ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئىسىمدىكى ھېكمەتلەر باغۋەن بوۋاي گومۇش شاھزادە بىلەن ئەڭ چوڭ بەخت - خاتىرج

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > چۆچەك > تولۇق مەزمۇنى

ئەڭ چوڭ بەخت - خاتىرجەملىك (چۆچەك)

ۋاقىت : 2015-05-16 19:48 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئەڭ چوڭ بەخت - خاتىرجەملىك (چۆچەك)

چەت سەھرالارنىڭ بىرىدە بىر خالۋاپ بوۋاي بولۇپ، ئۆمرى ھەرخىل گىلەملەرنى توقۇش بىلەن ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ بوۋىسى، بوۋىسىنىڭمۇ بوۋىسى خالۋاپ ئىكەن. بىراق، بوۋايغا كەلگەندە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھەرخىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپتۇ. بوۋاي بولسا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ خالۋاپلىقنى، بۇ كەسىپ ئۇنى بېيتماپتۇ ھەم ئاچمۇ قويماپتۇ. ئەمما كۈنىنى ناھايىتى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ يۈرۈپتۇ، توقۇغان گىلەملىرىنى نان تەگكۈدەكلا يېرى بولسا سېتىپ، ئارتۇق باھا تالىشىپ يۈرمەپتۇ. خالىغان كۈنلىرى ئوبدانراق ئىشلەپ قويسا، خالىغان كۈنى ئۇخلاپ ئارام ئېلىپ، بارغۇسى كەلگەن يەرلەرگە بېرىپ يىگۈسى كەلگەننى يەپ ئازادە تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپتۇ، بالىلىرىنىڭ شەھەرگە ئېلىپ كېتىش تەكلىپىلىرىنىمۇ چىرايلىق رەت قىلىپتۇ.
بىر كۈنى بۇ يېزىغا بىر ئاسار ئەتىقەشۇناس كەپتۇ. ئۇ يېزىنى ئايلىنىپ بوۋاينىڭ دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بوۋاي ئاستىغا سېلىپ ئولتۇرغان كونا گىلەمگە كۆزى چۈشۈپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ تەجىرىبىسى بويىچە بۇ گىلەمنىڭ ئادەتتىكى گىلەم ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلىپ دەرھال بوۋاينىڭ ئالدىغا كەپتۇ ھەم گىلەمنى سىلاپ - سىيپاپ، ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىپتۇ.
-كەم دېگەندىمۇ ئون ئەسىر ئىلگىركى گىلەم بۇ!.-دەپ توۋلاپ كېتىپتۇ ئاسار ئەتىقەشۇناس.  بوۋاي ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇقالماي؛
-نېمىشقا پالىسىم بىلەنلا قالىسىز؟ گىلەم دېسىڭىز دۇكىنىمدا بار، كۆرۈپ بېقىڭ، بۇ تۈكى چۈشۈپ كەتكەن پالاسنى كۆرۈپ نىمە قىلىسىز؟-دەپ سوراپتۇ.
 - ياق، ماڭا مۇشۇ پالىسىڭىز كېرەك، ئەگەر سېتىپ بەرسىڭىز، 50مىڭ يۈئەن بېرىمەن!-دەپتۇ ئاسار ئەتىقەشۇناس.
-ياق، بۇ پالاسنى ساتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئاتا -بوۋىمىزدىن قالغان تەۋەررۈك. ئۇ ھەر قانچە جىق پۇلغا يارىسىمۇ ساتمايمەن، بۇ كونىراپ كەتكەن پالاسنى شۇنچە جىق پۇلغا ئېلىشىڭىزنىڭ ۋەجى نېمىكىن؟-دەپتۇ بوۋاي ھەيران بولۇپ.
-بۇ ئەسكى پالاس ئەمەس، گۆھەر. بۇ گىلەمنىڭ توقۇلغانلىقىغا كەم دېگەندىمۇ مىڭ يىل بولغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرمامدۇ؟ تارىخنىڭ گۇۋاھى، تارىخنىڭ گۇۋاھى!-دەپتۇ ئاسار ئەتىقەشۇناس ھاياجانلىنىپ. 
  شۇنچە تالاش -تارتىش قىلىنغان بولسىمۇ، بوۋاي كونا گىلەمنى سېتىشقا ئۇنىماپتۇ، ھېلىقى ئاسار ئەتىقەشۇناس نائىلاج كېتىپ قاپتۇ. بوۋاي ھىچ ئىش بولمىغاندەك چېيىنى ئېچىپ، يېگۈسى كەلگەننى يەپ، ئۇيقۇسى كەلگەندە ئوخلاپ يۈرۈۋېرىپتۇ. ئەمما، كونا گىلەمنىڭ شۇنچە پۇللۇق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر پۈتۈن يېزىغا تارالغاندىن كىيىن بوۋاينىڭ شەھەردىكى بالىلىرىنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋاينىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشى بۇزۇلۇپتۇ. ھېلى قوشنىسى پۇل سوراپ كەلسە، ھېلى بىر ھەقەمسايىسى پۇل سورايدىكەن، ئارىدا يىل - يىللاپ قارىسنى كۆرسەتمەيدىغان بالىلىرى  ئۆي ئالماقچىدۇق ۋە ياكى سودا قىلماقچى بولغانىدۇق دېگەندەك  سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ پۇل سوراپتۇ. بوۋاينىڭ ئۇيقۇسى ھارام بولۇپ، يېگەن -ئىچكىنى زەھەرگە ئايلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋاي كونا گىلەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي تەڭلىكتە قاپتۇ. 
 ئاسارئەتىقەشۇناس ئىككىنچى قېتىم كېلىپ كونا گىلەمگە 200 مىڭ يۈەن بەرمەكچى بوپتۇ، شۇ چاغدا بوۋاي مەھەللىدىكىلەرنى ھويلىسىغا چاقىرىپ كەپتۇ:
 ــ خالايىق، مانا  بۇ كونا گىلەمنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، بۇ ئاتا -بوۋامدىن قالغان تەۋەررۈك ئىدى. بۈگۈن مەن ئۇنى كۆز ئالدىڭلاردا كۆيدۈرۋېتىمەن، چۈنكى ئۇ خاتىرجەم تۇرمۇشۇمنى بۇزدى، غەمسىز ئادەم ئىدىم، پۇت -قۇلۇم بوغۇچلىنىپ، ئەركىمدىن ئايرىلدىم، ئۇنى كۆيدۈرمىسەم، ئەجىلىمدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكۈدەكمەن، ــ بوۋاي سۆزىنى تۈگىتىپلا گىلەمگە ئوت يېقىۋىتىپتۇ. 
تۇرمۇشتىن ھەقىقىي بەھىر ئالىمەن دەيدىغان ئادەم ئۈچۈن ئارتۇق دۇنيانىڭ زۆرۈرىيتى يوق. خالۋاپ بوۋايغا نىسبەتەن ئۆيىنىڭ ئوردا- سارايدەك ھەشەمەتلىك، يوغان بولۇشى ئەھمىيەتسىز، ئۇنىڭغا ئەڭ كېرەك بولىدىغىنى مەلۇم جەھەتتە ھاجىتىنى راۋا قىلىدىغان ئۆي بىلەن ئارامخۇدا ئۇخلىغىلى بولدىغان بىر كارۋات.  ئۇنىڭغا راھەت بىلىنىدىغىنى، تاۋار-دۇردۇن، يىپەك-مەشۈتلەردىن تىكىلگەن كىيىم ئەمەس، پاختا رەختتىن  تىكىلگەن ئاددىي كىيىم. ئۇنىڭغا لەززەت بېغىشلايدىغىنى، تۈرلۈك نازۇ-نىمەتلەر ئەمەس، قېتىققا چىلاپ يېگەن زاغرا، چامغۇر توغراپ   ئېتىلگەن تەملىك ئۇماچ.
 بىر ئادەم ئۈچۈن تۇرمۇش شۇنچىلىك ئاددىي، يەپ-ئىچىشنىڭ، كىيىنىشنىڭ ھېچقاچان مۇقىم ئۆلچىمى بولغان ئەمەس، ھەشەمەتلىك يەپ -ئىچسىڭىزمۇ، ئاددىي يىسىڭىزمۇ ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت تەننىڭ تەلىپىنى ئىجابەت قىلىىپ، ياشاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تۈرلۈك نازۇ نېممەتلەرنى يەپ، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىدىغان زاتى مۇبارەكلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئاددىي -ساددا تۇرمۇشتا ياشايدىغانلارنىڭ قىسقا ئۆمۈر كۆرۈشى ناتايىن، ھەتتا دائىم جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، تۇرمۇشى ئاددىي -ساددا ئۆتىدىغان ئادەملەرنىڭ باي -باياشات ئادەملەردىن ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. 
 پايدا- مەنپەئەتكە كەلگەندە سالماق، ئاقىلانە مۇئامىلە بولۇش ئاسان ئەمەس، كۆڭۈل دېگەننىڭ شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلانمىقى مۈشكۈل ئىش. ئەمما پۇلدارلىق بىلەن ئازادىلىك ۋە خاتىرجەملىك بىر گەپ ئەمەس، پۇل - مالنى تۇغۇلغاندا بىللە ئېلىپ كەلگىلى بولمىغاندەك، ئۆلگەندىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. ھاياتتىن ھەقىقىي ئىزدەيدىغىنىمىز ئەمەلىيەتتە خالۋاپ بوۋايدەك خاتىرجەم ۋە ئازادە ياشاشتىن ئىبارەت .نەپسىنى تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى  ئىككىلەنمەي ۋاز كىچىش، ئارتۇقچە تەلەپ - ئارزولارغا چەك قويۇلغاندا بوينىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بويۇنتۇرۇقلاردىن خالى بولۇپ، ئەركىن نەپەس ئالالايمىز. تۇرمۇشتا ئاچ كۆزلۈكىڭىز ۋەجىدىن سەمىمى دوستقا ئېرىشەلمەيسىز، تىجارەت قىلىۋاتقان بولسىڭىز ئاچ كۆزلۈك قىلغىنىڭىز ئۈچۈن، ئىگىلىكىڭىز روناق تېپىشنىڭ ئەكسىچە كەيىنگە دەسسەيدۇ. ئادەمنىڭ نەپسىنى تىزگىنلىمىكى قىيىن. ناۋادا ۋاز كېچىشكە جۈرئەت قىلسىڭىز روھىڭىزنى قىسىپ تۇرغان بويۇنتۇرۇقلار بارغانسېرى ئېغىرلايدۇ . خۇشال - خۇرام  ياشاش ئىمكانىيتى بولمايدۇ. نەپسىڭىزنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تارتالىسىڭىز  ئازادە روھىي ھالىتىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز، شادلىق ھەمىشە سىزگە ھەمراھ بولىدۇ.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار