۆل ھەققىدىكى رىۋايەتكە قىزىقىپ قاپتۇ.
-بىزنىڭ يۇرتتىكى مازار تاغ قەلئەسى بىلەن چىنار شاھى ھەققىدىلا رىۋايەت بارمىكىن دېسەم، سىلەرنىڭ بۇ كۆلىڭلارنىڭمۇ قىزىقارلىق ھېكايىسى بار ئوخشىمامدۇ؟...
- شۇنداق، ئاڭلاپ باقامسىز؟...
- مەھەللىگە قايىتقاندا يۇلتۇز كۆل ھەققىدە دوستلىرىمغا سۆزلەپ بەرمىسەم بولماس، بۇ رىۋايەتنى ئاڭلاپ يانمىسام ئارماندا قالارمەن.
يۇلتۇز قىزنىڭ خۇش تەبەسسۇم ئۈتۈنۈشى كۆككۆز يۇلتۇزنى يۇلتۇز كۆل ھەققىدە سۆزلەشكە مەجبۇرلاپتۇ.
-بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى ئەتىياز پەسلىنىڭ بىر ئازنى كۈنى كەچتە شەھرىمىزدە ھەپتە ئون كۈن توختىماي قارا بۇران چىقىپتۇ. شەھرىمىزدىكى چوڭ-كىچىك يۇلتۇزلار قورققىنىدىن غال-غال تىتىرەپ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپتۇ.تەڭرىدىن ئۆزلىرىگە مېھرىبانلىق تىلەپتۇ.
نېمە گۇناھ ئۆتكۈزدۇق،
بىلمىدۇق توۋۋا.
باشقىلارغا ئەسكىلىك،
قىلمىدۇق توۋۋا.
 
ۋاپا قىلىپ ھەممىگە،
ئۆتتۇق داۋاملىق.
كەچۈر بىزنى ئىلاھىم،
بەرگىن ئامانلىق.
 
شەپقەت قىلغىن بىزلەرگە،
توختىسۇن بۇران.
مېھرىڭ بىلەن زۇلمەتتىن،
يۇرىسۇن جاھان.
......
يۇلتۇزلارنىڭ نالە-زارى چېكىگە يىتىپ، قارا بۇران شىپپىدە توختاپ پۈتۈن جاھان ۋاللىدە يۇرۇپ كىتىپتۇ-يۇ، ئىشنىڭ يامىنى شۇ چاغدا چىقىپتۇ.
بۇران توختاپ يۇلتۇزلار ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي چۇچۇپ كېتىپتۇ.چۈنكى، يۇلتۇز شەھرىنى پۈتۈنلەي قۇم بېسىپ سىلەرنىڭ تەكلىماكاندەك چەكسىز قۇملۇققا ئايلىنىپ كەتكەن ئىكەن.ئەڭ يامان بولغىنى بۇ قېتىملىق بۇراندا يۇلتۇز شەھرىگە سۇ كىرىدىغان بارلىق ئېقىنلار كۈمۈلۈپ سۇ مەنبەيىمىز ئۈزۈلۈپ قالغاچقا يۇرتىنى قايتا قۇرۇپ گۈللەندۈرۈشكە كۆزى يىتمىگەن ئاتا-بوۋىمىز تەڭرىگە يېلىنىپ قاتتىق يىغلاپتۇ:
بۇران چىقىپ يۇرتىمىز،
ۋەيران بولدى.
خۇشال-خۇرام بەختىمىز،
سەرسان بولدى.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...
قىلمىغان بىز ھېچ كىشىگە،
ئاچچىق يامانلىق.
تىلەر ئىدۇق سەندىن كۈندە،
بەخت- ئامانلىق.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...
 
كەتكەن بولسا خاتا-سەھۋەن،
قىلغان ئىشىمىز.
كەچۈر بىزنى، سەن ئۈچۈنلا،
ئاقتى يېشىمىز.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...
 
توۋۋا...توۋۋا... مىڭ بىر توۋۋا،
قىلغان گۇناھقا.
ئۇلۇغ تەڭرىم ئالغىن بىر رەت،
بىزنى پاناھقا.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...
 
بەرگىن بىزگە ئىلاھىم بىر،
يېڭى ھاياتلىق.
يۇرتىمىزدا جۇش ئۇرسۇن ئاھ!...
قايتا ئاۋاتلىق.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...
 
ئەقىدەڭدە چىڭ تۇرىمىز،
جېنىمىز پىدا.
ئىبرەت بولسۇن جىمى ئەلگە،
بىز قىلغان نىدا.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...
 -كىيىن قانداق بۇلۇپتۇ؟-يۇلتۇز قىز كۆككۆز يۇلتۇزنىڭ ھېكايىسىنىڭ داۋامىغا قىزىقىپ گەپ كوچىلاشقا باشلاپتۇ.
-كىيىن قانداق بۇلاتتى،- ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى ئاقكۆز يۇلتۇز داۋاملاشتۇرۇپتۇ:- بىرچاغدا مېھرىبان تەڭرىنىڭ ئاتا-بوۋىمىزغا رەھىمى كەلدىمۇ-تاڭ، تۇيۇقسىز يۇرتداشلارنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش بىر ئورەككە يىغىلىپتۇ-دە، شىددەتلىك ئېقىن راسلاپ ئەسلىدىكى قېرىم-ئېتىزلارنى بويلاپ ئېقىپتۇ. ھەش-پەش دېگۈچە شەھەرنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتى ئەسلىگە كىلىپ ھەممەيلەننىڭ چېھرىنى شادلىق بىر ئاپتۇ…
-دېمەك، بۇ كۆل ئەينى چاغدا يۇلتۇزلار جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆز يېشى يىغىلغان ئۆرەكتىن شەكىللەنگەن ئىكەن- دە.
- ھوي!... نېمە دېگەن ئەقىللىق سىز. تۇيغۇن يۇلتۇز تاغامنىڭ سىزنى يۇلتۇز بوۋامغا ماختاپ بەرگىنى بىكار ئەمەسكەن-دە.
-ياقەي، مۇنداقچە پەرز قىلىپ باقتىم-شۇ.
- شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ كۈتۈشى بىلەن بۇ كۆل شەكىللىنىپ پۈتۈن يۇلتۇز شەھرىمىزنى قايتىدىن ھاياتلىق مەنبەسىگە ئىگە قىلىپ ئەسىرلەردىن بۇيان قۇرۇپ كەتمەي مۇشۇ كۈنگە ئۇلىشىپتۇ.
- سىلەرمۇ خېلى يامان يىغلاڭغۇلاردىن ئىكەن سىلەر جۇمۇ. قانداق ھازىرمۇ يىغلاپ تۇرامسىلەر؟…
-ھا…ھا…ھا…
-يىغلايمىز، يىغلايمىز….ھەر قېتىم ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك سىلەر ئۈچۈن بولسىمۇ بىر يىغلايمىز. شۇ چاغدا يۇلتۇز كۆلنىڭ سۈيى تېشىپ سىلەرنىڭ مەھەللىگە قاراپ ئاقىدۇ.
-نېمە؟…
-مۇنداقلا دەپ قويدۇم. مەھەللەڭلەردە ھەر قېتىم يامغۇر ياققاندا بىز ئاللىبۇرۇن يىغىدىن توختاپ بولغان بۇلىمىز.
-ھە، ئەمدى بىلدىم. مەھەللىمىزنى ياشناتقان يامغۇر ئەسلى سىلەرنىڭ يېشىڭلار ئىكەندە.
-شۇنداق.
-ئۇنداقتا دوستلىرىمنى چاقىرىپ سىلەرگە رەھمەت ئېيىتسام بولغىدەك…
-ياقەي، تۈزۈت قىلماڭ. ھە راست،بۇنداق كۆللەردىن سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردىمۇ بارغۇ دەيمەن؟
-ئون نەچچىسى بار، بۇغدا كۆلى، باغراش كۆلى، سايرام كۆلى، قاناس كۆلى، لوپنۇر كۆلى دېگەندەك...
- كۈلىمى بۇنچىلىك چوڭ ئەمەستۇ بەلكىم.
-شۇنداق، لېكىن كۈلىمى بۇنىڭدەك چوڭ بولمىسىمۇ، مەنزىرىسى بۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ.
-بىزمۇ بىر بېرىپ كۆرۈپ كەلسەك بولغۇدەك ئەمىسە قانداق دېدىم كۆككۆز.
-چىرايلىقلىقى چىرايلىق، لېكىن بىزنىڭ دائىملىق، ئۆلچەملىك باشقۇرۇشىمىز سەل كەمچىل بولغاچقا ساياھەت ئىشلىرىنى ئانچە تەرەققى قىلدۇرۇپ كىتەلمىدۇق
-باشقۇرۇش ياخشى بولمىسا كۆل دېگەن چۆل بۇلۇپ كىتىدىغان، بۇنى بىلىدىغانسىلەر.
-نېمىسىنى دەيسىز، راستلا شۇنداق بۇلىدىكەن. بىزنىڭمۇ لوپنۇر كۆلىمىز پەرۋىشسىزلىق تۈپەيلى چۆللىشىپ كەتتى. نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدا جەننەتتەك بىر گۈزەل ماكان كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھالاكەت دېڭىزىغا ئايلىنىپ نۇرغۇن جانلىق نابۇت بولدى. ئىسىت، پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدىكەن.
-راست دېدىڭىز.بىزمۇ بۇ كۆلنى مەخسۇس مۇھاپىزەت قىلىمىز.سىلەرمۇ دەرھال باشقا كۆللىرىڭلارنى قوغداشنى كۈچەيتىڭلار. بولمىسا ئۇلاردىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىلەر.
-شۇنداق قىلىمز ئەلۋەتتە، يۇرتداشلارمۇ بۇ ئىشقا جىددى قاراۋاتىدۇ. ئۇھ، بەك ھېرىپ كەتتىم. ۋاقىتمۇ بىر چاغ بۇلۇپ قاپتۇ. قايتايلىمىكىن.
-مەيلى،ئىختىيارىڭىز.
يۇلتۇز قىز ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇزنىڭ ھەمرالىقىدا ئوردىغا قايتىپ يۇلتۇز بوۋاي بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشۈپتۇ.
-قانداق قىزىم يۇلتۇز كۆل چىرايلىقمىكەن؟
-ئاجايىپ چىرايلىقكەن.مەن ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئاۋارە بۇلۇپسىز.
-ياقەي،تىز چۈشلۈك تاماقنى يەپ تەييارلىنىڭ،ئەمدى مەرۋايىت دەرياغا بارىمىز.
-مەرۋايىت دەريا يىراقتۇ ھەقاچان؟
-خېلىلا يىراق، قورقىۋاتامسىز؟
-ئازراق، لېكىن قۇروقتۇم دەپ كۆرمەي كەتسەم بولماس.
-مانا ماۋۇ گىپىڭىز بەلەن بولدى.تىز تەييار بۇلۇڭ ئەمىسە، مەرۋايىت دەرياغا مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە بارىمەن.
يۇلتۇز قىز يۇلتۇز بوۋاينىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن سەكرەپ كىتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كىيىن يۇلتۇز بوۋاي يۇلتۇز قىزغا ھەمرا بۇلۇپ مەرۋايىت دەريا بۇيىغا قاراپ يول ئاپتۇ.
-ھارمىغانسىز قىزىم.
-ياقەي،بۇ يەرلەرنى كۆرۈپ ھاردۇقۇم لىپپىدە چىقىپ كەتتى،بەك ياقتۇرۇپ قالدىم، يۇلتۇز شەھرى تەسەۋۇرۇمدىكىدىنمۇ بەك يېقىشلىقكەن.
-شۇنداق، بۇ زېمىننىڭ ھەقىقەتەن ماختىغۇچىلىكى بار. تەڭرى ئوڭ كۆزىدە باققان ماكان بۇ، خەلقىنىڭ ئاقكۆڭۈل، ساداقەتمەن، چىقىشقاقلىقىنى بىر دېمەڭ تېخى.
-بوۋا، نەۋرىڭىز چولپانمۇ بۇ يەرلەرگە كىلىپ باققانمۇ؟
نەۋرىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان يۇلتۇز بوۋاي جىمىپ قاپتۇ.
-بوۋا، سىزگە نىمە بولدى. رەنجىپ قالمىغانسىز؟
-نەۋرەم ئىسىمگە كىلىپ شۇ، ھەممىدىن خەۋەر تېپىپ بۇلۇپسىز- دە،- يۇلتۇز بوۋاي كۆز يېشىنى سۈرۈتكەچ يۇلتۇز قىزدىن سۇراپتۇ.
-ھەئە،ئاقكۆز ئاكام ئېيتىپ بەردى.
-نەۋرە قىزىم چولپانمۇ بۇ يەرلەرنى بەك ياخشى كۆررەتتى. بۇلۇپمۇ مۇشۇ مەرۋايىت دەريا بۇيىنى،شۇڭا سىزنىمۇ نەۋرەمنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ بۇ يەرگە باشلاپ كىلىشىم.
- بوۋا بۇ دەريانى نېمە ئۈچۈن مەرۋايىت دەريا دەيمىز؟
- بۇ دەريانىڭ باش ئېقىنى سىلەر بايام كۆرۈپ كەلگەن يۇلتۇز كۆلدە بۇلۇپ، مەن ئەقلىمنى بىلسەممۇ شۇنداق ئاتىلىپ كەپتىكەن. بوۋامنىڭ دېيىشىچە: يۇلتۇز كۆل شەكىللەنگەندىن كىيىن يۇلتۇز جەمەتىدىكىلەر سۇ ئىزدەپ تەرەپ-تەرەپتىن بۇ كۆل بۇيىغا ۋە يۇلتۇز كۆلدىن ئېقىپ كەلگەن بۇ غول ئېقىن بويلىرىغا كۈچۈپ كىلىپ ماكانلاشقانكەن.دەريادىكى مەرۋايىتقا كەلسەك، ئۆز ۋاقتىدا ئاتا-بوۋىمىز قارا بۇران چىقىپ ئۆزلىرىگە كەلگەن بالايى-ئاپەتنىڭ ئەل-جامائەتنىڭ قەلبىدىن مېھرى-شاپائەتنىڭ كۈتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى بىلگەن چاغدا ئۆيلىرىدىكى بارلىق ئۈنچە مەرۋايىت، ئالتۇن- كۈمۈشنى نەزىر-چىراق ھېسابىدا يۇلتۇز كۆلگە چېچىۋەتكەن بولغاچقا كىيىن يۇلتۇز كۆلدىن ئاققان ئېقىنلارنىڭ سۈيى ئۇلغىيىپ كۆلدىكى بايلىقىنى ئاستا-ئاستا ئېقىتىپ چىقىشقا باشلاپتۇ.شۇنىڭدىن بۇيان بۇ دەرياداخېلى ئۇزۇنغىچە مەرۋايىت ئېقىپتۇ.ئۇ مېنىڭ بوۋامنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ياشاپ ئۆتكەن زامانلار بۇلۇپ، يۇرتىمىز بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل چاغلار ئىكەنمىشكەن.كىيىن نېمە بولدى، يۇتىمىزغا كۆز تىگىپ بۇ دەريادىكى مەرۋايىتلارنىڭ ھەممىسى تاشقا ئايلىنىپ كىتىپتۇ...
بۇ دەريا يۇلتۇز شەھرىمىزنى دەل ئوتتۇرىدىن كىسىپ ئۆتىدۇ. ئۇ بىزنى، بۇ شەھەرنى مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇرغان ئانا دەريا. نەچچە ئەۋلاد مۇشۇ دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىپ كەپتىمىز. سۇلىرى مەرۋايىتتا چايقالغاچقىمىكىن شۇنداق تاتلىق…قاراڭ، ئاۋۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنى ئاق بۇلۇت تېغى. خالىسىڭىز ئاق بۇلۇت چۇققىسىغا چىقىپ ئويناپ چۈشىمىز. ھە راست، قىزىم. سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردىكى دەريالاردا گۆھەر ئاقارمىش -ھە؟
-شۇنداق، يېقىنقى يىللاردىن بىرى تەڭرى رىسىقىمىزنى كەڭ قىلغاچقا دەريا ئېقىنلىرىمىزدىن گۆھەر چىقىۋاتىدۇ.
-سىلەرنىڭ خوتەن ئۇلۇغلارنىڭ نەزىرى چۈشكەن يۇرت.ھېلىغۇ تېشىڭلار گۆھەركەن، سۈيۈڭلارنى زەمزەم، توپرىقىڭلارنى ئالتۇن قىلىپ بەرسىمۇ ئەرزىيدۇ.
-يۇرتۇم خوتەننى خېلى ياخشى چۈشۈنىدىغان ئوخشىمامسىز؟
-شۇ سىزگە يۇلۇققاندىن بىرى قىزىقىپ قالدىم.
-مەرۋايىت دەرياسى ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا ماس مەرۋايىت ئىكەن، سۇلىرى ئەينەكتەك سۈزۈك، قىرغاقلىرى كەڭتاشا.تەبىئىكەن.كۆرمەي قايتقان بولسام پۇشايماندا قالىمەنكەن.
 ئۇلار مەرۋايىت دەريا بۇيىدا كەچكۈچە ئويناپ، زۈمرەتتەك سۈزۈك سۇغا قانقۇچە چۈمۈلۈپ ئوردىغا يېنىپتۇ-دە، بىر كۈن ساياھەتتە ھېرىپ ھالى قالمىغان يۇلتۇز قىز بالدۇرلا ئۇخلاپ قاپتۇ.
3
ئەتىسى ئەتتىگەنلىك ناشتىدا يۇلتۇز قىز يۇلتۇز بوۋايغا:-ئۆيدىن ئايرىلغىنىمغىمۇ ئۈچ كۈن بۇلۇپ قاپتۇ.سىلەرنى دېسەم بۇ يەردە مەڭگۈ تۇرۇپ قالسام دەيمەن.لېكىن شۇ تاپ ئاتا-ئانام ئەنسىرەپ ...،-دەپ قايتىپ كېتىش ئويىنى بايان قىپتۇ ۋە يۇلتۇز بوۋايدىن ئۆزىنىڭ قايتىشقا رۇخسەت قىلىشىنى ئۈتۈنۈپتۇ.
-ماقۇل قېزىم،ئاتا-ئانا ئۈچۈن پەرزەنت مېھرىدىن ئارتۇق نەرسە يۇق، مەنمۇ پەرزەنت دەردىنى كۆپ تارتقان ئادەم. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ كۆڭلى ماڭا بەش قولدەك ئايان، شۇ تاپ سىزدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بۇلۇپ كەتكەندۇ. ئەگەر قۇشۇلسىڭىز،تۇقۇمىچى يۇلتۇز ھەدىڭىز سۈرىتىڭىزنى بۇلۇت شايىغا كەشتىلىۋالسۇن، سىزنى سېغىنسام قاراپ ئولتۇرارمەن.
-ئەلۋەتتە قۇشۇلىمەن.مەنمۇ رەسىم سىزىشنى بەك ياقتۇرىمەن. بۇلۇپمۇ سىلەرنىڭ رەسىمىڭلارنى سىزىشنى...
تۇقۇمىچى قىزلار ھەش-پەش دېگۈچە يۇلتۇز قىزنىڭ سۈرىتىنى بۇلۇت شايىغا كەشتىلەپ بۇلۇشۇپتۇ.يۇلتۇز بوۋاي ئۇنى ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇزنى ھەمراھ قىلىپ مەھەللىسىگە ئۇزۇتۇپ قويۇپتۇ.
-خوش بوۋا،ئامان بۇلۇڭ.
-خوش قىزىم.كىلىپ تۇرۇڭ.
ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا مەھەللىدىن قانداق چىققان بولسا مەھەللىگە يەنە شۇ يۇسۇندا قايتىپ مېڭىپتۇ.
-رەھمەت ئاقكۆز، كۆككۆز ئاكىلار، سىلەرنى بەك ئاۋارە قىلدىم.
-ھېچقىسى يۇق،سىزلا خۇشال بۇلىدىغان ئىش بولسا بىزگە سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش شەرەپ.
-سىلەردىن ھېچ ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ.
-بىزنىڭمۇ شۇنداق، كۆرۈشۈپ تۇرارمىز. سىز ئاسمانغا بوي سۇزۇشقا ئىرىنمىسىڭىزلا بىز دائىم سىزنىڭ يۇلىڭىزغا قارايمىز.
-مەن سىلەرنى ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن.لېكىن سىلەر مەن بىلەن قېرىشقاندەك كۈندۈز كۈنى ئۆيۈڭلارغا مۈكۈۋالىدىكەنسىلەر.كەچ تەرەپتە ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇقلىرىم تېخى كۆپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام چارچاپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ بالدۇر ئۇخلاشقا زورلايدۇ.
ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇز يۇلتۇز قىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆلۈپ كېتىپتۇ؛ -جۇغراپىيە دەرسلىكىدە ئۆگەنمەپسىز-دە، بىز كۈندۈزىمۇ ھېچ يەرگە مۈكۈۋالمايمىز، يەنىلا سىزگە قاراپ تۇرىمىز شۇ.
-نېمە؟مېنى  گۆدەك چاغلىماڭلار، مەن نەچچە قېتىم كۈندۈز كۈنلىرى سىلەرنى كۈرۈش ئىستىكىدە ئۆگزىگە چىقىپمۇ قاراپ باققان تۇرسام. ئۆزەڭلار تۈگۈل سايەڭلارمۇ كۈرۈنمىگىنى قىزىق.
-بەك چاقچاقچى ئىكەنسىز، بىز كۈندۈز كۈنلىرىمۇ ھامان كۆكتە چاقناپ تۇرۇۋىرىمىز.لېكىن كۈندۈز كۈنى قۇياش بوۋايمۇ ئاسمانغا چىقىپ سىلەرنىڭ يۇلۇڭلارنى يۇرۇتقاچقا ئۇنىڭ كۈچلۈك نۇرى ئاستىدا بىزنىڭ ئاجىز نۇرىمىز ئانچە رۇشەن چاقنىمايدۇ شۇ.كۈندۈز كۈنلىرى بىزنى ئىنىق كۆرەلمەسلىكىڭلارنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىن.
-ھە ئەمدى چۈشەندىم،بۇرۇن سىلەردىن بىكاردىن–بىكار ئۇرۇنسىز ئاغرىنىپ يۈرۈپتىمەن. ھوي،ئاقكۆز ئاكا بۇلۇت مەپىنى توختۇتۇڭ، مەھەللىمىزدىن ئۈتۈپ كەتكىلى تاس قاپتىمىز.
-گەپ بىلەن بۇلۇپ كېتىپ ھەممىنى ئۇنتۇپتىمىز ئەمەسمۇ. خوش ئەمىسە، دوستلىرىڭىزغا بىزدىن سالام دەڭ؟
-رەھمەت،سىلەرنى بەك ئاۋارە قىلدىم.بولدى قايتىپ كېتىڭلار.
-خوش ئامان بۇلۇڭ...
يۇلتۇز قىز ئاقكۆز يۇلتۇز ۋە كۆككۆز يۇلتۇزلار بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆيىگە كىرىپتۇ. يۇلتۇز قىز ئەسلىدە ئاتا-ئانام مېنى ئىزدەپ بەك ئەنسىرەپ كەتكەندۇ دەپ ئويلىغان بولسىمۇ،لېكىن ئىش ئۇنىڭ ئويىدىكىدەك چىقماپتۇ. ئۇ ھويلىغا كىرگەندە ھەجەرخان موماي سۇپىنى تازىلىۋاتقان ئىكەن.
-ئاخشام قېرى تۇخۇدەك نېمانچە بالدۇر يېتىۋالىدىكىن دېسەم ئەسلىدە بالدۇر تۇرۇشنى ئويلىغان ئىكەنسەن-ھە. ماڭ،چاپسان چېيىڭنى ئىچ.
يۇلتۇز قىز ئۆزىنىڭ يۇلتۇزلار شەھرىگە كەتكىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇيمىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغىنىغا تېخى نەچچە سائەتلا بولغانلىقىنى بىلىپتۇ.
-چولپان، چولپان ئۆرنۇڭدىن تۇرە قىزىم،كونىلار «سەھەر تۇرغان سائادەت، چۈشتە تۇرغان كاساپەت»دەپتىكەنتۇر، چېيىڭنى ئىچىپ مەكتەپكە مېڭىشقا تەييارلان.
چولپان قىز ھەجەر موماينىڭ نۇقۇشى بىلەن شىرىن ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ، ئۆزىنى ياتاق ئۆيىدە كۆردى-دە، باياتىن بىرى يۇلتۇزلار شەھرى توغرىسىدا ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، خۇشاللىقىدىن ناشتىمۇ قىلمايلا مەكتەپكە مېڭىشقا تەمشىلدى.ئۇ شۇتاپ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى دوستلىرىغا ئېيىتپ بىرىشكە ئالدىراۋاتاتتى.
شۇنداق قىلىپ يۇلتۇز قىز چۈش كۆرگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ئاسمانغا چولپان ئىسىملىك يەنە بىر يۇلتۇز پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ.يۇلتۇز بوۋاي ھەر قېتىم نەۋرىسى ۋە يۇلتۇز قىزنى سېغىنغاندا ئۇنىڭ ھېلىقى چاغدا تۇقۇمىچى قىز يۇلتۇزلار بۇلۇت شايىغا كەشتىلىۋالغان سۈرىتىگە ئوتلۇق مېھرى بىلەن قارارىغاچقا ھېلىقى يۇلتۇز ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇزلاردىن بەكرەك چاقناق كۆرۈنەرمىش.كىچىك دوستلار جۈرۈڭلار، ئاسماندىكى چولپان يۇلتۇزغا قاراپ باقايلى. ئۇ راسىتلا ھاشىم بوۋاينىڭ قىزىمۇ ئەمەسمۇ...
 
ئاپتۇرنىڭ شنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان«يۇلتۇز قىز»ناملىق ھېكايە-چۆچەكلەر توپلىمىدىن ئېلىندى
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار